ئۇنۋان: قاچا بىلەن داشقازان مۇناسىۋىتى
ئابدۇقادىر جالالىدىن
نىمىس مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىيتقاندا، مائارىپ ئارمىيىدىن بەكرەك مۇھىم.
– كارل ياسسېىرس (گىرمانىيە پەيلاسوپى)
كىمدۇر بىرسى:"ھەممە نەرسە شۇ پىتى" دىگەنىكەن. بىر قارىسا بۇ گەپ شەيئىلەردىكى تەرەققىياتنى ئىتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدىغان جاھىللارنىڭ گىپىدەك قىلىدۇ، ئەمما سوغۇققانلىق بىلەن قارىسا، ئاز - تولا ماھىيەت بار، تاج كىيىپ يۈرگەنلەر بولمىسىلا، پادىشاھلار يوقالدى، دىگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شاھانە سالاھىيەتنى تاجنى بەلگە قىلىپلا كۆرگىلى بولمايدۇ. ھازىر ھەممە نەرسە زامانىۋىلاشتى، ئۇلارنى قاراپلا ېەرق قىلىش تەس، شۇڭا تاجدارلارنىڭ تاجىنى ئۇلارنىڭ بىشىدىن ئىزدەپ يۈرۈش بىمەنىلىك. "تاج" ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يوقاتمىدى، پەقەتلا ئىنىق ئىلغا قىلغىلى بولىدىغان شەكلىنى يوقاتتى. پارقىراق مىتاللاردىن ياسالغان تاجلار گەرچە مۇزىيلاردىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، تۈرلۈك شەكىلسىز تاجلار ئاۋۇپ كەتتى. بۇ مودا دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ كىيىدىغان ئورگانلىرى ۋە ئۇسۇللىرى كۆپىيىپ كەتتى. شەكىلسىز تاجلار شەكىلسىز باشلارغا كىيىلمەكتە. بۇنداق بولغاندا تاجدارلار ئوتتۇرىسىدا "ئۇرۇش"مۇ يۈز بەرمەيدۇ، ھەسەت ئوتلىرى ئۆز ئوچىقىدا يىنىپ، ھەرھالدا باشقىلارنىڭ پىشىگە ئالدىراپ تۇتىشىپ كەتمەيدۇ. بىز سورۇنلاردا تاجدارلارنىڭ خۇشخۇي، ئوڭلۇق، پىقىرانە قىياپىتىنى كۆرىمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى تاجدارلارغا خاس ھۇزۇرى ئەشرەپلەرنى كۆرمەيمىز. ئاخىر، شۇنداق بولسىلا كۇپايە بولىدىغان بولدى. چۈنكى بىز ئادەتلىنىپ كەتتۇق. بىز ھەرقانداق ئىشقا پەقەت كۆنۈپ كەتسەكلا، شەرىئەتنىڭ ئىلغار ماددىلىرى سۈپىتىدە گۈزەل خۇلق دەپتىرىگە كىرگۈزىمىز.
ئۇنۋان زامانىمىز كەسىپدارلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاج. ئۇنى كىيىپ يۈرگىلى بولمىسىمۇ، كۆتۈرۈپ يۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر كىيىپ يۈرگەنگە قارىغاندا كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئاقىلانىراق، چۈنكى بۇنداق تاجلار باشقا كىچىك كىلىشىمۇ مۇمكىن، چوڭ كىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنۋان كىيىپ يۈرىدىغان تاج ئەمەس، ئۇ، زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ شەرەپ ۋە نومۇس تۇيغۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان ھالدا كىنىشكىغا نەقىشلىنىدۇ. ئۇ، كىشىلەرگە نامۇناسىپ بولغاندىمۇ سەت كۆرۈنۈپ دەرھال چىلىقىپ كىتىدىغان ئىشلار بولمايدۇ.
ئادەملىرىمىز پىكىرگە گاداي بولسىمۇ شەرەپ تۇيغۇسىغا ئىنتايىن باي. بۇنىڭدىن بىز قانداق پەخىرلىنىشنى بىلمەيلا قالىمىز. ئادەتتە ھەر يىلى ئۇنۋان باھالاش ھەرىكىتى يىتىپ كىلىشى بىلەنلا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى بىردىنلا ئالدىراش بولۇپ كىتىدۇ. يىپىق ھالەتتىكى مۇناسىۋەت ئاشكارا ھالەتكە ئۆتۈپ، سوۋغا - سالام ۋە تەبەسسۇملارنىڭ ئىستراتىگىيىلىك مەنىلىرى بالاغەتكە يىتىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل ئەتەيلىكنى ناھايىتى روشەن بىلىپ تۇرسىمۇ توغرا چۈشىنىدۇ. چۈنكى خىجىللىق بىلەن قىزىرىش زاماننىڭ تەرەققىيات مەنتىقىسىگە ماس ھالدا قالاق ئەخلاقىي سىزىمگە ئايلىنىپ كەتتى. سۆھبەتلەردە، رادىئو - تىلىۋىزىيە ۋە مەتبۇئاتلاردا لەنەت ئوقۇلىدىغان شەخسىيەتچىلىك قانچە قىسىپمۇ قىسقىلى بولمايدىغان كۆكيۆتەلدەك ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشقا باشلايدۇ، ھەتتا كىشىلەر ئۇزاقتىن بىرى تەقىپلەنگەن بۇ تەبىئىتىنى ئۆزئارا تەڭكەش قىلىۋاتقاندا، تۆت ئەتراپقا تەشۋىش ئارىلاش قاراپمۇ يۈرمەيدۇ، بەلكى لەززەت ھىس قىلىدۇ.
باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ مەكتەپلەردىكى، جۈملىدىن تىخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەھۋاللارغا قاراپ باقايلى. چۈنكى بۇنداق مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، شەيئىلەرنى كۆزىتىدىغان ئۇسۇل ۋە پوزىتسىيىنىمۇ خاسلاشتۇرۇپ يىتىلدۈرىدىغان ئالاھىدە ئورۇن. بۇنداق ئورۇننىڭ قىياپىتى جەمئىيەتنىڭ قىياپىتىنى دىئالىكتىك مەنىدە كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. ئۇنۋان باھالاشنىڭ شەرتلىرى ھەر يىلى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىش ئالدى بىلەن يۇقىرى ئورگان چۈشۈرگەن ھۆججەتتە ئەكس ئىتىدۇ. ھۆججەتنىڭ مەزمۇنلىرى ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ جىددىي تەقەززاسىغا ماس ھالدا ئىستراتىگىيىلىك مەنىدە تەتبىقلىنىدۇ، ئاندىن فاكۇلتىت، كافىدرالاردا نەچچە قاتلام تەتبىقلىنىدۇ. بەلكىم پرامىدا شەكلىدىكى باشقۇرۇش سىستىمىسى دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك. بۇنداق سىستىمىدا يۇقىرىنىڭ يارلىقلىرى تۆۋەنگە چۈشكەنسىرى ئەسلىدىكى مەنىسى مۈجىمەللەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرغا ئايلىنىپ قالىدۇ. تۆۋەننىڭ سادالىرى پرامىدانىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىغا بارغۇچە ھالسىراپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئۈچۈن ئىيتقاندا، بىر غايىۋى دۇنيادىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. روشەنكى، بۇ يەردىكى "چۈشىنىش" ھەقىقەت مەنىسىگە ئىگە. جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا ھەقىقەت ئاسان تىلغا ئالغىلى بولىدىغان نەرسە بولماي كەلگەن، ئۇ، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان "يوسۇن" ۋە "ئەدەپ" لەر ئارىسىدا پانىيلارغا مەنسۇپ بولمىغان.
ھازىرغىچە ئۇنۋان باھالاشتىن ئىبارەت ئۇدۇم ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لىكىن باھالاشنىڭ يوسۇنلىرى ئۆزگىرىپ تۇردى، ھەتتا ئۇ قوغلىشىپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدىغان مودىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا ئۇنۋان باھالاش شەرتلىرىنىڭ ھەر قىتىملىق ئۆزگىرىشى ئۆز رىزقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خادىملارغا يىڭى مەسىلە بولۇپ تۇيۇلىدۇ. بۇ مەسىلە تورنى قايتىدىن توقۇش زۆرۈرىيىتىنى تۇغدۇرىدۇ. رەھبەرلەر بىلەن زىل باردى - كەلدى باشلىنىش بىلەن بىرگە، خىزمەتداشلار ئارا رىقابەت، جەڭگى - جىدەل، تۆھمەتلەرمۇ بارلىققا كىلىدۇ. ماقالىسى يوقلار ئاز - تولا قەلەم تۇتىدىغانلار ۋە تونۇش مۇھەررىرلەرگە ئىلمىي كامىللىق جەھەتتىكى ھاجىتىنى ئىزھار قىلىدۇ، ئۆزئارا تايىنىش ۋە تولۇقلاش خاراكتىرىدىكى زاكازلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر ئاخىر ئاشۇنداق تۈرتكە بىلەن ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا بىر - ئىككى پارچە ماقالىنىڭ ئاپتورى بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىمىز بىلمىگەن ھالدا بىرەر بالىنىڭ دادىسى بولۇپ قىلىشنى ئىغىر ئالىدىغان روھىي تىپىك ھەرھالدا ئارىمىزدىن يوقاپ كەتمىدى. ئەمما باشقىلارنىڭ مەنىۋى "پۇشتى"غا ئۆز فامىلىسىنى ماركا قىلىپ چاپلاش بۈگۈنكى جۇڭگودىكى كاتتا كەشپىياتلارنىڭ بىرى بولسا كىرەك.
"ئۇنۋان" دىگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسىنى ئاختۇرۇپ باقماپتىمەن، بەلكىم ئۇنىڭ ئايرىم ئىلمىي شەرھىسىمۇ بولسا كىرەك. مىنىڭچە، بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان سۆزلەرنى "ئىزاھلىق لۇغەت" لەردىن تاپقىلى بولسىمۇ، لىكىن بىزنىڭ ئىرىشكەن مەنىلىرىمىز پىكىر مونوپولىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تۆت چاسا كىتابقىلا ئۇيغۇن كىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى سۆزلەرنىڭ لۇغەتتىكى مەنىلىرىنى مۇئەييەن ئارخىئولوگىيىلىك جۇغلانمىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مەسىلەن، "پروفىسسور" دىگەن سۆزگە لۇغەتلەردە تۈز، ساددا، بىۋاسىتە شەرھى بىرىدۇ. ئەمما ئۇنى كىمدۇر بىرسى: "ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بىرىمەن دەپ جەمئىيەتكە سوئال قويۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەن سوغۇققان ئادەم" دىسە، بۇنىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئالىي مەكتەپلىرىمىزدە ئىس - بۇسى چىقماي ئۆتۈپ كىتىدىغان ېروفىسسورلارمۇ ئاز ئەمەس. مەن "ئۇنۋان" سۆزىگە تەبىر بىرىپ ئولتۇرمايمەن، ئەمما مەن ئۇنىڭ كەسېىي خادىملارنىڭ تاماق قاچىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايمەن. بىر ئادەم يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىرىشسە، ئۇنىڭ ئازراق مائاشى ئۆسىدۇ، ئاشۇ ئۆسكەن قىسمى بىلەن پەسىلدە بىر قىتىم كەش ئىلىپ كىيگىلى، يەنە ئۆي - تۇرالغۇ جەھەتتە نىسبەتەن ياخشى ئىمتىيازغا ئىرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىخى پەخىرلەنگىلى، ماختانغىلى بولىدۇ. 1 مىليارد 200 مىليون ئادەم قاتناشقان نان ئىنقىلابى دەۋرىدە ئاشۇنچىلىك ئىمتىيازغا ئىرىشىش كولۇمبۇنىڭ نەتىجىسى بىلەن تەڭ تۇرسا كىرەك. دىمەك، ئۇنۋان مەسىلىسى كۆپ تەرەپلىمە ھۇجۇمدىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭغا ئادەمزات ئىجاد قىلغان نۇرغۇن تەدبىر ۋە ۋاسىتىلەرنى تاللىماي تۇرۇپ ئىشلىتىش مۇمكىنلىك دائىرىسىدىن ھالقىپ، قىېيالىڭاچ رىئاللىق بولۇپ قالدى.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بىز ئورتاق بىلىدىغانپاكىت. ئۇنداقتا، ئۇ نىمە ئۈچۈن ئۆزگەرمەيدۇ. قەدىمكى گرىكلار:"خاراكتىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ" دەپ ھۆكۈم قىلغانىكەن. ئەمما جۇڭگودا تەقدىر ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگو جەمئىيىتى ۋە مائارىپى بىر ئۆسمۈر چوڭ بولۇپ ئادەم بولغۇچە ئۇنىڭ خاراكتىرىنى ئاللىبۇرۇن بىكىتىلگەن ئورتاق قىلىپ بويىچە قۇيۇپ، تەقدىرىنى ېىچىپ بولىدۇ. چۇيۈەن شائىر بولۇش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ئەمىر - مەرۇپلىرىغا تەكلىپ بەرگەن چوڭ ئۆلىما. ئۇ ئاخىر ئوردىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، پىغانىنى باسالماي "جۇدالىق زارى"نى يازغان ۋە ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلگەنىدى. دۇفۇ ھۆكۈمرانلارنى ئەيىبلەپ شىئىر يازغان. لى بەي ھۆكۈمرانلارغا پەرۋا قىلماي مەي ئىچىپ يۈرگەن. ئۇلار ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنمۇ فىئودالىزم تاكى غەربلىكلەر كىلىپ جۇڭگونىڭ قىلىن ئىشىكلىرىنى قاققىچە بەخىرامان ياشاۋەرگەن. شۇڭلاشقا جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا، ھەق گىپىنى ئاختۇرالماي تەركىيدۇنيا بولۇپ كىتىشتەك چۇيۈەنچە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ تارىخى بولۇپ قالغان. سۈكۈت قىلىش ئەنە شۇ تارىخ يىتىشتۈرگەن ھايات پەلسەپىسى بولۇپ، بۇنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سۈكۈت قىلىش دىيىشىكىمۇ بولىدۇ.
"ئەڭ ياخشىسى، سىڭگەن نىنىڭنى يە" مانا بۇ، جۇڭگوچە ھايات پەلسەپىسىنىڭ يەنە بىر ماددىسى. ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، چىقىمچىلىق، تۆھمەت، شىكايەت قاتارلىقلار ئازراق شاكىلات يالىتىلىپ، يۇقىرىقى پەلسەپىنىڭ پەشتاختىسىغا چىرايلىق تىزىپ قويۇلىدۇ. شاكىلاتنىڭ ماتىرىيالى نەدىن كەلگەن دىسەڭلار، چاقناپ تۇرغان "ئەدەپ"تىن كەلگەن. ئاخىر، رىزقىمىزنى كۈلۈپ تۇرۇپ "ئەدەپ" بىلەن تالىشىش غەيرىي تۇيۇلمايدىغان قائىدىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
مەلۇمكى، ئۇنۋان ئىشخانىسى بىر تەشكىلىي ئىمتىياز سۈېىتىدە پرامىدانىڭ بىرەر قاتلىمى ياكى بىرەر بۇرجىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ، بىر پۈتۈن پرامىدانىڭ مۇستەھكەم زەنجىرىدىن چىقىپ كىتەلمەيدىغان بىر ھالقا بولسىمۇ، ئۆزىگە خاس ئىچكى سىستىمىغا ئىگە. بۇ سىستىما يۇقىرى - تۆۋەن ئورگان ۋە يۈرۈشلەشكەن ئىمتىھان مەركىزىدىن تەركىب تاپقان. بۇ ئورۇن دۆلەتنىڭ كادىرلار ۋە كەسپىي خادىملارغا دائىر سىياسىتىنىڭ ئىجراچىسى لاياقىتىدە كۆېرەك دۆلەت سىياسىتى ۋە ئىقتىسادى ماكرولۇق پىلان ۋە تەڭشەشلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. كەسپىي خادىملارنىڭ ئىلمىي لاياقەت كۆلىمىنى ئاشۇ پىلانلار ئاساسىدا تۈزۈملەشتۈرىدۇ ياكى تۇراقلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنۋان ئۇنۋان خىزمىتىگە ئالاقىدار ئورگانلار ئۈچۈن مۇئەييەن پىلان ۋە يۆنىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان سىياسىي ۋەزىېىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنۋانغا ئائىت بەلگىلىمىلەر خادىملارنىڭ ئىلمىي لاياقىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنۋان شەخسلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ئىھتىياجىغا ماددىي ياماق بولىدىغان ئىقتىسادىي مەسىلىگە، ئاندىن نوپۇز، دەرىجە، شان - شەرەپ مەسىلىسىگە ئايلىنىدۇ.
ئۇنۋان باھالاش شەرتلىرى سىياسەت ۋە ېەرمانلارغا ئالدىنى قىلىې قوبۇلخانىدىن قايتىدىغان قانۇنچاق. بۇ قانۇنچاق يۈرگۈزۈلۈش ئوبيىكتىغا نىسبەتەن "قانۇن" مەنىسىگە ئىگە، ئەمما ئۆزى تۇغۇلغان ئورگانغا نىسبەتەن سىياسەت مەنىسىگە ئىگە. شۇڭا كەسېىي خادىملار غىڭ قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭ شەرتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەييار. ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىلىم ئەھلى بولغاندىن كۆرە، پۇرسەتپەرەس بولغان تۈزۈك. پۇرسەتپەرەسلەر باشقىلار ئانچە بىلىپ كەتمىگەن خالتا كوچىلار بىلەن نىشانغا تىزرەك يىتىپ بارىدۇ. ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرى نىشانغا ھەرھالدا كىچىكىپ يەتسىمۇ، يەنىلا نەتىجىسى پۇرسەتپەرەسلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ. داشقازاندىن ئالىدىغان نىسىۋىسى تەڭ بولىدۇ. ئاخىر ھەقىقىي ئىلىم ئەھلى ساختا ئىلمىي نوپۇزنىڭ ھەقىقەتكە بولغان بىسىمىنى بىۋاسىتە تىتىغان تراگىدىيىلىك شەخس سۈپىتىدە ئىغىر ئوي - خىياللىرىنى مەڭگۈ لەيلەپ چىقماس چۆكمىگە ئايلاندۇرۇۋىتىدۇ. ئامىرىكا قىتئەسىنى بايقىغان دەپ مەدھىيىلەنگەن كۇلۇمبۇ قاراڭغۇ ئەسكى ئۆيدە غىرىبانە جان ئۈزگەن. تارىخنىڭ مىۋىسىنى ياراتقانلار دەل شۇ مىۋىلەرنىڭ شۈپۈكلىرى ئارىسىدا خورلۇققا قالىدىغان ئەنئەنە ھەربىر ھالال مىھنەت ئىگىسىگە يات ئەمەستۇر.
بىز بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تۆھپىسىگە باھا بەرگەندە، ئۇنىڭ ئۆتكەن دەرسىنىڭ ۋاقىت مىقدارىغا نەزەر سىلىپ، دەرسنىڭ سۈېىتىگە ۋە ئىلمىي قىممىتىگە كۆز يۇمدۇق. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ باقمىغان باشقىلارنىڭ پەرەز ۋە سىزىمىگە ئەھمىيەت بىرىپ، بىر يىل ياكى يىرىم يىل دەرسىنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىنى دىققەتتىن ساقىت قىلدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى تەسىرى، ئوبراز دىگەنلەرنى ئويلاپمۇ قويمىدۇق. بىز بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىگە باھا بەرگەندە، ئۇنۋان باھالاش شەرتلىرىدە كۆرسىتىلگەن سانغا ۋە نۇقتىلىق مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىش تەلىېىگە سىلىشتۇردۇق، ئەمما ماقالىنىڭ ئىجادىيلىقى، يىڭىلىقى، ئىلمىي قىممىتى، ئۇچۇر قىممىتى، تەسىرچانلىقى بىلەن ھىسابلاشمىدۇق. بۇ ئەھۋال ئادەمگە "قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل" دىگەن تەمسىلنى تەبىئىي رەۋىشتە ئەسلىتىدۇ.
جەمئىيىتىمىزدە ھازىرغىچە، بەدىئىي ئىجادىيەت كەسپىي ئۇنۋان شەرتلىرىدىكى ئىلمىي ئەمگەكنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىدى. تەبىئىي پەن ئوقۇتۇشىدا ئىشلەنگەن تەجرىبىلەر ئىلمىي ئەمگەك قاتارىدا سانالغانىكەن، بەدىئىي ئىجادىيەتمۇ شۇنداق بولۇشى كىرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئوقۇتۇشىدا قانۇنىيەتلىك ئىلمىي تەجرىبىلەر ئىشلەنمەيدۇ، ئەمما بەدىئىي ئىجادىيەتمۇ مۇئەييەن نەزەرىيىۋى سىستىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەربىيە شەكلىگە ئايلانغانىكەن، ئىستىتىك كەچۈرمىشنىڭ زىمىنى بولغان روھىيەتتە بولىدىغان مۇرەككەپ، ئىنچىكە ھادىسىلەرنى بەدىئىي تەپەككۇر زوقى تەرىقىسىدە ئوقۇغۇچىلارغا نامايان قىلىدۇ. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئالاھىدە بىر خىل تەجرىبە شەكلى. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن شائىر سىماس ھىني شىئىرىيەتتىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئىستىلىستىكا پروفىسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بەدىئىي تالانتى ئۇنىڭ نەزەرىيىسىدىن بەكرەك تەسىرى قۇۋۋەتكە ئىگە.
ئۇنۋان باھالاش دۆلەتنىڭ ئىلىم - پەن، مەمۇرىيەت سىياسىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىرخىل ئىجتىمائىي خىزمەت، شۇنداقلا بىرخىل ئىلمىي پائالىيەت. خىزمەت ئىلمىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلغاندا ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ. ئىلمىيلىك ئۆزىچە بارلىققا كەلمەيدۇ، ئۇ، ئىختىساس ۋە تالانت ئىگىلىرىگە بولغان مەسئۇلىيەت، كۆزىتىش، ئىزچىل تەتقىقاتلار ئارقىسىدا شەكىللىنىدۇ. روشەنكى، ئۇنۋان ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى، شۇنداقلا ئۇنۋان باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ئادەم، خىزمەت، تەتقىقات قاتارلىقلارنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى لىللا نۇقتىدىن توغرا باھالىيالايدىغان، ئىلىم ساھەسىدىكى يىڭىلىقلارنى، جەلپكار نۇقتىلارنى ئۆز ۋاقتىدا چۈشىنىپ ماڭىدىغان كىشىلەردىن بولۇشى كىرەك. ئەپسۇسكى، بۇ ساھەدە كىتاب ئوقۇمايدىغان، ژۇرنال كۆرمەيدىغان، ھەدىسىلا خىزمەتنىڭ مىخانىك تەلىپىگە ئەگىشىپ كۈن كەچۈرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار.
ئىلىم - پەننىڭ ئۆز - ئۆزىگە بولغان خوجىلىقى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا مۇتلەق بولمايدۇ، ئەمما خىزمەت ۋە ئىلمىي نوپۇزلارغا باھا بىرىدىغان ئۇنۋان ئىشخانىسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش چارىلىرىنى مۇتلەق دەپ چۈشەنسە تىخىمۇ بولمايدۇ. چارە ھامان سىياسەت خاراكتىرىدىن چىقىپ كىتەلمەي كەلدى، لىكىن ئىلىم دۇنياسىنىڭ ئۆزىگە خاس غۇرۇرى، ۋىجدانى ۋە كۆپ ئادەملەر چۈشىنىپ كىتەلمەيدىغان ھەقىقىتى بولىدۇ، ئۇنۋان ئىمكانقەدەر ئاشۇ تەرەپلەرنى يورۇتۇشقا تىرىشىشى كىرەك.
ئۇنۋان مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇنۋان ئىمتىھانىدىن چەتنەپ ئۆتكىلى بولمايدۇ. مەن ئىمتىھاننىڭ ئادەم بايقاش ئىقتىدارىغا ئانچە چوقۇنۇپ كەتمەيمەن، لىكىن ئىمتىھاننى ئىنكارمۇ قىلمايمەن. چىرچىلل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلۇغ داھىي بولۇپ يىتىشىپ چىققان. ئامىرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى نىكسۇن چىرچىلل ھەققىدە توختالغاندا، جۇڭگولۇق بىر مائارىپچىنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن:"بىزنىڭ تۈزۈمىمىزدە، بىز خەلق ئاممىسىغا ياخشى تەربىيە بىرىمىز، لىكىن چىرچىللىرىمىزنىمۇ قولدىن بىرىپ قويىمىز". بۇ يەردە ھىلىقى مائارىپچى دەل ئىمتىھان تۈزۈمىنى كۆزدە تۇتقانىدى.
بىزدە ئۇنۋان تەشكىلىي ئورگىنى بەكرەك مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بيۇروكراتلىق ئىغىر. مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ئۇنۋان نۇرغۇن بوسۇقلاردىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ، بىز بۇ بوسۇغىلارنى "توسۇق" دىسەك جايىغا چۈشىدۇ. بىر كەسپىي خادىم ئۆز ئۇنۋانىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرگىچە ۋە بىر قاتار "توسۇق"لاردىن ئۆتكۈچە يۈرىكى قىنىدىن قوزغىلىپ، نىرۋىسى ئاجىزلاپ، بىلىنىڭ سۆڭەكلىرى يۇمشاپ، غۇرۇرى پىتىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، جۇڭگوچە زىيالىي بولۇشنىڭ تەمىنى تىتىيدۇ. پۈتكۈل جەمئىيەتكە تونۇلغان بىر كەسپىي خادىم ئۇنۋان باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىغا ئۆزىنى چۈشەندۈرەلمەي ئاۋارە بولۇپ كىتىدۇ. مانا بۇ ئالامەتلەر بيۇروكراتلىقنىڭ مەھسۇلى. بىز بۇنىڭ ئىمتىھانىدىكى ئىپادىلىرىگە قاراپ باقايلى:
بىزدە بىر ئىمتىھان مەركىزى دۇنياغا كەلدى. دىمەك، جۇڭگودىكى سان - ساناقسىز ئورگانلارنىڭ قاتارىغا يەنە بىر ئورگان قوشۇلدى. باشقۇرۇش زامانىۋىلاشقانسىرى كىرىپ - چىقىدىغان ئىشىكلەر كۆپەيدى. ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلغۇچى كەسپىي خادىملار چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كىرەك. بۇ ئەلۋەتتە لاياقەتنى سىناشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۆتكەل. بىراق بۇ ئۆتكەلگە بولغان ساداقەت شۇنداق خۇراپىيلىشىې كەتتىكى، چەت ئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلار، WSK، TOEFL دىن ئۆتكەنلەر، داڭلىق تەرجىمانلارمۇ بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلدى. تەرجىمانلارنىڭ يىرىك ئىلمىي نەتىجىلىرى نەزەرگە ئىلىنمىدى. ئىقتىدار كۆپ قاتلاملىق بولىدۇ. سوئال چىقارغانلار يىرىك تەرجىمىشۇناس بولالماسلىقى مۇمكىن، بىر داڭلىق تەرجىمان ئىمتىھاندا كارامەت كۆرسىتەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئىقتىدارنى نىمە بىلەن ئۆلچەش كىرەك؟ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ نەزەرگە ئىلىنماسلىقى چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر ئىش. ئىمتىھان سوئاللىرىدا ئەكس ئەتكەن تەلەپمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمايدۇ، بەزى سوئاللارنىڭ تەلىپى تىلشۇناسلارغا ماس كىلىدۇ. بىر تىلنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىلىرىنى ئىزاھلاپ بەرگىلى بولمىغاندىمۇ، ئۇ ئىپادىلىگەن مەنىنى ئىنچىكە چۈشىنىش مۇمكىن. قەلبنى چۈشىنىش يۈرەكنى يىرىپ كۆرۈشتىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇ تىلى ئىمتىھان سوئاللىرى بىلەن ئىنگلىز، رۇس، ياپون تىللىرى ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ سالمىقىدا روشەن پەرق بار. ئومۇمەن، مەدرىسىچە ئىمتىھان سوئالىنىڭ جانلىق ئەمەلىي ئىقتىدارنى قۇربان قىلىۋىتىشىدەك ئاقىۋەتلەر بىز پات - پات ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان پاجىئەلەرنىڭ بىرىدۇر.
خوش، ئۇنۋان ھەقىقىي ئىقتىدارغا قارىتا ئىچىۋىتىلگەن ئىشىكمۇ؟ مەن شۇنداق بولۇشى كىرەك، دەپ قارايمەن. ئەمما تولۇق شۇنداق بولدى دىيىشكە بولمايدۇ، ھازىرچە ئاز - تولا شۇنداق بولدى دىگىلى بولار. مىنىڭچە، ئۇنۋان ئىلمىي ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرگەندىن كۆرە، بىر ئادەمنىڭ ياش قۇرامىنى، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ نان تەقەززالىقىنى، قىسقىسى، قاچا بىلەن داشقازان مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈردى. مانا بۇ، مائارىپىمىزدىكى ئەخلاقىي قىياپەتنىڭ بىر كەسمە يۈزى. بۇ يۈزنى كۆرۈپ يەتكەنلەر ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى "ئالتۇن كەش" تىكى مۇنداق بىر ۋەقەنى ئەسلەپ قىلىشى مۇمكىن:
بىر ئانىنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، بىرى ئۆز، يەنە بىرى ئۆگەي ئىكەن. ئۆز قىزى ھۇرۇن، ئۆگەي قىز ئىشچان ئىكەن. ئۆگەي قىز ئىشچان ۋە ئەخلاقلىق بولۇشىغا قارىماي، ئۆگەي ئانا ۋە ئۇنىڭ قىزىنىڭ ھاقارەت - خورلۇقلىرىغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئۇلار ياشىغان يۇرتنىڭ شاھزادىسى بىر پاي ئالتۇن كەشنى تىپىۋىلىپ، بۇ ئالتۇن كەش كىمنىڭ پۇتىغا كەلسە، شۇنى نىكاھىمغا ئالىمەن، دەپ يارلىق چۈشۈرۈپ، ئوردا مەھرەملىرىنى خەلق ئارىسىغا ئەۋەتىدىكەن. ئۆگەي ئانا ئۆز قىزىنىڭ بەختى - تەلىيىنى كۆزلەپ، ئەسلى ئالتۇن كەش پۇتىغا كىلىدىغان ئۆگەي قىزىنى يوشۇرۇپ قويۇپ، ئالتۇن كەشنى ئۆز قىزىغا كىيدۈرۈپ باقىدىكەن. ئالتۇن كەشنى ئۇنداق - مۇنداق كىيگۈزۈپمۇ پاتقۇزالماي، پۇتلىرىنى شىلىپ كىيگۈزۈپتۇ.
كەسپىي خادىملارنىڭ نەزەرىدە ئۇنۋان ئاشۇ ئالتۇن كەشكە ئوخشايدۇ. شۇڭا بۇ كەشمۇ پۇتلارنى شىلىپ كىيگۈزۈشتىن خالىي بولالمىدى.
ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ماقالىلاردىن تاللانما» ناملىق كىتاۋىدىن،
1997- يىل ئىيۇل
تەكلىماكان بلوگقا
Post Commentsئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
زىيارەت كۆرسەتكۈچى
كىرگەنلەر سانى
كىرگەنلەر سانى
0 ئىنكاس:
ئىنكاس