deep feeling.

مۇڭ.


بولمىسىمۇ سىھرى كارامەت،
تۆكۈلۈپلا تۇرار نازاكەت.
ئايرىمىسۇن دەيمەن ئىلاھىم،
ئىلكىمدىكى چۈشلەردىن پەقەت.

ئالتۇنلارنى چايقايدۇ قۇملۇق،
يىشىللىقنى يۈتتۈرگەن ھامان.
كۆيۈپ قالدىم بىلمەي ئاھ!ساڭا،
بىلمىگەندەك ئۆلۈشنى قاچان .

تىرەلمىدىم مارجان تاشلارنى،
يۇمۇۋىلىپ كۆزىنى بۇلاق .
بولۇۋالسا يۇنۇس بىلىققا،
سۇمبۇل چاچلار مۇلايىم سىرتماق.

ئۆچۈپ قالغان گۈلخان ئىزىنى،
جۇدۇنلاردىن يۈرەيمۇ سوراپ.
قىسمەتلەردىن ماڭا بەخشەندە-
كۈتۈش. قۇمدەك پۈتۈنلۈكۈمنى،
ئىچىلمىغان گۈلۈمگە قاراپ.

ئاتا-ئانام تۇرۇپ يىتىملىك
ئۆز ئۆيۈمدە مۇساپىرلىقنى
قالدۇرۇپمۇ بۈگۈن-ئەتەمگە.
ئاراڭلاردىن مەر-مەر ھەيكەللەر،
بىرەرىمۇ سەلكىن شامالدەك،
ئۆزگەرمىدى يىقىن كىشىمگە.

ماڭا قانداق بىرەلەيسىلەر،
يوق نەرسىنى ئۆزۈڭلاردىكى.
ياپالمىسا ئىسسىق تىنىڭلار،
قابرىلەرنى كۆزۈڭلاردىكى....

0 ئىنكاس:

زىيارەت كۆرسەتكۈچى
free hit counter

كىرگەنلەر سانى
free hit counter