(ئەدەبىي ئاخبارات)
نۇر مۇھەممەد توختى
1. كونا ئىشتىن يېڭى ئۇچۇر
1994 - يىل 19 - ئىيۇل قاراقاش ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزا x كەنتىدە چاچ - ساقاللىرىغا قىراۋ چۈشكەن، يېشى 60 لارغا ئۇلاشقان بىر مويسىپىت دېھقان بىلەن پىلە - ئۈجمىچىلىك ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدىم. دېھقان بېشىنى مەيۇسانە چايقاپ «نېمىسىنى دەيلا غۇجام، پىلە قۇرتى بىر زۇلۇم بولدى، زۇلۇم» دېدى. مەن ھەيران بولدۇم، ئىككى يېنىمغا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ قويدۇم. خۇداغا شۈكۈر، ئەتراپىمىزدا ھېچكىم يوق ئىكەن. «زۇلۇم» دېگەن ئاشۇ نامۇۋاپىق سۆزنى باشقىلار ئاڭلاپ قالماپتۇ.
كىشىلەر ئېھتىمال «ئىرقىي زۇلۇم» «سىنىپىي زۇلۇم» «مىللىي زۇلۇم» «باي - پومىشچىكلارنىڭ زۇلۇمى» دېگەندەك سۆزلەرنى گېزىت- زورناللاردىن، كىتاپ، دەرسلىكلەردىن ئوقۇغاندۇ. لېكىن «پىلە قۇرتى زۇلۇمى» «پىلە زۇلۇمى» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. «مىللىي زۇلۇم»، «سىنىپىي زۇلۇم» يوق قىلىنغان جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، «زۇلۇم» سۆزىنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەسمۇ؟ «ئوكيانۇس»قا قاراپ باقسام «زۇلۇم» دېگەن ئاتالغۇغا «ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىش» ۋە «ئىزىش» دەپ چۈشەنچە بېرىلىپتۇ. ھېلىقى دېھقان زادى نېمە دېمەكچى؟ ئۇ پىلە- ئۈجمىچىلىك زۇلۇمغا ئايلاندى، پىلە قۇرتى بېقىش زۇلۇم بولدى، پىلە بېقىشقا مەجبۇرلىغانلار زۇلۇم سالدى، پىلىچىلىك جاپا - مۇشەققەت ئېلىپ كەلدى، دەرت- ئەلەم ئېلىپ كەلدى، دېمەكچى. كىملەردۇر بىزنى ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلدى، بىزنى ئەزدى، دېمەكچى.
ئۇنىڭ «پىلە قۇرتى زۇلۇم بولدى، زۇلۇم» دېگەن سۆزى نامۇۋاپىق ئېيتىلغان سۆز. خوتەننىڭ ئىنسانىيەتكە پىلىنى، پىلە - يىپەكچىلىك مەدەنىيىتىنى تەقدىم قىلغانلىق تارىخىي تۆھپىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي خاتا ئېيتىلغان سۆز...
ھېلىقى دېھقان ئالجىپ قالغانمىدۇ؟ ياق. ئالدىنقى 30 يىللىق سىياسىي بوران - چاپقۇنلار، ئۇچۇقداشلار، كۈرەش، پىپەن قىلىشلار، قالپاق كىيدۈرۈشلەر، يۈزىگە قارا سۇۋاپ سازايى قىلىشلاردىن يۈرەك يارىسى بولۇپ، قورقۇنچاقلىشىپ كەتكەن خوتەنلىكلەر بىردىن «زۇلۇم» ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇدەك دەرىجىدە باتۇرلىشىپ كەتكەنمىدۇ؟ ياق.
ئەمىسە بۇ دېھقانغا زادى نېمە بولدى؟
بىر ئېغىز سۆز بىلان ئېيتقاندا، بىچارىگە دەرت بولدى. بۇ يەردە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز پىغانلىق ھېكايە، بىر يىغلاپلا خالاس بولغىلى بولمايدىغان دەرت - ئەلەم بار. ھاقارەت، تاياق، ھەيۋە - دوق، بېسىم، جەرىمانە بار.
خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە خوتەننى تېزرەك ھاللىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، خوتەننى شىنجاڭغا، پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا تونۇتۇش؛ شىنجاڭنى، پۈتۈن مەملىكەتنى، دۇنيانى خوتەنگە جەلپ قىلىش يولىدا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. خوتەننى شىنجاڭغا، پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا تونۇتۇش كېرەك. خوتەن پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقۇدەك گۈزەل ۋە ئېسىل يۇرت. قەدىمكى شاھىنشاھلاردىن بىرىنىڭ ئەتىۋار قىزىنى ماكانلاشتۇرۇش ئۈچۈن «توت ئاپەت»تىن (يىلان - چايانلاردىن، يەر تەۋرەشتىن، سۇ ئاپىتىدىن، قاتتىق ئىسسىق ۋە قاتتىق سوغۇقتىن)خالىي ماكان ئىزدەپ، ئاخىرى خوتەننى تاپقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە، شۇنداقلا ھەزرىتى ناۋايى قاتارلىق شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ خوتەن ھەققىدىكى گۈزەل تەسۋىرلىرى بۇنىڭ دەلىلى. بۇ يەرنىڭ ئىلىنىڭكىدەك كۆپ ۋە ئېسىل ئالمىزارلىقلىرى، تۇرپاننىڭكىدەك ئۈزۈمزارلىقلىرى، ئاتۇشنىڭكىدەك ئەنجۈرلىكلىرى، قەشقەرنىڭكىدەك ئانارلىق باغلىرى، ئاقسۇنىڭكىدەك پايانسىز شالزارلىقلىرى، ئالتاينىڭ يايالاقلىرىدەك كەڭ ۋە پايانسىز يايلاقلىرى بار. نەشپۈتى كورلىنىڭكىدەك، ئۈرۈكى كۇچارنىڭكىدەك، قوغۇن - تاۋۇزى قۇمۇل ۋە پەيزىۋاتنىڭكىدەك شىرىن ۋە ئېسىل. شاپتۇلى، بولۇپمۇ كۆك شاپتۇلى سېلىشتۇرغىلى تەڭدىشى يوق. خوتەننى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش كېرەك. خوتەننىڭ ئېسىل كىلىماتىنى، گۈزەل مۇھىتىنى، ياخشى شارائىتىنى، شىرىن نېمەتلىرىنى تونۇتۇپلا قالماي خوتەنلىكلەرنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى، ئىستەك- ئىنتىلىشلىرىنى، كۈلكە شادلىقلىرىنى، دەرت- ئەلەملىرىنى، تونۇتۇش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە خوتەنلىكلەرنىڭ خوشاللىق -شادلىقلىرىغا ھېچكىمنىڭ شادلىقى يېتىشەلمەيدۇ. بۈگۈنكى خوتەنلىكلەرنىڭ دەرد -ئەلەملىرىگىمۇ ھېچكىمنىڭ دەرد - ئەلەملىرى يېتىشەلمەيدۇ.
گەرچە بۇ ئومۇمىي سىمپونىيە ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر قىستۇرما بولسىمۇ، ھېلىقى دېھقاننىڭ«پىلە قۇرۇتى زۇلۇم بولدى...» دېگەن ئاشۇ سۆزىگە خوتەنلىكلەرنىڭ دەرد - ئەلىمى مۇجەسسەملەخگەن. بۇ يەردە ھەقىقەتەنمۇ ئۈرۈمچىلىكلەر ۋە ئىلىلىقلار بىلمەيدىغان، تەسەۋۋۇر قىللالمايدىغان، پۈتۈن شىنجاڭلىقلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداخلار، دۇنيا خەلقى بىلمايدىغان ۋە تەسسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئاجايىپ ئىشلار بار. تاياق، ھەيۋە - دوق، بېسىم، جەرىمانە بار...
ئاشۇ زۇلۇم سۆزىنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ ئادالەت تىكلىنىپ، يەنە 45 يىلدىن كېين ئېغىزغا ئالغان دېھقان زادى كىم؟ ئىسمى نېمە؟ مەن بۇنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، نېمە ئۈچۈن؟
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: بۇ يىل يازلىق ئاشلىق سىتىۋېلىشتىن كېين، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىx قاراقاش ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا خىزمەت تەكشۈرۈشكە بېرىپتۇ. يېزا رەھبەرلىرىنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئۇدا ئاشقانلىقى، دۆلەتكە ئاشلىق سېتىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى پالان پىرسەنت ئاشۇرۇپ ئورۇندىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپتۇ. ئارقىدىن تۈۋەنگە چۈشۈپ مەلۇم دېھقاننىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپتۇ. دېھقاننىڭ تۇرمۇش ئاھۋالىنى، ئىشلەپچقىرىشىنى، كىرىم - چىقىمىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. دۆلەتكە قانچىلىك ئاشلىق بەرگەنلىكىنى، ئاشقان ئاشلىقنىڭ يېتىدىغان - يەتمەيدىغانلىقىنى، نەچچىنچى ئايغىچە يېتىدىغانلىقىنى، قىيىنچىلىق تارتىدىغان - تارتمايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. شۇ ئارقىلىق پارتىيىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپتۇ، بەلكىم شۇ چاغدا ئۆي ئىگىسى تەڭقىسلىقتا قالغان بولۇشى مۇمكىن. مەيداندا تۇرغان يېزا رەھبەرلىرىگە كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا يەر تىگىدىن بىر قانچە قېتىم قارىغان بولىشى مۇمكىن. ۋەھالەنكى، يوقسۇزلۇقتىن قاتتىق نەرسە يوق، مولدۈرلەپ تۇرغان يالىڭاچ بالىلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئاچ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلىغان دېھقان ئاخىر راست گەپنى دەپتۇ. يېزا رەھبەرلىرىنىڭ كۆزىچىلا، دۆلەتكە سېتىشتىن كېين ئاشقان ئاشلىقنىڭ ئاران 11- ئايغىچە يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپتۇ. دېھقاننىڭ ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسىغا راست گەپ قىلغانلىقى توغرا، ئۇ دەردىنى، قىيىنچىلىقىنى پارتىيىنىڭ ۋەكىلىگە ئېيتماي، كىمگە ئېيتسا بولاتتى؟ بەلكىم دېھقان شۇ چاغدا ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ چىرايىغا ئۈمىد ۋە ئىلتىجا بىلەن باققاندۇ، قارا كۆزلىرىگە ياش ئالغاندۇ. بەلكىم ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسىمۇ دېھقاننىڭ «ئاشلىقىم ئاران 11- ئايغىچە يېتەر» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، نېمىنىدۇر ئويلاپ جىمىپ قالغاندۇ. يېزا رەھبەرلىرىگە مەنىلىك ھالدا تىكىلىپ قارىغاندۇ. زىيارەت ئاخىرىدا ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى دېھقانغا تەسسەللى بېرىپ، ئاچ قېلىشتىن ئەنسىرىمەسلىكنى ئېيتىپتۇ. پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى ئاچ قويمايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ قايتىپتۇ.
ئەگەر ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ بىر قېتىملىق يېزىغا چۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى خاتىرە مۇشۇ يەردىلا تۈگىگەن بولسا، بۇ پارتىيىمىز كادىرلىرىنىڭ بيۇكراتلىقتىن خالىيلىقى، ئاممىنى يوقلاپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدىغانلىقى، پارتىيىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاياشى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىغا ئايلانغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، بۇ خاتىرىمۇ شۇ يەردىلا تۈگىمەي قالدى. ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى قايتىپ كەتكەندىن كېين _ توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇ پاقلان كاۋىپى، توخۇ كاۋىپى، ئۇلار كاۋىپى، كەپتەر كاۋىپى، قۇشقاچ كاۋىپى ۋە كەپتەر تۇخۇمى، قۇشقاچ تۇخۇمى، غاز تۇخۇمى بىلەن تەييارلانغان داستىخانغا قىيا كۆزىنىمۇ سالماي قايتىپ كەتكەندىن كېين _ ھېلىقى دېھقاننىڭ ئۆيىدە قىيامەت قايىم بولدى. بۇ قىيامەتنى ھېلىلا يۈزلىرىدىن خوشامەت كۈلكىسى بالقىپ تۇرغان ئاشۇ يېزا رەھبەرلىرى قايىم قىلدى. يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بىلەن يېزا باشلىقى قايىم قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن بىر مەھەللىدە، بىر يولدا مېڭىپ، بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ چوڭ بولغان يۇرتدىشى ئالدىدا ئەزرائىلغا ئايلاندى. چىرايىدىن قار- مۇز ياغدى. ئاق ئىت كىرىپ، قارا ئىت چىقتى.
_ نېمىشقا ئاشلىقىم يىل بويى يېتىدۇ دېمەيسەن؟ سەن ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى ئالدىدا بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكتىڭ. بىزنى يەرگە قاراتتىڭ، بىزنىڭ نەتىجىلىرىمىزنى يوققا چىقاردىڭ، بىزنى ئوسال قىلدىڭ!_ دەپ ۋارقىراشتى ئۇلار.
_سەن پارتىيىنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردۈڭ، پارتىيەگە قارشى چىقتىڭ _ دەپ پوپۇزا قىلىشتى ئۇلار.
_ يېزىمىزدا سېنىڭدەك گەدەنكەش ئەزا يوق، بۇ يەردىن دەرھال يوقال، كۆچۈپ كەت، ئۈچ كۈن ئىچىدە كۆچۈپ كەت! _ دەپ جارقىراشتى ئۇلار.
_سەن ئاشلىقىم يەتمەيدۇ، ئاچ قالىمەن دېگەندىكىن تايىنلىق ئاچ قال، ئاچ قېلىپ ئۆل _ دېيىشتى ئۇلار ۋە بىچارە دېھقاننىڭ دۆلەتكە سېتىشتىن ئېشىپ قالغان ئازراق بۇغدىيىنىمۇ ئېلىپ كېتىشتى.
بىچارە دېھقاننىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى، تاغ ئۆرۈلدى. دېھقان ئۈچۈن ئاشلىقسىز قېلىشتىن، ئەزىز يۇرتىنى تاشلاپ چەت يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىشتىن ئارتۇق قىيامەت بارمۇ؟ بىچارە ئاخىر بالا - چاقىلىرىنى يىتىلەپ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مېنىڭ ھېلىقى «پىلە زۇلۇمى» توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن دېھقاننىڭ ئىسمى - شەرىپىنى ئېيتىپ بېرەلمەسلىكىمدىكى سەۋەب ئەنە شۇ. ئۇنىڭ ماڭا پىلە - ئۈژمىچىلىك ھەققىدە، پىلە قۇرتىنىڭ زۇلۇمغا ئايلانغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى يېزا باشلىقلىرى ئۇقسا، ئۇنىڭ ھويلىسىدىمۇ قىيامەت قوپارماسمۇ؟ سايباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى تۇرسۇنتوختى ئابدۇرەھمان بىلەن يېزا باشلىقى ئىمىننىياز ئابباسنىڭ ئاشۇ مويسىپىتقا ئاھانەت قىلماسلىقىغا، ئۇنى«زۇلۇم سۆزىنىنى تىلغا ئاپسەن»دەپ كۆچۈپ كېتىشكە زورلىماسلىقىغا ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن. يېزا باشلىقلىرى تەقدىرنامە ئېلىش ئۈچۈن، ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇرتداشلارغا نېمىلەرنى قىلمايدۇ دەيسىز؟ تۇرسۇنتوختى ئابدۇرەھمان بىلەن ئىمىننىياز ئابباس ئۇنداق قىلمىغاندىمۇ يەنە باشقىلارنى ئۇنداق قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن ماڭا پىلىچىلىك ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ھېلىقى دېھقاننىڭ ئىسمىنى ھېچكىمگە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. مېنىڭ بىچارە دېھقانغا دەرد تېپىپ بېرىش خىيالىم يوق. ۋەھالەنكى، ھېلىقى مويسىپىتنىڭ ماڭا:«نېمىسىنى دەيلا غۇجام، پىلە قۇرتى زۇلۇمبولدى زۇلۇم.» دېگەنلىكى راست، مېنىڭ ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلىمىغان «زۇلۇم» سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران جالغانلىقىممۇ راست. ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلىمىغان سۆزنى ئاڭلاش كىشىگە خىلى ئوبدانلا يېڭىلىق تۇيغۇسى بەخش ئېتىدىكەن. ئۇزاقتىن بېرى يۈز بەرمىگەن ئىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىمۇ كىشىنى خىلى ئوبدانلا جەلپ قىلىدىكەن. مەن ئاشۇ مويسىپىت بىلەن پىلىچىلىك ھەققىدە پاراڭلاشقاندىن كېينكى بىر قانچە ئايدا ئۇچرىشىشىم، سۆزلىشىشىم مۇمكىن بولغانلا دېھقانلارنىڭ ھەممىسىدىن پىلىچىلىك ھەققىدە سوراپ كۆردۈم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتايىتەن مېنى ئىزدەپ كەلدى، بىز سۆزلەشتۇق، مۇڭداشتۇق. ھەممەيلەننىڭ يەتكۈچە قورساق كۆپۈكى، دەرد - ئەلىمى بار ئىكەن. پىلە قۇرتى ئۇستىدىن، پىلىچىلىك ئۈستىدىن ئۇزۇندىن- ئۇزۇن شىكايەت قىلىشتى. ئاشۇ پاراڭلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ھېلىقى مويسىپىتنىڭ سۆزىگە يىغىنچاقلاندى.
-نېمىسىنى دەيلا، غۇجام، پىلە قۇرتى زۇلۇم بولدى، زۇلۇم...
بىزدە دەرتلىرىڭنى سۆزلەپ چىقىرۋەتسەڭ يېنىكلەپ قالىسەن، دېگەن ئەقىدە بار. مەن بىلەن ھاڭ - مۇڭ قىلىشقان ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ بەلكىم قورساق كۆپۈكى چىقىپ يەڭگىللەپ قالغاندۇ. ئۆزلىرىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغاندۇ. ئەكسىچە ئاشۇ دەرد - ئەلەملەرنى ئاڭلىغانسېرى ئەمدى مېنىڭ قورسىقىم كۆپۈپ قالدى. ئۆزۈمنى كىمدىندۇر، نېمىدىندۇر ئاغرىنغاندەك، ئاللىقانداق بىر دەرتكە گىرىپتار بولغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. كىمگىدۇر ھاڭ - مۇڭ ئېيتقۇم كېلىپلا تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ «خوتەندىن خەت»نى يېزىشقا كىرىشتىم.
________________
2 . خوتەن- پىلىچىلىكنىڭ بۆشۈكى
خوتەننىڭ يىپەك، گىلەم، قاشتىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەڭگۈشتىرى بار، بۇ ئۈچ ئەڭگۈشتەر ئىچىدە يىپەك بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەر ھېساپلىنىدۇ.
مەن خوتەن پىلە- يىپەكچىلىكىنىڭ مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ فوكۇس نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقى ھەققىدە بىرمۇنچە پاكىتلارنى يولۇقتۇرغان. بەزى ئالىملار قەدىمكى ياۋرۇپالىقلارنىڭ «سىرىس دۆلىتى»(يىپەك دۆلىتى)دېگەن سۆزىنىڭ خوتەننى نەزەردە تۇتۇپ ئېيتىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ يۈرۈپتۇ. كېينكى چاغلاردا بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ نىيە قەدىمكى خارابىسى ۋە باشقا خارابىلەردىن قىزىۋىلىنغان پىلە غۇزىكى، يىپەك رەختلەر ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارمۇ خوتەننىڭ پىلىچىلىكىنىڭ بۆشۈكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بىردىنلا خوتەن پادىشالىغا ياتلىق قىلىنغان قايسىبىر مەلىكىنىڭ چېچىغا پىلە غۇزىكى قىستۇرۇپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى رىۋايەت ئىسىمگە كېلىپ قالدى. پىلىچىلىكتىن خەۋىرى بار ھەر قانداق بىر ئادەم پىلە قۇرتى تورىغا كىرىپ پىلە غۇزىكى ھاسىل قىلىنغاندىن كېين ئەگەر 8-10 كۈن ئىچىدە غۇزىكىنى بۇسلاپ- پىشۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى پىلە قۇرتىنى ئۆلتۈرمىگەندە قۇرتنىڭ پىلە كىپىنىكىگە ئايلىنىپ پىلە غۇزىكىنى تىشىپ چىقىدىغانلىقىنى، دەرھال تۇخۇملاشقا باشلايدىغانلىقىنى، مۇۋاپىق ساقلاش مۇھىتى بولمىسا (ساقلاش جەريانى سوغۇق ساقلاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئادەتتە ئىسسىق ئايلاردا مۇزخانىدا ساقلىنىدۇ. سوغۇق ئايلاردا تەبىئىي ساقلىنىدۇ) پىلە غوزىكىنىڭمۇ پىلە كىپىنىكىنىڭمۇ، پىلە لىچىنكىسىنىڭمۇ نابۇت بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنى چاچقا قىستۇرۇپ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقتىن يۆتكەپ كەلگىلى بولارمۇ؟ نەچچە ئايلاپ ئاتلىق يۈرۈپ خوتەنگە كېلىش جەريانىدا قۇرت پىلە غۇزىكىنى تىشىپ چىقماسمۇ؟ مەلىكە چېچىغا قىستۇرۇۋالغان پىلە غۇزىكى ئىچىدىكى پىلە قۇرتى ئۆلۈك بولۇشى مۇمكىن. ئۆلۈك پىلە قۇرتى پىلە كىپىنىكىگىمۇ ئايلىنالمايدۇ. پىلە قۇرت لىچىنكىسىمۇ تۇغالمايدۇ. ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۆزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىشنىمۇ داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ.
نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى خوتەنلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ھېساپسىز يىپەك ۋە يىپەك رەختلىرى بىلەن جاھانغا يىپەكتەك گۈزەللىك، يىپەكتەك ئەۋرىشىملىك، يىپەكتەك ئىللىقلىق بەخش ئەتتى. يۇرتلارنى بىر- بىرىگە چاتتى، قەلبلەرنى بىر- بىرىگە تۇتاشتۇردى.
خوتەننىڭ پىلىچىلىكى ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلدى. 50 - يىللاردا خوتەنلىكلەر يىلىغا 500 توننا ئەتراپىدا پىلە غۇزىكى ئىشلەپ چىقارغان بولسا، 60 - يىللاردا 1200 توننىغا يەتكۈزدى. 80 - يىللارنىڭ دەسلىپىدە ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يىللىق پىلە غوزىكى مەھسۇلاتى 650 توننا ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان بولسا، 1994 - يىلىغا كەلگەندە بىراقلا بىر قانچە ھەسسە سەكرەپ 3700 توننا پىلە غوزىكى ئىشلەپۈچىقاردى. خوتەن ۋىلايىتى ئىشلەپ چىقارغان پىلە غوزىكى مەھسۇلاتى پۈتۈن شىنجاڭ ئاپتۇنوم رايونى ئىشلەپ چىقارغان پىلە غوزىكى مەھسۇلاتىنىڭ 76% ىنى تەشكىل قىلدى. 3700 توننا _ ئۈچ مىليون 700 مىڭ كىلوگرام پىلە غوزىكى ئىشلەپچىقىرىش خوتەننىڭ پىلىچىلىك تارىخىدا ئىلگىرى زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەپسۇسكى، پىلىچىلىك ۋە پىلىچىلىكنى كەشپ قىلغان، شۇنچىۋىلا نۇرغۇن پىلە غوزىكى ئىشلەپ چىقارغان خوتەنلىكلەر يەنىلا نامرات، ئالاھىدە نامرات! دۇنياغا قاتمۇ قات پايانداز سېلىشقا مۇمكىن بولغۇدەك نۇرغۇن زىلچە-گىلەم ئىشلەپ چىقارغان خوتەنلىكلەر يەنىلا نامرات! جاھاندىكى بارلىق قىزلارنىڭ بوينىغا قاشتىشى زۇننار ئېسىشقا يەتكۈدەك نۇرغۇن قاشتىشى ئىشلەپ چىقارغان خوتەنلىكلەر يەنىلا نامرات! «ئاشلىق مەھسۇلاتىنى، پاختا مەھسۇلاتىنى، مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتىنى يىلمۇ يىل ئاشۇرۇپ» كېلىۋاتقان خوتەنلىكلەر يەنىلا نامرات! «خوتەن ۋىلايىتىدە ھازىرمۇ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى300 يۇەنگە يەتمەيدىغان 806 مىڭ نۇپۇس بار، بۇ ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ 62% ىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 208 مىڭ كىشىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 200 يۇەندىن تۈۋەن.» بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟
1994- يىلى3 مىليون 700 كىلوگرام پىلە غوزىكى ئىشلەپ چىقارغان خوتەن دېھقانلىرى ھەر كىلوگرام پىلىنى زاۋۇت تەرەپنىڭ ئەڭ يۇقىرى سېتىۋىلىش باھاسى بويىچە 10 يۇەندىن ساتتى دەپ ھېساپلىساق، شۇ يىلى 37 مىليون يۇەن كىرىم قىلغان بولىدۇ. شۇ يىلى ۋىلايەت بويىچە بېقىلغان 175 مىڭ قۇتا پىلە قۇرۇتىنىڭ ھەر بىر قۇتسىنى پىلە ئۇرۇقچىلىق زاۋۇتىنىڭ توپ سېتىش باھاسى بويىچە 14 يۇەن 30 فۇڭدىن ھېساپلىساق، خوتەن دېھقانلىرى شۇ يىلى 2 مىليون 500 مىڭ يۇەندىن ئوشۇقراق پۇلغا پىلە ئۇرۇقى (پىلە قۇرتى لىچىنكىسى) سېتىۋالغان بولىدۇ. ئۇلار يەنە پىلە قۇرتى بېقىش ئۆيىنى دىزىنفىكسىيە قىلىش دورىسى، پىلە قۇرتى قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى، پىلە قۇرتى قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پاراشۇكى سېتىۋېلىشى كېرەك. يەنە ھەر بىر ئائىلە پىلە قۇرتى باقىدىغان مەخسۇس ئۆي سېلىشى، ئۆي ئىچىگە تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچى ئوچاق سېلىشى، نۇرغۇن ياغاچ - بادىرا ئىشلىتىپ سۆچەك ياسىشى (كۆپ قەۋەتلىك، كەڭ يۈزلۈك جازا)سۆچەك ئۈستىگەمەخسۇس پىلە بېقىش ئۈچۈن سىچۇەندە توقۇلغان چوڭ بامبۇك سىۋەت (يېزا كادىرلىرى بۇنى سامبا دەيدىكەن. بىر دانىسىنى 10 يۇەندىن 15 يۇەنگىچە ئالىدىكەن)لەرنى قويۇشى، پىلە بېقىش ئۆيىنى قايتا - قايتا دىزىنفىكسىيە قىلىشى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل خەجلىشى كېرەك. پىلە قۇرتى باقماسلىققا يول قويۇلمايدۇ. مەخسۇس پىلە قۇرتى بېقىلىدىغان ئۆي سالماسلىققا، سۆچەك ياسىماسلىققا، دىزىنفىكسىيە قىلماسلىققا، ئوچاق سالماسلىققا يول قويۇلمايدۇ. سۆچەك ئۈستىگە ئادەتتىكى بورا سېلىشقا، يەرلىكتە تالچىۋىقتىن توقۇلغان سىۋەتلەرنى قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. چوقۇم مەخسۇس سىچۇەندە توقۇلغان بامبۇك سىۋەت قويۇلىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ. بىز بۇلارغا خەجلىگەن پۇلنى ھېساپقا ئالماي، پىلە غوزىكى سېتىشتىن كىرگەن ئومۇمىي كىرىمنى(پىلە قۇرتى سېتىۋالغان چىقىمنى چىقىرىۋېتىپ)خوتەننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىغا چاچساق، ھەر بىر نوپۇسىغا ئاران 23 يۇەندىن توغرا كېلىدۇ.
بىز يەنە تۆۋەندىكى ھېسابقا قاراپ باقايلى.
قاراقاش ناھىيىسىدىكى پىلە ئۇرۇقچىلىق زاۋۇتىدىكى ياش تېخنىك يىگىتنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئەڭ ياخشى ئوخشىغان بىر قۇتا پىلە ئۇرۇقىدىن 25 كىلوگرام غوزەك يىغىۋالغىلى بولىدىكەن. ئۇنى زاۋۇتلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سىتىۋېلىش باھاسى بويىچە 10 يۇەندىن ساتساق، 250 يۇەنگە ساتقان بولىمىز. بۇنىڭدىن15 يۇەننى ئۇرۇق پۇلىغا، 15 يۇەننى دورا پۇلىغا، 100 يۇەننى يوپۇرماق پۇلىغا(ئۈژمە يوپۇرمىقى يوق ياكى يوپۇرمىقى يېتىشمەيدىغان ئائىلىلەر يوپۇرماق سېتىۋېلىشقا ماجبۇر)چىقىرىۋەتسەك، پىلىكارغا 130 يۇەن ئاشىدۇ. پىلە قۇرتى غوزەككە ئايلىنىنش ئۈچۈن 35-40 كۈن كېتىدۇ. بىر قۇتا قۇرتىنى ئىككى ئادەم ئاران باقالايدۇ. دېمەك ھەر بىر پىلىكارغا 65 يۇەندىن، ھەر بىر ئەمگەك كۈنىگە بىر يۇەن يەتمىش فۇڭدىن توغرا كېلىدۇ
تاڭدىن شامغىچە، شامدىن تاڭغىچە ئىشلەپ، ئاران بىر يۇەن 70 فۇڭغا ئېرىشكەن ئەمگەكچى نامرات بولماي، يەنە نېمە بولماقچىدى؟
ئاشۇ بىر يۇەن 70 فۇڭ(ئالدىدىكى تەييارلىق ئىشلىرىنى دېمەيلا قويايلى)سەھەر تۇرۇپ ئۇژمە شېخىنى كېسىش، يوپۇرماق پوتاش، ھەر بىر تال يوپۇرماقنى لوڭگە ياكى ياغلىق بىلەن بىر-بىرلەپ سۈرتۈپ چىقىش(قۇرتقا يوپۇرماقنى پاكىز سۈرتمەي ياكى سۇدا يۇيۇپ بەرسە ئۆلۈپ قالىدۇ)پىلە قۇرتى بىقىلىدىغان ئۆيگە ئوت قالاش(قۇرتخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسى c22 تىنc 28 گىچە بولۇشى كېرەك)كېچىسى ئىككى قېتىم، كۈندۈزى 3 - 4 قېتىم يوپۇرماق سېلىش، چۈمۈلە، چاشقان ۋە قۇشلارنىڭ زىيان يەتكۈزىشىدىن قوغداش، قۇرتخانا تېمپېراتۇرىسىنى سائەتمۇ سائەت تەكشۈرۈپ تۇرۇش قاتارلىق بىر كۈنلۈك مىھنەتكە بەدەل بولالامدۇ؟ بىر كۈن سېسىقچىلىققا چىداش (قۇرتخانا بىر خىل سېسىق ھاۋاغا تولغان بولىدۇ. بۇ پىلە قۇرتىنىڭ بىر خىل سېسىق پۇراق چىقىرىشىدىن ياكى ئۈزلۈكسىز چېچىلغان دىزىنفىكسىيە دورىلىرىنىڭ بۇلغۇنىشىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن)قا، ماغدۇرسىزلىنىشقا چىداشقا(پىلە قۇرتىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، قۇرتخانىدا ئىشلىگەن ئادەمدە ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ) بەدەل بولالامدۇ؟ 1994 - يىلى خوتەن شەھىرىدە بىر كىلوگرام گۆش18 يۇەنگە، 40 جىڭلىق بىر خالتا ئۇن ئاران 43 يۇئەنگە سېتىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بىر يۇەن 70 فۇڭ بىلەن بىر پىلىكار بىر كۈن جان باقالامدۇ؟
پىلىچىلىكنىڭ بۆشۈكى نامراتلىققا پېتىپ قالدى. پىلىكارلار نامراتلىق ئىچىدە ئىڭرىماقتا. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
راست، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، نامراتلارغا ياردەم قىلىدۇ. نامراتلارنى يولەيدۇ. نەچچە يىللاردىن بىرى ھۆكۈمەت ئالاھىدە نامرات رايون - خوتەن ۋىلايىتىگە ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلدى. ھەر يىلى نەچچەمىليون مەبلەغ ئاجرىتىپ نامراتلارنى يوۆلەشكە چۈشۈرۈپ تۇردى. خوتەن ۋىلايىتى ۋە ھەر قايسى ناھىيىلەر خوتەن خەلقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تالاي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. پىلىچىلىك- يىپەكچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ تاللاپ، بەس- بەستە يىپەك زاۋۇتلىرىنى قۇردى. گۇما، نىيە ناھىيىسىدىن باشقا ھەممە ناھىيىلەردە يىپەكچىلىك زاۋۇتى قۇرۇلدى. نۇرغۇن كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. كەڭ دېھقانلار ئاشۇ زاۋۇتلار ئۈچۈن خام ئەشيا تەييارلاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىندى.
ئەپسۇسكى، خوتەنلىكلەر يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى. ئەكسىچە«زۇلۇم» ھېس قىلدى؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي.
مىھنەت مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالسا زۇلۇمغا ئايلىنىدۇ، مىھنەت جەرىمانە، قورقۇتۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلسا زۇلۇمغا ئايلىنىدۇ،. مىھنەت ئۆزىگە لايىق قىممەتكە ئىگە بولالمىسا زۇلۇمغا ئايلىنىدۇ. مىھنەت مىھنەت مېۋىسى مىھنەت قىلغۇچىغا تولۇق تەگمىگەندە زۇلۇمغا ئايلىنىدۇ.
تۆۋەندە ئاشۇ زۇلۇم ھېس قىلدۇرغان ۋەقەلەرىنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى «تۆمۈر» ھەققىدە كىچىككىنە قىستۇرما بەرمەكچىمەن. بۇنىڭ كېيىنكى گەپلەرنى چۈشەندۈرۈشكە - چۈشىنىۋىلىشقا چوڭ ياردىمى بولىدۇ.
شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت ماتېرياللارنى ئوقۇغان ئادەملەرىڭ ھەممىسى قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ «تۆمۈر چارۋا» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچى خەلقنى دەھشەتلىك ئىكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئالدىنقى يىللاردا خوتەندە يېزىلىق پارتكوم شۇجىسىنىڭ قارا قۇرۇمدىكى يايلاقتا «تۆمۈر قويى» بارلىقى توغرىسىدا پاراڭ تارقالغان. ئۇنىڭ «تۆمۈر قويىلىرى» شامەخسۇت ۋاڭنىڭ «تۆمۈر چارۋىلىرى» دەك كۆپ ئەمەس ئىكەن، پەقەت 50 تۇياق ئىكەن. ئۇ ھەر يىلى خالىغان چاغدا تاغدىن 50 تۇياق قويىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، سويۇپ يەيدىكەن، ساتىدىكەن، باشقىلارغا سوۋغات قىلىدىكەن. لېكىن يەنە تاغدا 50 تۇياق قويى ئېشىپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئاشۇ 50 تۇياق قويى كېسەل بولمايدىكەن، ئاپەتكە ئۇچرىمايدىكەن، ئۆلمەيدىكەن، سۇۋاي قالمايدىكەن، ئەكسىچە ھەر يىلى ھەر بىرى بىردىن يەنە ئەللىكنى قوزىلاپ تۇرىدىكەن، ھەتتا قوچقار - ئىرىكلىرىمۇ قوزىلايدىكەن، بۇ ئىش 1985 - يىلىدىن بېرى ئىزچىل شۇنداق بولۇپ كەپتۇ
دېمەك كىشىلەر «تۆمۈر چارۋا»، «تۆمۈر قوي» توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ۋەھالەنكى، ئۇلار تا ھازىرغىچە «تۆمۈر قۇرت»، «تۆمۈر ئۇژمە»، «تۆمۈر مەھسۇلات»، «تۆمۈر ۋەزىپە»، «تۆمۈر باھا» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. پاكىت دېگەن پاكىت. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش - ئاڭلىماسلىقىغا، شۇنداق ئاتاش - ئاتىماسلىقىغا باقمايدۇ. خوتەن پىلىچىلىكىدە ئاشۇ «تۆمۈر» لەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاللىقاچان پاكىتقا ئايلاندى.
_____________________________
3. «تۆمۈر قۇرت» توغرىسىدا پاراڭ
بىرىنچى ھېكايە
1993 - يىل يازدا لوپ ناھىيە چاھارباغ يېزىسىنىڭ باشلىقلىرى ھەيرانباغ كەنتىگە يازلىق پىلە قۇرتىنىڭ بېقىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە كەلدى. ئۇلار مەھەللىمۇ مەھەللە، ئائىلىمۇ ئائىلە ئالا قويماي كىرىپ تەكشغردى. ھەر بىر ئائىلىنىڭ قۇرتخانىسىدىكى سۆچەكلەردە، مەخسۇس سىچۈەندە توقۇلغان بامبۇك سىۋەتلەرنىڭ ئۈستىدە ھەر يان تولغىنىپ - ئۆمىلەپ، زۈمرەتتەك ئۈجمە يوپۇرمىقىنى چىرىسلىتىپ يەۋاتقان پىلە قۇرتلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى، سېمىز - ئورۇقلۇقىنى سېلىشتۇردى. قۇرتلارغا كېسەل تەگكەن - تەگمىگەنلىكىنى، ئۆچەككە كىرگەن - كىرمىگەنلىكىنى سوراشتۇردى. قۇرتى ياخشى ئاينىۋاتقانلارنى ماختىدى. قۇرتى ياخشى ئۆسمىگەنلەرنى تەنقىد قىلدى. قۇرتى ئۆلگەنلەرگە نەخ مەيداندا جەرىمانە قويۇشتى. ئۇلار دېھقان x ئاخۇننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ باققان پىلە قۇرتىدىن بىر قىسمىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى x چالۋاقاپ كەتتى:
― ھۇي، ئeيتە، قۇرتلار نeمىشقا ئۆلدى؟
― ئەمدى، ئەمدى ... ئۇقماي قالدۇق، كېسەل تەگكەن چېغى...
― سەن ساقمۇ؟
― ساق.
― بالا - چاقىلىرىڭ ساقمۇ؟
― ساق.
― سەن ۋە بالا - چاقىلىرىڭغا كېسەل تەگمەپتۇ، سەنلەر ئۆلۈشمەپسەن، نېمىشقا قۇرتقا كېسەل تېگىدۇ؟ نېمىشقا قۇرت ئۆلىدۇ؟
― شىياڭجاڭ ... ئەمدى بۇ قۇرت دېگەن ئادەم ئەمەسكەن، زۇۋانى يوقكەن.
x ئاخۇن دۇدۇقلاپ، ئاخىرى شۇنداق دeيىشكە مەجبۇر بولدى. مۇئاۋىن يېزا باشلىقى x خۇددى ياۋا مۈشۈكتەك سەكرەپ كېلىپ، دېھقاننىڭ ساقىلىدىن ئالدى.
― ھۇي ئەبلەخ، يەنە ماڭا جاۋاب ياندۇرىسەنا، قۇرتلارنى ئۆلتۈرگەن جىنايىتىڭ ئۈچۈن سەنمۇ ئۆل!- مۇئاۋىن يېزا باشلىقى شۇنداق دېدى- دە، x ئاخۇننىڭ كاچىتىغا چاڭىلدىتىپ ئىككى شاپىلاق ئۇردى. ئۇنى تاغدەك كۆرىدىغان پەرزەنتلىرى، بويىغا يېتىپ قالغان قىزلىرى، ياۋاش ئايالى، جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان قىرى ئانىسى ئالدىدا ئىككى شاپىلاق ئۇردى. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى چىرقىرىشىپ كەتتى. x ئاخۇننىڭ قىرى ئانىسى ۋە ياۋاش ئايالى يىغلىغان پېتى مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ قولىغا ئېسىلدى.
― ئۇرمىسىلا شىياڭجاڭ ئوغلۇمنى ئۇرغىچە مېنى ئۇرسىلا. مېنى ئۆلتۈرىۋەتسىلە شىياڭجاڭ...
― ئۇرمىسىلا شىياڭجاڭ، ئۇرمىسىلا، مېنى ئۇرسىلا، بىچارىنى ئۇرمىسىلا...
ھويلىدا قىيا - چىيا، ئاھ - پەرياد كۆتۈرۈلدى. x ئاخۇننىڭ جاۋغىيىدىن قىپقىزىل قان ساقىپ چvشتى. يۇڭدالغان ساقللىرى ئارىسىدىن قان تەپچىرەپ چىقتى. كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش تۆكۈلدى. بىچارە دېھقان نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ ئاشۇ زومىگەرگە مۇشت ياندۇرالايتتىمۇ؟ مۇشت ياندۇرۇپ ھۆددىسىدىن چىقالايتتىمۇ؟
مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئۆلگەن قۇرتقا تۆلەيدىغان جەرىمانىنى بىكىتىپ، x ئاخۇننى پۇخادىن چىققۇچە تىللاپ - ھاقارەتلەپ، ھەمراھلىرىنى باشلا كeتىپ قالدى. لeكىن، x ئاخۇننىڭ ھويلىسىدىكى يىغا - زارە ئۈچ كۇنگىچە بېسىلمىدى. x ئاخۇن تاياق، ھاقارەت ۋە نۇمۇس- ئەلەمدىن ئvچ كۇنگىچە دۇم يېتىپ يىغلىدى. بالا - چاقىلىرىمۇ يىغلىدى...
بۇ ئاشۇ ئۆلۈپ كەتكەن پىلە قۇرتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان ھازىمۇ؟ بۇ ئاشۇ ئۆلگەن پىلە قۇرتلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشقا مەجبۇر قىلىشمۇ؟
يۇقىرىدىكىسى مەن توقىغان ھېكايە ئەمەس، چاھارباغ يېزىسىنىڭ ئاشۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كادىرى x ماڭا شۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بeرىۋىتىپ يىغلاپ تاشلىدى. مەنمۇ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالدىم. ئويلاپ باقايلى، بۈگۈن خوتەندە، ئاشۇ چاھارباغدا ئادەم قەدىرلىكمۇ ياكى پىلە قۇرتىمۇ؟
بىر مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ ئۆز يۇرتدىشىغا، ئۆزىنى سايلىغان بىر مۆمىن دېھقانغا ئاشۇنداق ياۋۇزلۇق قىلغانلىقىغا ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ بىز پەقەت ئۇنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئىكەنلىكىنى، خىزمەت كۆرسىتىشكە، يۇقىرىنىڭ ماختىشىغا، دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن ھاكىم بولۇشقا ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالساق، يەنە كېلىپ خوتەندىكى يېزا باشلىقلىرىغا خاس تەربىيە كۆرمىگەن، يۇقىرىغا خوشامەت قىلىپ تۈۋەننى باسىدىغان غالچا مىجەزىنى، مەنسەپپەرەسلىك خاراكتېرىنى ئەسكە ئالساق، بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە، توقۇلما ئەمەسلىكىگە ئىشىنەلەيمىز. ۋەھالەنكى، x ئاخۇن پىلە قۇرتى سەۋەبىدىن تاياق يېگەن، ھاقارەتكە ئۇچرىغان يۈزلىگەن - مىڭلىغان دېھقانلارنىڭ پەقەت بىرى، خالاس. ئىزدىسەك يەنە ساماندەك تېپىلىدۇ. خوتەن ناھىيىسىنىڭ x يېزا x كەنتىدىكى ئۇچ نەپەر دېھقاننىڭ پىلە قۇرتى جەرىمانىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىقى تۈپەيلى يېزا باشلىقلىرىنىڭ تەقىپ قىلىشىغا ئۇچراپ ئىككى يىلدىن بېرى ئۆيىگە، مەھەللىسىگە قايتالمىغانلىقى بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىر دەلىلى.
ئىككىنچى ھېكايە
1994 - يىل يازدا، باھار پىلىسى بېقىلىۋاتقان مەزگىلدە، قاراقاش ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى x تۈۋەت يېزا مۇغال كەنتىدىكى نىياز باراتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بېقىلىۋاتقان يېرىم قۇتا پىلە قۇرتىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسىغا خاس سەگەكلىك بىلەن تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرگەن بولسا كېرەك: پىلە قۇرتى بېقىلىۋاتقان سۆچەك - بامبۇك سىۋەتلەرنىڭ قايسىبىر يېرىقىدىن ئاق قېتىش كېسەللىكى بىلەن ئۆلگەن ئىككى دانە قۇرتنى تېپىۋالدى. پىلە قۇرتلىرىدا بولىدىغان ئاق قېتىش كېسەللىكى يۇقۇملۇق بولىدۇ. بۇنى نەزەردە تۇتقان ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى قۇرت ئىگىسى نىياز باراتنى «قۇرتنى ياخشى باقماپسەن، ۋاقتى - ۋاقتىدا كۆزىتىپ تۇرماپسەن» دەپ تەنقىد قىلدى ۋە دەرھال كەنت پارتىيە ياچىكىسىنىڭ سىكرىتارى ئىمىن تۇراھىزنى چاقىرتىپ قۇرتلارنى باشقا ئۆيگە يۆتكەشنى، شۇ ئارقىلىق ئاق قېتىش كېسەللىكىنىڭ باشقا قۇرتلارغا يۇقۇشىدىن ساقلىنىشنى ئورۇنلاشتۇردى. شۇجى قايتىپ كەتكەندىن كېين ئىمىن تۇراھىز، نىياز بارات ۋەقۇرت بېقىش تېخنىكىلىرى قۇرتنى يۆتكەش - يۆتكىمەسلىك توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. نىياز باراتنىڭ قۇرتلىرى شۇ كۈنلەردە دەل ئۇخلاۋاتكان بولغاچقا (پىلە قۇرتى بېقىلىۋاتقان مەزگىلدە تۆت قېتىم ئۇخلاپ ئۆچەككە كىرىدۇ. دەسلەپكى قېتىم يېرىم سوتكا، ئاخىرقى قېتىم 3 -5 سوتكا ئۇخلايدۇ. ئۆچەك مەزگىلىدە يوپۇرماق يېمەيدۇ)، تېخنىكلار يۆتكەشكە قوشۇلمىدى. بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىندى. ۋەھالەنكى، ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى بۇ ئىشنى بولدى قىلمىدى. 2 - 3 كۈندىن كېين يەنە تەكشۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قۇرتنى يۆتكىمىگەنلىكىنى كۆرۈپ راسا ئاچچىقلاندى. ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پىسەنت قىلمايدىغان قانداق بەڭباش نېمىلەر بۇ؟ ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسىنى كۆزگە ئىلمىغىنىمۇ بۇ ئۇلارنىڭ؟ ... شۇنىڭدىن كېين مۇغال كەنتىگە كادىر ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كەلدى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق باشلىقلىرى مۇغال كەنتىگە ھازىر بولدى. ئىككى قۇرتنىڭ ئۆلۈمى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشقا باشلىدى. تەكشۈرۈش دېگەن كاۋاپسىز، زىياپەت - ھاراقسىز بولمايدۇ. ئىككى قۇرتنىڭ ئۆلۈكىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا سەرپ قىلىنغان بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە تۆت قوي ئاۋۋال تونۇرغا كىرىپ ئاندىن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ گېلىغا كىرىپ كەتتى. ھاراق - شاراب سۇدەك ئېقىپ تۇردى. ئاخىرى نەتىجىمۇ چىقتى. ئىككى قۇرتنىڭ ئۆلۈشىدە مەسۇلىيىتى بولغان ئىمىن تۇراھىز گەرچە تۆت قوي كاۋاپ قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. بىۋاستە جاۋابكار نىياز بارات 100 يۇەن جەرىمانە تۆلىدى.
يېرىم قۇتا پىلە قۇرتى ئىچىدىكى 10 - 12 مىڭ قۇرت ئىچىدىن ئىككى دانە قۇرت ئۆلگەن بولسىمۇ نىياز بارات ئاخىرىدا يەنىلا 14 كىلوگىرام پىلە ساتقانلىق ھەققىدىكى ھۆججەتنى يېزا رەھبەرلىرىگە ئۆتكۈزدى. يېرىم قۇتا پىلە قۇرتىدىن راستتىنلا 14 كىلوگرام پىلە چىقتىمۇ ياكى نىياز بارات باشقا ئويۇن ئوينىدىمۇ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمىدى. بۇ ئىشقا قارىتا دېھقانلار:
― پىلە قۇرتى ھەقىقەتەن ئادەمدىنمۇ قەدىرلىك ئىكەن. مۇغالدا بىرەر كىم ئۆلۈپ كەتسە ناھىيە تۈگۈل يېزىلىق ھۆكۈمەتتىنمۇ ئادەم كېلىپ قويمايتتى. ئىككى قۇرت ئۆلۈۋىدى، ناھىيىدىن ۋە يېزىدىن نەچچە ئون ئادەم كېلىپ مۇغالدا بىر ھەپتە ھازا ئاچتى...- دېيىشتى.
بىر قۇتا پىلە ئۇرۇقىدىن 20 مىڭدىن 23 مىڭغىچە قۇرت چىقىدۇ. شۇنچە جىق قۇرتتىن بىر - ئىككىسى، ئون - يىگىرمىسى ئۆلۈپ كەتكەڭە نېمە بولاتتى؟ بىر - ئىككى قۇتا، ئون - يىگىرمە قۇتا قۇرتنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە نېمە بولاتتى؟ بىر - ئىككى قۇتا ئۇرۇق قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدىكى پىلە ئۇرۇقچىلىق زاۋۇتى 1994 - يىلى ئىشلەپ چىقارغان 130 مىڭ قۇتا باھار پىلىسى ئۇرۇقى ئىچىدە قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟ خوتەن ۋىلايىتى 1994 - يىلى باققان 175 مىڭ قۇتا پىلە ئۇرۇقى ئىچىدە قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟ 20 - 25 مىڭ نوپۇسلۇق بىر يېزىدىمۇ ھەر كۈنى بىر ئىككى ئادەم ئۆلۈپ تۇرىدىغۇ؟ ئىككى دانە قۇرتنىڭ ئۆلگىنىگە شۇنچىۋالا قىلىپ كەتكەن بارمۇ؟
«تۆمۈر قۇرت» دېگىنىمىز ئەنە شۇ. ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ئۇنى كېسەل قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ كېسەل بولىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ. كېسەل بولسا، ئۆلۈپ قالسا، ئاشۇ قۇرتنى پۇل تۆلەپ سېتىۋالغان دېھقان جاۋاپكار بولىدۇ. ئۇ سېتىۋالغاندا پۇل تۆلەيدۇ. كېسەل بولسا، ئۆلۈپ كەتسە جەرىمانە تۆلەيدۇ. يەنە تېخى ئاخىرىدا ھەر قۇتا پىلە ئۇرۇقى ئۈچۈن 32 كىلوگرامدىن پىلە غوزىكى سېتىپ، ھۆججەت - تالوننى يېزا رەھبەرلىرىگە كۆرسىتىشى كېرەك. ناۋادا ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزەلمىسە يېزا رەھبەرلىرىگە كەملىگەن ھەر كىلوگرام ئۈچۈن 5 يۇەندىن جەرىمانە تۆلەيدۇ...
“ تۆمۈر قۇرت»نىڭ كېسەل بولۇشىدىن، ئۆلۈپ كېتىشىدىن، بوۋا بولۇپ قېلىشىدىن (پىلە قۇرتىنىڭ ياخشى چوڭىيىپ، داۋاملىق يوپۇرماق يەپ، لېكىن تورغا كىرەلمەسلىك، پىلە ھاسىل قىلالماسلىق ھادىسىسىنى دېھقانلار بوۋا بولۇپ قېلىش دەپ ئاتايدۇ)دېھقانلارلا قورقۇپ قالماستىن، كەنت كادىرلىرىمۇ، يېزا كادىرلىرىمۇ قورقىدۇ. چۇنكى، ئاشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ئۇلارمۇ جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ، جەرىمانە تۆلەيدۇ، تەنقىد ئاڭلايدۇ...
ئۇچىنچى ھېكايە
1994- يىل يازدا لوپ ناھىيە سامپۇلا يېزا x كەنتىنىڭ كادىرلىرى دېھقان x ئاخۇنغا تەقسىم قىلىنغان بىر قۇتا پىلە قۇرتىنى بامبۇك سىۋەتكە سېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپاردى. چۈنكى، x ئاخۇن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان قۇرتنى ئېلىپ كېتىشكە كەلمىگەنىدى. كەنت كادىرلىرى قۇرتنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن x ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۆيىدە يوقلۇقىنى، ئاللىقانداق بىر ئىش ۋەجىدىن سىرتقا كېتىپ قالغانلىقىنى بىلدى. ئۇلار x ئاخۇننىڭ كىچىك بالىلىرىدىن ئۇلارنىڭ كەچتىمۇ ياكى ئەتىمۇ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ پىلە قۇرتىنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قايتىپ كېتىشتى. x ئاخۇن قايتىپ كەلسە قۇرتلارنى دەرھال پەرۋىش قىلىشقا كىرىشەر دەپ ئويلاشتى. لېكىن، x ئاخۇن كەچتىمۇ قايتىپ كەلمىدى، ئەتىسىمۇ قايتىپ كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان بىر قۇتا پىلە قۇرتى بۇ جاھاننىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمەي جىم - جىملا ئۆلۈپ قالدى...
ئۆگىنىسى كەچتە قايتىپ كەلگەن x ئاخۇن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتتى. ھۇدۇقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى. ئۇ نېمىشقىمۇ قورقمىسۇن! شۇنچىۋالا نۇرغۇن «تۆمۈر قۇرت» ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىدىن ئاسان چىققىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا چىداپ تۇرغۇسىز ھاقارەت ۋە تۈگىمەس سوئال - سوراقلار ئاڭلانغاندەك بولدى. ئىڭەكلىرىگە چارسىلداپ تەگكەندەك تۇيۇلدى. كىملەردۇر جەرىمانە ئۈچۈن ئىغىلدىكى قويلىرىنى سۆرەپ ماڭغاندەك كۆرۈندى. ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ھۇدۇققانىدى... «ئىقرا قىلغانلارغا كەڭچىلىك ...» دېگەن ھېلىقى سىياسەتنى يادىغا ئالغان x ئاخۇن يىراقتىن ھىرىپ - ئېچىپ قايتىپ كەلگىنىگە قارىماي، كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سىكرىتارىنى ئىزدەپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىشنى بايان قىلدى. قاتىللىق قىلغان گۇناھكاردەك بېشىنى ئەگدى... سىكرىتارنىڭ كۆزلىرى دەسلەپ چوڭ ئېچىلدى، كېين چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە پولتىيىپ، ئالىيىپ قارىدى. ئارقىدىن ئاستا - ئاستا ئەسلىگە قايتتى. ئۇ نېمىلەرنىدۇ ئويلاپ قالغانىدى.
- ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
x ئاخۇن بىلەن بىللە ئۇنىڭ قۇرتخانىسىغا كېلىپ، ئۇخلاپ قالغاندەك جىملا ياتقان بىچارە قۇرتلارغا قاراپ تۇرغان سىكرىتار ئەنە شۇنداق دېدى.
― ئۆزلىرى، ئۆزلىرى... - دېدى ھۇدۇقۇپ كەتكەن x ئاخۇن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي. ئۇ شۇ تاپتا سىكرىتار ئۆزىنى تىللاپ - ھاقارەت قىلمىسا، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلمىسىلا جەرىمانە تولەشكىمۇ رازى ئىدى. جەرىمانە پۇلى ئۈچۈن كىگىز - گىلەملىرىنى، قوي - توخۇلىرىنىمۇ سېتىشقا رازى ئىدى.
ئۇلار ئۇزۇنغىچە مەسلىھەتلەشتى. سىكرىتار بىر تالاي تاپا - تەنە قىلغانمۇ بولدى. لېكىن ھېچكىمگە بىلدۈرمەي كۆمۈۋىتىشكە كېلىشتى. ياۋاش x ئاخۇن ئۆلگەن قۇرتلارنى ئۆي ئارقىسىدىكى باغقا ئېلىپ چىققاندا، كۆمىدىغان ئورەك كولاشقىمۇ جۈرەت قىلالمىدى. ئورەكنى ئاخىرى سىكرىتارنىڭ ئۆزى كولىدى. شۇنداق قىلىپ ئاشۇ بىر قۇتا ئۆلگەن قۇرتنى ئۇلار كىچىدە ئىنس - جىنغا تۇيدۇرماي كۆمۈۋەتتى...
لېكىن ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى. x ئاخۇن پۈتۈن ياز بويى قىلمىشىنى يوشۇرغان قاتىلدەك ئەنسىز يۈردى. كۆزى باغدىكى ئاشۇ كۆرۈنمەس قەبرىگە چۈشسىلا، يۈرىكى دۆپۈلدەپ سوقۇپ كېتەتتى. ئاخىرى نەدىندۇر قايسىبىر يوللار بىلەن تاپقان 25 كىلوگرام پىلە غوزىكى سېتىپ بەرگەنلىك توغرىسىدىكى تالوننى يېزا باشلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بولغاندىلا يۈرىكى ئازراق جايىغا چۈشكەندەك بولدى...
ئەگەر مۇشۇ «قاتىللىق» ئاشكارىلىنىپ قالغان بولسا، x ئاخۇننىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كەلمەيتتى دەيسىز؟ سىكرىتار يەنىلا سىكرىتار بولۇپ يۇرت سورالايتتىمۇ؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئەلۋەتتە تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.
________________________
4. «تۆمۈر ئۈجمە» ھەققىدە پاراڭ
«تۆمۈر ئۈجمە» ھەققىدە گەپ باشلاشتىن ئىلگىرى خوتەننىڭ ئېتىز قىرلىرى تارىخىنى بىر قېتىم ۋاراقلاپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 46 يىل جەريانىدا خوتەننىڭ ئېتىز قىرلىرىمۇ خۇددى خوتەنلىكلەرگە ئوخشاشلا ئاجايىپ قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى.
خوتەنلىكلەر خوتەن يەرلىرىنىڭ قۇم تۇپراقلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئېتىز قىرلىرىغا، ئېرىق - ئۆستەڭ قىرلىرىغا، يول بويلىرىغا دەرەخ تىكىشكە ئادەتلەنگەن. بۇ يۇرت - مەھەللىنى كۆكەرتىشنى، گۈزەللەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۇپراق نىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ، ئۇچۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىمۇ مەقسەت قىلغان. ياش - قۇرامى 50 لەردىن ئاشقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا خوتەندىكى ئېرىق - ئۆستەڭ قىرلىرىدا ئۈجمە، جىگدە، ئۈرۈك، شاپتۇل، شاتۇت، ئالما، ياڭاق، بادام قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ، تىرەك سۆگەت قاتارلىق مېۋىسىز دەرەخلەرنىڭ ياشناپ تۇرغانلىقىنى ئەسكە ئالالايدۇ. 1958 - يىلى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە «پولات - تۆمۈر ئېرىتىش تەلۋىلىكى قوزغالغاندا ئاشۇ دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى كېسىلىپ، ئوتۇنغا ئايلاندۇرۇلۇپ پولات - تۆمۈر ئېرىتىش پېچلىرىغا قالىۋىتىلدى. ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرى، ئېتىز قىرلىرى يالىڭاچلىنىپ قالدى. ئاشۇ ئاپەتتىن ئېشىپ قالغانلىرىمۇ 1958 - يىلىدىن 1961 - يىلىغىچە كوممۇنا ئاشخانلىرىدىكى داشقازان ئوچىقىغا قالاپ تۈگىتىۋىتىلدى. ئېتىز قىرلىرى پاك - پاكىز يالىڭاچلىنىپ قالدى...
60 - يىللارنىڭ دەسلىپىدە شۇ چاغدىكى خوتەن يەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چىڭ «خوتەن ياڭىقىغا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئېغىزىنى تەگكۈزۈش» شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېتىز قىرلىرىغا ياڭاق تىرىشنى تەشەببۇس قىلدى. كىشىلەر ياڭاق تىرىدى. باشقا ئۈرۈك، شاپتۇل، ئالما، ئامۇت قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىمۇ تىكتى. ئەپسۇسكى، بۇلارمۇ داجەيدىن ئۆگىنىش، سالا ئېتىز قۇرۇلۇشى، ئېتىز - ئېرىق، يول قۇرۇلۇشى، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى... قاتارلىق ھەرىكەتلەردىن ئامان قالالمىدى. بىر قىسمى تەبىئىي ھالدا چىقىرىپ تاشلاندى.
80 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، شۇ چاغدا خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىدە مۇئاۋىن ۋالىي بولۇپ ئىشلەۋاتقان تاڭ چۇنجيې دېگەن ئادەم «ئېتىزلاردىن قوش قەۋەت ھۇسۇل ئېلىش» نى پىلانلاپ، ئېتىز - ئېرىق قىرلىرىغىلا ئەمەس، ھەتتا ئېتىزلىقلارغىمۇ سەگۈتىرەك، بېيجىڭ توغرىقى قاتارلىق دەرەخلەرنى تىكىشنى بۇيرۇدى. ئېتىزلىققا ئەزەلدىن مېۋىسىز دەرەخ سېلىپ باقمىغان خوتەنلىكلەر ئۈچۈن بۇ بەكمۇ غەلىتىلىك بولۇپ تۇيۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا شۇنداق قىلماي بولمىدى. ئېتىزلىقلارغا قاتار - قاتار قىلىپ سەگۈتىرەك سېلىندى. تاڭ چۇنجيېنىڭ ئىيتىيىشىچە: مۇشۇنداق قىلغاندا ئاستىدا بۇغداي - قوناقتىن، ئۈستىدە ياغاچ ماتېرىيالى سەگۈ تىرەكتىن ھوسۇل ئالغىلى بولارمىش. قوش قەۋەت ھوسۇل ئېلىش دېگەن مۇشۇمىش. بۇ ئىش سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا تۇتۇلغانلىقتىن، سەگۈتىرەك سايە چۈشۈرۈپ، بۇغداي ئوخشىمىغاندىمۇ، سەگۈتىرەكتىن كېسەل تارقىلىپ، بۇغداي - قوناقنى پىت - كۇمۇتا بېسىپ كەتكەندىمۇ خوتەنلىكلەر غىڭ قىلىشالمىدى.
ۋاقىت يېڭى ئەسىرگە يىقىنلاپ 90 - يىللار يېتىپ كەلگەندە ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ ئوز ۋاقتىدا: «پىلە بېقىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۈجمە يېتىشتۈرۈش كېرەك، ئۈجمە يېتىشسە ئاندىن پىلە باققىلى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكىنىدەك ئۈجمە يېتىشتۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن تاڭ چۇنجيېىنىڭ ئېتىزلىقلارغا تىكتۈرگەن ھېلىقى سەگۈتىرەكلىرى تېخى ياغاچ ماتېرىيالىغا ئايلانماستىنلا بىر كېچە - كۈندۈزدە ئېتىزلاردىن، ئېتىز - ئېرىق قىرلىرىدىن يوق قىلىندى، كېسىپ - يۇلۇپ تاشلاندى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئېتىز - ئېرىق قىرلىرىغا ئۈجمە تىكىش ئۈچۈن تاڭ چۇنجيېنىڭ سەگۈتىرەكلىرىلا ئەمەس، ئېتىز - ئېرىق قىرلىرىدىكى ئۈرۈك - شاپتۇللارمۇ يۇلۇپ - كېسىپ تاشلاندى.
ئۈجمە كۆچىتى تىكىش، ئۈجمە يېتىشتۈرۈش بەكمۇ تېز سۈرەت بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. «چىرا ناھىيىسىنىڭ چىرا يېزىسى 1991- يىلىدىن 1994 - يىلىغىچە 6 مىليون 240 مىڭ 654 تۈپ ئۈجمە يېتىشتۇرۇپ، ئومۇمىي ئۈجمىنىڭ تۈپ سانىنى 6 مىليون 808 مىڭ 654 تۈپكە يەتكۈزدى، 3 مىليون 256 مىڭ 80 تۈپ ئۈجمىنى ئۇلاپ، سورتنى ياخشىلىدى...»
«لوپ ناھىيىسىنىڭ چاھارباغ يېزىسى 1994 - يىلى 377 مىڭ 220 تۈپ ئۈجمە كۆچىتى تىكىش، 630 مىڭ تۈپ ئۈجمىنىڭ سورتىنى ياخشىلاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەزىپىنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىلەشتۈردى...»
«قاراقاش ناھىيىسىدە 1994 - يىلى سېلىنغان ئۈجمە كۆچىتى 5 مىليون 437 مىڭ تۈپ بولۇپ، 1993 - يىلىدىكىدىن 54.9% ئاشتى...»
ھەممە ناھىيە، ھەممە يېزىلارنىڭ ئۈجمە يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىدىن سان - سىفىرلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ يۈرمىسەكمۇ بولار. يۇقىرىقىلاردىنلا خوتەندىكى ئۈجمە يېتىشتۈرۈش سۈر ئىتىنىڭ ئاجايىپ تېز بولغانلىقىنى، سېلىشتۇرغۇسىز تېز بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇنداق قىلىپ، يەنە ھېلىقى خوتەن ئېتىز- قىرلىرىنىڭ تارىخىي قىسمەتلىرى توغرىسىدىكى گېپىمىزگە قايتايلى. ئېتىز - ئېرىق قىرلىرى يەنە 50 - يىللارنىڭ بېشىدىكى ھالىتىگە قايتىپ، ئۈجمىلىك ئېتىز - قىرلىرىغا ئايلاندى. يەنە كېلىپ نەچچە ھەسسە قويۇق ئۈجمە كۆچەتلىرى بىلەن قاپلاندى. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاشۇ پايانسىز ئۈجمىزارلىقلارنى پىلىگە ئېھتىياجلىق فابرىكىلار بەرپا قىلغىنى ياكى بەرپا قىلىشقا مەبلەغ سالغىنى يوق. ئاللىقانداق بىر باشقا ئىشلەپچىقىرىشقا مۇلازىمەت قىلغۇچى شىركەتلەر بەرپا قىلغىنى ياكى مەبلەغ سالغىنى يوق، ئۇنى خوتەن دېھقانلىرى بەرپا قىلدى. ئۈجمە كۆچىتىنى دېھقانلار سېتىۋالدى، دېھقانلار تىكتى، دېھقانلار ئۇلاپ سورتىنى ياخشىلىدى. ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە دېھقانلار يېتىشتۈرگەن ئۈجمە «تۆمۈر ئۈجمە» گە، چېقىلغىلى، كەسكىلى، ساتقىلى بولمايدىغان مۇقەددەس دەرەخكە ئايلاندۇرۇۋىتىلدى. بۇنداق قىلىشقا بىزگە كىم ھوقۇق بەردى؟
ھېكايە
1994 - يىل ئاۋغۇستتا كىرىيە ناھىيىسىدىكى بەزى باشلىقلار كىۋەز ئېتىزلىرىنىڭ ئىچكى قىرلىرىغا تىرىلغان ئاپتاپپەرەسلەرنى چېپىپ تاشلاش دولقۇنىنى قوزغىدى. 20 كىشىلىك، 30 كىشىلىك، 50 كىشىلىك قىلىپ تەشكىللەنگەن «جەڭگىۋار ئەترەت»لەر خۇددى ئالپ ئەرتۇڭانىڭ قىلىچۋازلىرىدەك جاسارەت بىلەن سەپ تارتىپ، سالامۇ سالا، ئېتىزمۇ ئېتىز، قىرمۇ قىر بېسىپ ئۆتۈپ، مىغىز تۇتۇپ پىشايلا دەپ قالغان ئاپتاپپەرەسلەرنى دۈشمەننىڭ كاللىسىنى چاپقاندەك چېپىپ تاشلىدى. دېھقانلارنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا، توسۇشلىرىغا پىسەنت قىلمىدى. سەۋەبى ئاپتاپپەرەس كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرۈپ، پاختا مەھسۇلاتىنىڭ كەملەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرارمىش، پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇن بولارمىش... كىۋەزلىك قىرلىرىغا ئاپتاپپەرەس تىرىش ئەسلىدە ھازىرقى خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئابدۇراخمان قۇربان كىرىيە ناھىيىسىدە ھاكىم بولۇپ تۇرغاندا، دېھقانلارنىڭ ئوزۇقلۇق مىيىنى ھەل قىلىشنى كوزدە تۇتۇپ تەشەببۇس قىلغان بىر خىل كىرىشتۈرمە ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئىدى. ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۇنگە كەلگەندە بۇ ياخشى ئىشنىڭ بېشىغا بۇنداق ئېغىر كۈلپەتنىڭ كېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز؟
ئاپتاپپەرەسلەرنى چېپىپ تاشلاش دولقۇنى شۇنچىلىك ھەيۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلدىكى، ھېچكىم توسالمىدى، ھەتتا مۇئاۋىن ۋالىي ئابدۇراخمان قۇربان كىرىيە ناھىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۈچ قىتىم تېلېفۇن بېرىپ، «بۇ ئىش ياخشى بولماپتۇ» دەپمۇ توسۇپ قالالمىدى. قانداقمۇ توسۇپ قالالىسۇن؟ ئاپتاپپەرەس سايە چۈشۈرۈپ، پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇن بولىدىغان تۇرسا، پاختا مەھسۇلاتى دېگەن دۆلەت چۈشۈرۈپ بەرگەن پىلان تۇرسا، كىم يەنىمۇ بەكرەك توسۇشقا جۈرەت قىلالايدۇ؟ شۇنداق قىلىپ، يەتتە يېزىدا كىۋەزلىك قىرلىرىغا تىرىلغان، پىشاي - پىشايلا دەپ قالغان ئاپتاپپەرەسلەر پۈتۈنلەي نابۇت قىلىندى. پاختىنىڭ مۇھىملىقىدىن ئىبارەت نۇرلۇق يۇلتۇزنى كۆرگەندە، دېھقانلارنىڭ ئوزۇقلۇق مىيىدىن ئىبارەت ئاجىز شام چىراغ ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ كۆزىگە چېلىقماي قالدى...
كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىغان ئاپتاپپەرەسلەر چېپىپ تاشلاندى. لېكىن، كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىغان يەنە بىر كاساپەت - ئۈجمە دەرىخىنى كېسىپ تاشلاش ھىچكىمنىڭ يادىغا كەلمىدى. ئۇ يەنىلا كىۋەزلىك قىرلىرىدا سايە - كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرىۋەردى. كىرىيە ناھىيە سىيەك يېزىسىدىكى دېھقان x ئاخۇن خۇددى كىيۇرىي خانىمنىڭ رادىئاتسىيە ھادىسىسىنى تۇنجى بايقىغىنىدەك، ئۈجمىنىڭمۇ كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىغانلىقىنى بىردىنلا بايقاپ قالدى دىسەك، گېپىمىز ئارتۇق كەتمەس، ئۇ شۇ كۇنى ئۆزىنىڭ ئېتىزلىقىدا تۈنۈگۈنلا قوياشقا بېقىپ، ياشناپ تۇرغان ئاپتاپپەرەسلەرنىڭ سۇلۇپ - سارغىيىپ ياتقانلىقىنى كۆرگەن چىغىدا، «جەڭگىۋار ئەترەت» قىلىچۋازلىرىنىڭ نېمىشقا يەنە بىر سايە تاشلىغۇچى ئۈجمىنى كېسىپ تاشلىمىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كىچىككىنە چاقچاق قىلغۇسى، شۇ ئارقىلىق كۆڭلىدىكى غۇمنى چىقىرىۋالغۇسى كەلدى. ئۇ نېمىشقىدۇر ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن پالتىنى قولىغا ئېلىپ، خوشنىلىرىنىڭ، كەنت كادىرلىرىنىڭ كۆزىچىلا ھايت - ھۇيت دېگۈچە بىر تۈپ ئۈجمىنى كېسىپ تاشلىدى. «جەڭگىۋار ئەترەت»نىڭ قىرغىنىدىن كېينمۇ يەنىلا كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرۈشكە جۈرەت قىلغان بىر تۈپ كاساپەتنى يوق قىلدى...
- ھاي، ھاي - ھاي، نېمە قىلىق ئەمدى بۇ؟
― بۇمۇ كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىكەن ئەمەسمۇ، كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلاش كېرەك.
- ھەي، بۇ دېگەن ئۈجمە، پىلە قۇرتى باقىدىغان ئۈجمە...
x ئاخۇن كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىغان ئاشۇ كاساپەتتىن يەنە بىر قانچە تۈپ كېسىپ تاشلىماقچى، ھەتتا مۇمكىن بولسا ئېتىزلىقنى سايە چۈشۈرىدىغانلارنىڭ زۇلۇمىدىن تەلتۈكۈس ئازاد قىلماقچى ئىدى. لېكىن، كەنت كادىرلىرى ۋە خوشنىلار توسۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ خېلىلا مەمنۇن بولدى. ئۇ قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋالغىنىغا، ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى مۇشۇ يول ئارقىلىق ئىپادىلىگىنىگە مەمنۇن ئىدى.
x ئاخۇننىڭ بىر تۈپ ئۈجمىنى كېسىپ تاشلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر شۇ كۈنىلا سىيەك يېزا رەھبەرلىرىنىڭ، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىشىك - دىرىزىلىرىدىن ئۇچۇپ كىرىپ، ئۇلارنى يۇمشاق ئورۇندۇقتىن خۇددى تىگى تەرەپتىن جۇۋالدۇرۇز تىقىلغاندەك دىككىدە تۇرغۇزىۋەتتى. مۇقەددەس دەرەخنى كېسىشكە جۈرەت قىلغان كىمكەن ئۇ؟ خەپ - خەپ ... شۇنداق قىلىپ، x ئاخۇننىڭ مەھەللىسىگە تەكشۈرگۈچىلەر يىغىپ كەتتى. سوئال - سوراقلار باشلاندى. شاھىت - گۇۋاھچىلار چاقىرتىلدى. x ئاخۇن ياۋاشلىق بىلەن بىر تۈپ ئۈجمىنى كېسىپ تاشلىغانلىقىدىن ئىبارەت كەچۈرگۈسىز جىنايىتىنى بوينىغا ئالدى.
ماڭا مۇشۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن خىزمەتدىشىم: « x ئاخۇن 400 يۇەن جەرىمانە تولەپتۇ» دېدى. بىر ھەپتىدىن كېين كىرىيىدىن كەلگەنلەر « x ئاخۇننى سولاپ كويۇپتۇ» دەپ كەلدى. مەن بۇ گەپلەرنىڭ يالغان ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. مەن يۇقىرىقى ۋەقەنى بايان قىلىش ئارقىلىق ناھىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى ئىلگىرىدىنلا بولۇپ كەلگەندەك، بۇرۇنقى رەھبەر يولغا قويۇپ كەلگەن ئىشلارنى ئۆزگەرتىش، بۇزۇش، ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ناھىيە قىياپىتىدە تېتىقسىزلارچە يېڭىلىق ياراتماقچى بولغان دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۇرمەكچى ئەمەس، بەلكى دېھقانلاردا پىلە - ئۈجمىچىلىكىنىڭ سۈرىتى، ئۇسۇلى، مەۋجۇت ھالىتىدىن نارازى بولۇش، ئۆزى تىككەن، ئۆزى ئۆستۈرگەن ئۈجمىگە ئىگە بولالماسلىق ھالىتىدىن نارازى بولۇش مەۋجۇت، پۇرسەت تاپسىلا قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋىلىشقا ئۇرۇنۇش روھىي ھالىتى مەۋجۇت دېمەكچىمەن.
«تومۇ ئۈجمە» دېگىنىمىز ئەنە شۇ. ئۇنى تىكىشكە، ئۆستۈرۈشكە، سورتىنى ياخشىلاشقا رۇخسەتكى، كېسىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. نوتىسىنى كېسىپ يوپۇرمىقىنى ئېلىشقا رۇخسەتكى، ئوتۇن قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سېتىشقا تىېخىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇ ئەبەدىلەبەد پىلە بېقىشقا خىزمەت قىلىشى كېرەك
______________________________
بۇ يىل قىش ۋە ئەتىيازدا خوتەن يېزىلىرىدا دېھقان ئائىلىلەردە ئاشلىق تۈگەپ قېلىشتىن ئىبارەت «كىچىككىنە» چاتاق چىقتى. گەرچە ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەر توغرىسىدا خەۋەر تارقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمدىلا ئەتلىنەي دەۋاتقان بىر قىسىم ئائىلىلەر قوي - ئۆچكە، توخۇ - ئۆردەكلىرىنى، گىلەم - كىگىزلىرىنى، تېخى ياغاچ ماتېرىيالى بولۇشقا ئۈلگۈرمىگەن دەرەخلىرىنى ئېلىشىغا سېتىپ، ئاشلىق سېتىۋىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنى ئۇلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدىكى بىر قېتىملىق پۇتلىشىپ، پېيلىشىپ كېتىشى دېيىش كېرەك. بۇنى كىمنىڭ ۋە نېمە سەۋەبتىن كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن قەتئىينەزەر ئاپتونوم رايون ۋە خوتەن ۋىلايىتى بۇ ئىشقا تولىمۇ جىددىي قارىدى. ئارقىمۇ ئارقا تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى قايتا - قايتا تەكشۈردى. ئۆيمۇ ئۆي، ئائىلىمۇ ئائىلە كىرىپ، تاغار، خالتىلارنىڭ قۇرۇق - قۇرۇق ئەمەسلىكىنى، خالتا قۇرۇق بولمىسا قانچىلىك ئاشلىق بارلىقىنى بىرمۇ بىر جىڭلاپ تەكشۈردى. ئاشۇ تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى دېھقانلاردىن ئەھۋال سورىغاندا دېھقانلار ئۆز ئەھۋالىنى ئۆز سۆزى بىلەن دېمەي، بەلكى شائىر روزى سايىتنىڭ «دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش»، «دېھقان يىغلايدۇ»، «جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس» دېگەن شېئىرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنداق ئەھۋال باشقا يېزا - كەنتلەردىمۇ تەكرارلىنىپتۇ... قوۈسقى يېرىم ئاچ بىچارىلەرنىڭ شېئىر يادلاپ يۈرىشى غەلىتىلىك ئەمەسمۇ؟ مېنىڭچە ئەگەر يۇقىرىدىن خوتەندىكى «پىلە زۇلۇمى»نى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆمەك كېلىپ قالسا، دېھقانلار يەنىلا شۇ شېئىرلارنى يادلاپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، شۇ شېئىرلارنىڭ بېرىدە «پىلە زۇلۇمى» توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك يېزىلغان:
پىلىنىڭ داۋرىڭى بىر زۇلۇم بولدى،
قۇرت بېقىپ دەردىمىز مىڭ تۇلۇم بولدى،
كىرىمدىن چىقىم جىق، «داد!» ئۆلۈم بولدى،
ھېچ كىشى دېمەس: «نەق ئون پۇلۇم بولدى.»
مال - مۈلكى تۆلەمدە ھەر ئۆي - خانىنىڭ.
ئۆي - ئۆيگە تېڭىلدى توختاملىق پىلە،
نە پىلە، بىز ئېشەك، ئۇ بولدى مۆلە،
بىر تال قۇرت ئۆلسە دەر: «جەرىمانە تولە»،
بۇ قانداق ئادالەت، بۇ قانداق ھىلە؟
بۇ تەھقىق ئەمرى كەنت خانىدانىنىڭ.
بىز مانا مۇشۇنداق بىچارە بەندە،
سالىدۇ «خارەت» لەر توختىماي «رەندە»،
يانچۇق بوش، تاغار بوش، كىيىم جۇل - جەندە،
بىزگە كىم باشپاناھ، كىملەر پەيۋەندە،
يېرىمى قالدىغۇ دېھقان جانىنىڭ.
دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مۇشۇنداق ئەينەن، دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلارنى يادلىۋالماي قالارمۇ؟ ئاشۇ شېئىرلار بېسىلغان گېزىت - ژۇرناللارنى قوينىغا سېلىپ كۆتۈرۈپ يۈرمەسمۇ؟ ئەمدى گەپنى ئۇزارتىۋەرمەيلى. ھەممىگە ئايانكى: شېئىر ― رىئاللىقنىڭ ئەينىكى.
مەسۇل مۇھەرىر روزىمۇھەممەت جۇمە
مەنبە: «تارىم» ژۇرنىلى 1996 ج يىل 1 - 2 - سان.
تەكلىماكان بلوگقا
Post Commentsئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
زىيارەت كۆرسەتكۈچى
كىرگەنلەر سانى
كىرگەنلەر سانى
0 ئىنكاس:
ئىنكاس