ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي
ﻣﯘﻗﻪﺩﯨﻤﻪ
بىر قانچە ئاي ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى مىللەتلەر تىل – يېزىق تەتقىقات باشقارمىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن « ‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى، شۇنداقلا ‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى › نى قايتا تۈزىتىپ، تولۇقلاپ ئىشلەش ھەققىدە » ماۋزۇلۇق پىكىر – تەكلىپ توپلاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.
راستىمنى ئېيتسام، « تىل – يېزىق كومىتېتى بۇ نۆۋەت ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ساۋابلىق ئىشقا تۇتۇش قىلىپتۇ » دەپ ئويلىدىم، سۆيۈندۈم. شۇڭا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆز تەتقىقاتىمچە ھېس قىلغانلىرىمنى بىر نەچچە بەتكە يىغىنچاقلاپ، ۋاقتىدىلا مەزكۇر ئورۇنغا يوللاپ بەرگەن بولدۇم.
مېنىڭ نەزەرىمدە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىنى ئۆلچەملىك، ئىلمى ۋە نىسبي مۇقىم ھالەتكە كەلتۈرۈش دەۋر تەقەززاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر زور ئىش. ھالبۇكى، بۇ زور ئىشنىڭ چەندىكىدەك ئوڭۇشلۇق ۋە جايىدا روياپقا چىقىشى ئۈچۈن، ھەممىمىز زور ئىخلاس ۋە سەمىمىي ئەقىدە بىلەن بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشۇشىمىز لازىم. مۇشۇ ئوي بىلەن، خېلى ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ئىزدىنىش ئاساسىدا ھېس قىلغانلىرىمنى تەپسىلىيرەك بايان قىلىپ، تىل ئەھلىنىڭ مۇھاكىمىسىگە سۇنغۇم كەلدى.
ئادەتتە، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان مىللىي مەدەنىيىتى دېگەندە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىل – يېزىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى، بىر مىللەتنىڭ تىل – يېزىقى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولغان بارلىق مىللىي دەسمايىلىرىنىڭ ئەڭ غوللۇقى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا، زامانىۋى مىللەت سېپىگە قوشۇلالىغان ھەر قانداق بىر مىللەتتە، تىل – يېزىق مەدەنىيىتى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل – ئاساسى سانالغاچقا، مەزكۇر ھەم تىلى ھەم يېزىقى بار مىللەت جاھان مىللەتلىرى سورۇنىدا ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە ھەقلىق رەۋىشتە « مەدەنىيەتلىك مىللەت» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
مۇشۇنداق زاكون ئاساسى بىلەن ئېيتالايمىزكى، ئۆزىنىڭ يارقىن – يېقىملىق تەلەپپۇز ئىپادىسى ۋە گۈل كەشتىسى كەبى گۈزەل تىزىق نامايەندىسى بىلەن ئىپادىلىنىغان ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان بارلىق مىللىي دەسمايىلىرىنىڭ ئەڭ غوللۇقى، ئومۇمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل ئاساسىدۇر. ھالبۇكى، بىز بۇ مىللىي دەسمايىمىزنى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، غالتەككە چىقىرىپ قويماسلىقىمىز، يىتتىرىپ، يوقىتىپ قويماسلىقىمىز لازىم.
ئەگەر « تىل – يېزىق غوللۇق بىر مەدەنىيەت ئامىلى؛ تىل – يېزىق ساھىبى بولۇش بولسا، مەدەنىي ئىنسانلىقنىڭ مۇھىم بىر ئالامىتى » دېگەن قاراش ھەممىمىز ئۈچۈن ئورتاق چۈشەنچە، ئورتاق قاراش ھالىتىگە كەلسە، بۇ ھالدا، ئەمەلىي ئىستېمالدا سۆز – كەلىمىلەرنى تىل قائىدىسىگە ئۇيغۇن تەلەپپۇز قىلىش ۋە ئۇلارنى ئىملا قائىدىسىگە مۇناسىپ ھالدا يېزىش بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان تىل – يېزىقنى قوللىنىش ئىشى جەزمەن مەدەنىي ۋە ئىلمىي بولۇشى لازىم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بىلەن مۇئەييەن ئوي – پىكىرلىرىمىزنى ئىپادىلەپ سۆزلىشىمىز، يەنى تاۋۇش چىقىرىپ كەلىمىلەرنى تەلەپپۇز قىلىشىمىز مەدەنىيەت ئۆلچەكلىرىگە ئۇيغۇن، يازغانلىرىمىز بولسا، ئىلمىيلىك پرىنسىپلىرىغا مۇناسىپ بولۇشى لازىم .
ئەمدى، زادى قانداق بولغاندا، بىر تىل – يېزىقنىڭ ئەمەلىيەتتە قوللىنىلىشى مەدەنىي ۋە ئىلمىي بولغان بولىدۇ؟ دەرۋەقە، بۇ مەسىلىنى كونكرېت ئاساسلار بويىچە تۈرلۈكچە چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. مېنىڭ ساق يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئۆز ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، شۇنداقلا بىر قانچە قېرىنداش مىللەت ۋە چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىم ئاساسىدا ھاسىل قىلغان يەكۈن خاراكتېرلىك چۈشەنچەم شۇكى، بىر تىلدىكى سۆز – كەلىمىلەرنى سۆزلىگۈچى ئېنىق ئاڭلىتالايدىغان، ئاڭلىغۇچى بولسا، تولۇق ئاڭلىيالايدىغان دەرىجىدە تەلەپپۇز قىلىش مەدەنىيلىك بولىدۇ؛ يېزىقنى بولسا، ئىمكان بار ئەدەبىي تەلەپپۇزغا يېقىن قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇش، نورما چېكىنى مۇقىم قىلىپ توختىتىش ئىلمىيلىك بولىدۇ .
ئۇنداق بولسا، ئەللىك يىل ئىچىدە، ئۈچ قېتىم يېزىق ئۆزگەرتىش ۋە بەش قېتىم ئىملا قائىدىسىنى يېڭىلاش قىلغان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ نۆۋەتتىكى قوللىنىلىشى مەدەنىي ۋە ئىلمىي بولۇۋاتامدۇ – يوق؟ مېنىڭچە بۇ – زىيالىيلىرىمىز، خۇسۇسەن تىل – يېزىق خادىملىرىمىز ئۈچۈن، ئەمەلىيەتكە چۆككەن ۋە كېلەچەكنى نەزەردە تۇتقان ھالدا چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى، تارىخىي ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئاساسىدا جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ .
دەرۋەقە، جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ئەللىك ئالتە يىلنىڭ مابەينى ۋە شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان ئەللىك يىلنىڭ بۇ يۈزىدە، ئومۇمىيەتتىن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىل – يېزىقى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى جايىدا قوللىنىشنى تەتقىق قىلىش مۇناسىپ ھالدىكى بىر ئىلىم ساھەسى بولۇپ شەكىللىنىپ، ئۇنىڭ ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئۆزىنىڭ خاس خادىملىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر- لاشتۇرۇلۇپ كەلدى: ئۇيغۇر تىلىنى مەدەنىيەت ئۆلچەكلىرىگە ۋە ئىلىم نورمىلىرىغا ئۇيغۇن قىلىپ قوللىنىش، ۋە ئۇنىڭ مەدەنىي ھاياتتىكى قوللىنىشچانلىقىنى دەۋر تەلىپىگە ماس ھالدا ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان يېزىش – دېيىش قائىدىلىرىنى تىلشۇناسلىق ئىلمى بويىچە شەرھ- لەيدىغان تىل قائىدە ( گرامماتىكا ) كىتابلىرى يېزىلدى؛ ئۇيغۇرچە سۆز – كەلىمىلەرنى ئوچۇقلاپ بايان قىلىدىغان قورال كىتاب – خاس لۇغەتلەر نەشر قىلىندى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودىكى قېرىنداش مىللەتلىك ئورنىنىڭ شاراپىتىدىن ، ئۇيغۇر تىلىنى دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە، ئاز بولمىغان سېلىشتۇرما تىل تەتقىقاتى ئەسەرلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى. شۇ تاپتا، يەنە ئاز بولمىغان ھەر مىللەت تىل ئالىملىرى بىر دۆلەتتە، دۆلەت تىلى بىلەن ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەر تىل – يېزىقلىرىنىڭ تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش نورمىلىرى، پايدا – زىيىنى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق مەسىلىلەردە باش قاتۇرۇپ، يېڭىدىن – يېڭى تېمىلار بويىچە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، بۇ خىل ئومۇمىيەتلىك تەتقىقاتلاردىن باشقا ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قارىتىلغان خاس تەتقىقات- لارغىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان تىل – يېزىق سىياسىتىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۇقىملىق كاپالىتىگە ئىگە قىلغان ھالدا، مىللەتلەر تىل – يېزىقىنى ئۆز خەلق ئاممىسى ئىچىدە تېخىمۇ ئۆلچەملىك- لەشتۈرۈش ۋە تېخىمۇ قائىدىلىكلەشتۈرۈش قانۇنىي ئاساسى بويىچە ئالاھىدە تەكىتلەنمەكتە. مۇشۇنداق ئوبدان ۋەزىيەتتە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ئىستېمالىدىكى مەۋجۇد مەسىلىلەرنى ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەدەنىيلىك ئۆلچىكى ۋە ئىلمىيلىك نورمىسى ئاساسىدا، كۆپ قاتلاملىق ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈرىيىتى بار.
بىرىنچى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىل – يېزىق ئىستېمالىدا ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر
مېنىڭچە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تىل – يېزىق ئىستېمالىدا، نەزەرىيە جەھەتتىن جەزمەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق مەسىلىلەر مەۋجۇد :
-1 ئەدەبىي تىل بىلەن جانلىق تىلنىڭ يېتەكلەش – يېتەكلىنىش مۇناسىۋەت چېكى ئېنىق ئەمەس
ئىناۋەتلىك لۇغەتلىرىمىزدە ، « ئەدەبىي تىل » ۋە « جانلىق تىل » دېگەن ئۇقۇم مۇنداق شەرھلەنمەكتە:
ئەدەبىي تىل ( ئەدەبىيات ئاتالغۇسى ): بەلگىلىك بىر مىللەت خەلقىنىڭ ئېغىز تىلىنى ئاساس قىلىپ ئۇزاق تارىخىي دەۋر جەريانىدا شەكىللەنگەن، پىششىقلانغان، قېلىپ- لاشتۇرۇلغان ھەمدە ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت – ژۇرناللار، كىتاب، ماتېرىياللار، خەت – ئالاقە ۋە رادىئولاردا ئىشلىتىدىغان ئورتاق تىلى. ( قاراڭ : « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » ‹ قىسقارتىلمىسى › 74 – بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999- يىل. ) بۇ ئىزاھ بويىچە بولغاندا،« ئەدەبىي تىل = يېزىق تىلى » بولىدۇ .
جانلىق تىل( تىلشۇناسلىق ئاتالغۇسى ) : شۇ مىللەت خەلقىنىڭ ئېغىزىدا قوللىنىدىغان تىلى، يەنى خەلق تىلى. ئۇ ئادەتتە ئەدەبىي تىلىنىڭ يېزىق تىل شەكلىگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ. « ئېغىز تىلى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ( قاراڭ: يۇقىرىقى لۇغەت، 387- بەت ). بۇ ئىزاھ بويىچە بولغاندا، « جانلىق تىل = خەلق تىلى = ئېغىز تىلى » بولىدۇ .
بۇ يەردە، « ئەدەبىي تىل » نىڭ « ئەدەبىيات ئاتالغۇسى »، « جانلىق تىل » نىڭ بولسا، « تىلشۇناسلىق ئاتالغۇسى » دېيىلىشىدىن تارتىپ، « شۇ مىللەت خەلقىنىڭ ئېغىزىدا قوللىنىدىغان تىلى » نىڭ « ئېغىز تىلى » ئاتالماي ، « خەلق تىلى » ئاتىلىشىغا قەدەر بولغان شەرھتە، ئېغىر دەرىجىدىكى مەنتىقسىزلىق ۋە ئۇقۇم خاتالىقى مەۋجۇدلۇقى ئېنىق. ئەمما « جانلىق تىل » نىڭ ئىزاھىدا، ئۇ ئادەتتە، « ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىق شەكلىگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ » دېگىنىمىزدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى تىلشۇناسلىقىدىكى « ئەدەبىي تىل » ئەمەلىيەتتە، « ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىق شەكلى » بىلەن « ئەدەبىي تىلنىڭ ئېغىز شەكلى » دېگەن ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئادەتتە « ئەدەبىي تىل » دېگەندە كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز « ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىق شەكلى » ئىكەنلىكى، « جانلىق تىل »، « ئېغىز تىلى » دېگەندە كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز بولسا، « ئەدەبىي تىلنىڭ ئېغىز شەكلى » ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئىناۋەتلىك لۇغەت كىتابىمىزنىڭ ئىزاھلىشىدىن چىقارغان بۇ چۈشەنچىمىز توغرا بولىدىغان بولسا، 1997 – يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى » دېگەننى ئەمەلىيەتتە، « ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئېغىز شەكلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى »، يەنى « ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى » دەپ بىلىمىز، ئەلۋەتتە .
ئەمدى، مېنىڭ بۇ يەردە مۇھاكىمىگە قويۇۋاتقان مەسىلەم بولسا، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يېزىق شەكلى ( يەنى ئەدەبىي تىل ) بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېغىز شەكلى ( يەنى جانلىق تىل ) نىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولۇشى كېرەك؟ ئەدەبىي تىل جانلىق تىلنى يېتەكلىشى كېرەكمۇ ياكى ئەدەبىي تىل جانلىق تىلنىڭ يېتىلەپ مېڭىشىنى ۋە ئۆزگەرتىشىنى ھېچقانداق بىر شەرتسىز قوبۇل قىلىشى كېرەكمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىنى ئەمەلىي مىسال بىلەن بايان قىلساق مۇنداق بولىدۇ : چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا « ئىشلەمچى، ئەر ئىشچى » ئۇقۇمىنى ئاڭلاتقان ھالدا ئىشلىتىلىدىغان « مەردىكار » دەيدىغان بىر سۆز بار ئىدى. جانلىق تىل ( ئېغىز تىلى ) نىڭ يېتەكلىشىگە بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا « مە:دىكار» mä: dikar ) ( دەۋاتىمىز ۋە شۇنداق يېزىۋاتىمىز ؛ نۆۋەتتە، بۇ خىل « ر » نى چۈشۈرۈپ قويۇش « ل » نى چۈشۈرۈپ قويۇشقا كېڭەيمەكتە. ئالايلۇق، ھازىر « مەركەزدىن كەلگەن سادا » دېگەن جۈملە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەلەپپۇز لۇغىتىنىڭ قانۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى نەتىجىسىدە، « مەركەزدىن كە:لگەن (kä: gän) سادا » دېيىلىۋاتىدۇ . مۇشۇ مودىنى قوغلىشىپ كېتىۋەرسەك، « مەركەزدىن كەلگەن سادا » دېگەن جۈملىنى « مە:كەز ) mä: (käz دىن كە:لگەن ( kä: gän ) سادا » دەيدىغان ۋە شۇنداق يازىدىغان كۈنلەرگىمۇ ئۇزاق قالمىغاندەك تۇرىدۇ !
دېمەكچىكى ، جانلىق تىل ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بىر ھەرپ بىر ھەرپتىن يەپ – يالماپ ئەسلىدىكى گۈزەل، يارقىن سۆز – كەلىمىلەرنى چولتا، كەمتۈك ۋە يېقىمسىز سۆزلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ھالبۇكى، بىز تىلشۇناسلىق ئىلمى ۋە سۆزلەمشۇناسلىق مەدەنىيىتى ئۆلچەكلىرى ئاساسىدا، بۇ خىل بولۇشسىز ئەھۋالغا ئاداققىي خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك .
-2 ناباب تەلەپپۇز ئادىتىنى تىلنىڭ مۇقەددەس قانۇنىيىتى قىلىپ كۆرسىتىش
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا، ئۆز ئانا تىلىدىكى سۆز – كەلىمىلەرنى جانلىق تىل ( يەنى ئېغىز تىلى ) بويىچە تەلەپپۇز قىلىشتا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئادەت ساقلانماقتا:
1› › بوغۇم ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ھېچبىر ئاساسسىز ھالدىلا چۈشۈرۈپ قويۇش. مەسىلەن:
ئەدەبىي يېزىق تىلىدا ئەدەبىي ئېغىز تىلى ( جانلىق تىل) دا
يولداشلار يولداشلا :
بازار بازا:
كەلگەن كە:گەن
كەلمەك كە:مەك
خاھلا - خا:لا
ئاللاھ ئاللا:
ئۆتكەرمە ئۆتكە:مە
كارناي كا:ناي
بارامسەن بارامسە :
كېلەمدىمەن كېلەمدىم
…ۋە باشقىلار.
2›› تەلەپپۇز قولايلىقىنى قوغلىشىپ، خېلى بىر بۆلەك ئۈزۈك تاۋۇشلارنى باشقا تاۋۇشقا ئۆزگەرتىۋېتىش .مەسىلەن:
ئەدەبىي يېزىق تىلىدا ئەدەبىي ئېغىز تىلى ( جانلىق تىل ) دا
ئاق نىياز ئاخ نىياز
ئاق قوناق ئاخ قوناق
ساقلىماق ساخلىماخ
تاقلىماق تاخلىماخ
تەقسىم تەخسىم
ئاچماق ئاشماق
چاچماق چاشماق
ئىچمەك ئىشمەك
ئىچ كىيىم ئىش كىيىم
پىچماق پىشماق
ئالماق ئامماق
قارىماق قايلىماق
ئىنقىلاب ئىڭقىلاب
تەنقىد تەڭقىت
…دېگەنلەرگە ئوخشاش
3› › سۆزلەم بېشىدا مۇستەقىل بوغۇم ھاسىل قىلىپ كەلگەن « ئۇ ، ئۈ » سوزۇق تاۋۇشلىرىنى « جاراڭسىزلاشتۇردۇق » دەپ، تەلەپپۇزدا يوقىتىۋېتىش . مەسىلەن :
ئۇكا. بۇ سۆزدىكى « ئۇ » سوزۇق تاۋۇشى تۇرپان شىۋىسىدە « ئۈكە » قىلىپ، تولۇق « ئۈ » تەلەپپۇز قىلىنغاندىن باشقا، ئومۇمىي ئەدەبىي ئېغىز تىل ( جانلىق تىل ) دا، جاراڭسىزلاشتۇرۇلۇپ ، ھېچ مۇقامدا يوق بىر تاۋۇش تەلەپپۇز قىلىنىدۇ .
ئۇچرىماق. بۇ سۆزلەم بەزى ئېغىزلاردا « ئۇشلىماق »، يەنە بەزى ئېغىزلاردا بولسا، « ئۇشرىماخ » تەلەپپۇز قىلىنىدۇكى، « ئۇ » سوزۇق تاۋۇشى ئەمەلىيەتتە، ئېلىپبەدە ئۆگەتكەن « ئۇ » غا مۇتلەق ئوخشىمايدىغان بىر ناجىنسى تاۋۇش بولۇپ قالىدۇ.
ئۈچۈن. بۇ سۆزنىڭ ئىككىنچى بوغۇمىدىكى « - ۈ » ھەر ھالدا ئېنىق « ئۈ » تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، باش بوغۇمدىكى « ئۈ » بولسا، زادىلا بىر تىل تاۋۇشىغا ئوخشىماي قالىدۇ ۋە باشقىلار.
4› « ئى » سوزۇق تاۋۇشىنى سۆزنىڭ ھېچقانداق بىر بوغۇمىدا، ئېلىپبەدە ئۆگىتىلگەن ئۆلچەمدىكى « ئى » قىلىپ تەلەپپۇز قىلماسلىق. مەسىلەن:
« ئىخلاس، ئىخچام، ئىقتىساد » قاتارلىق سۆزلەردىكى مۇستەقىل بىر بوغۇمنى تەشكىل قىلغان « ئى » تاۋۇشى ئەمەلىي تەلەپپۇزدا جاراڭسزلاشتۇرۇلۇپ ، يوقىتىۋېتىلىدۇ؛ « بىز، سىز، قىز، كىر،قىر » قاتارلىق سۆزلەردىكى « ئى » سوزۇق تاۋۇشى ئەمەلىي تەلەپپۇزدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى« ï » تاۋۇشىغا يېقىن بىر تاۋۇش قىلىپ ئېيتىلىدۇ؛ « كىشى، چىشى، ئىشى » قاتارلىق سۆزلەردىكى « ئى » سوزۇق تاۋۇشى بولسا، ئەمەلىي تەلەپپۇزدا ئېلىپبەدە ئۆگىتىلگەن « ئى » تاۋۇشى بىلەن مۇتلەق ئوخشاشمايدىغان، تولىمۇ غۇۋا، تولىمۇ مەۋھۇم بىر تاۋۇش قىلىپ ئېيتىلىدۇ ۋە باشقىلار.
يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللار بۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىدە، ئىزچىل ھالدا، « ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىكى سۆز – كەلىمىلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتىكى مىللىي ئادىتى » قىلىپ تەسۋىرلىنىپ كەلدى. ماقۇل، ئۇ بىر خىل تىل ئادىتى بولسىمۇ، بولسۇن. بىراق، ئۇ ئادەت ئىلمىي ئادەتمۇ ياكى ئوسال ئادەتمۇ؟ يەنى مەزكۇر تىل ئادىتى ئومۇمىي تىلشۇناسلىق ئىلمىغا ئۇيغۇن، تىل مەدەنىيىتى ئۆلچەكلىرىگە مۇناسىپ ئادەتمۇ، يوق؟ ئەگەر ئۇ قانۇنلاشتۇرۇلۇپ ، مۇقىملاشتۇرۇشقا لايىق ياخشى ئادەت بولسا، ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن پايدىلىرى قايسىلار؟ ئەگەر ئۇ بىر خىل ناباب، ئوسال ئادەت بولسا، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى قايسىلار؟ بۇ ھەقتە تا ھازىرغىچە، نىسبەتەن مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق بولغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلمىدى .
مېنىڭچە، بۇ مەسىلىنى كېچىكتۈرمەي، ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تارىختىن بۇيانقى تىل ئىستېمالىمىزدىن توپلانغان پاكىت ئاساسلار بويىچە، ئاندىن قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل قوللىنىش ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن تەجرىبە، ساۋاقلاردىن ئىلمىي پايدىلىنىش ئاساسىدا، نىسبەتەن كەڭ كۆلەملىك ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، مۇندىن كېيىنكى تىل قوللىنىش ئىستىقبالىمىزغا ئۈلگە – ئۆرنەك بولغۇدەك بىر يەكۈن چىقارمىساق زادى بولمىغۇدەك.
-3 يازغاننى ئوقۇماسلىق، نەتىجىدە، يازغان بىلەن ئېيتقان ئوتتۇرسىدىكى ھاڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىش
مېنىڭچە، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۈنسايىن ھەدەپ كېتىشىدە مۇنداق ئىككى سەۋەب بار:
1› سوزۇق تاۋۇشلارنى جاراڭسىزلاشتۇرىۋېتىش، يەنى سوزۇق تاۋۇشلارنى ئاشۇ سوزۇق تاۋۇش ھالىتى بىلەن ئەينەن ۋە تولۇق تەلەپپۇز قىلماسلىق ئىللىتى ھەدەپ كەتكەنلىكتىن، ئۆز قولىمىزدا يازغىنىمىز بىلەن ئېغىزىمىزدا ئېيتقىنىمىز بىردەك بولماسلىق ئادەتكە ئايلىنىپ قالماقتا. ئالايلۇق، تۈركىيە تۈركچىسىدىكى « içmek، kişi، biz،bir » سۆزلىرى ئۇيغۇرچىدىمۇ ئوخشاشلا، « بىر، بىز، كىشى، ئىچمەك » يېزىلىدۇ. ئەمما، تۈركلەر يازغىنىنى ئەينەن ئوقۇيدۇ ۋە يازغىنى بىلەن ئەينەن قىلىپ سۆزلەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلار بولساق، ئەمەلىيەتتە مەزكۇر كەلىمىلەردىكى « ئى » (i) ھەرپىنى ئېلىپبەدە ئۆگىتىلگەن پېتى ئەينەن « ئى » تەلەپپۇز قىلمايمىز. ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان يېرىمىز شۇكى، بىز دەل ئاشۇ « ئىچمەك » سۆزىدىكى « ئى » سوزۇق تاۋۇشىنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلماي، ئۇنى جاراڭسىزلاشتۇرىۋەتكەنلىكىمىزنىڭ كاساپىتىدىن، ئۇنىڭغا ئۇلىنىپلا كېلىدىغان « چ » ئۈزۈك تاۋۇشى « ش » غا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر بىز مەزكۇر سۆزدىكى « ئى » سوزۇق تاۋۇشىنى ئېلىپبەدە ئۆگەتكەن بويىچە راۋۇرۇس قىلىپ « ئى » تەلەپپۇز قىلىدىغان بولساق، بۇ ھالدا، « ئىچمەك » سۆزىنى « ئىشمەك » دەپ تاشلىمايمىز ۋە ھېچ قىينالمايلا، ھېچبىر بىئەپلىك ھېس قىلمايلا، يازغىنىمىزغا ئەينەن قىلىپ، « ئىچمەك » ( iqmäk ) تەلەپپۇز قىلالايمىز. مۇشۇنداق بولغاندا، ئاندىن ئەمەلىي تەلەپپۇزىمىزدىكى « سۈت ئىشتم، سۈيۈقئاش ئىشكەندە، چاي ئىشكەن » دېگەندەك ئىللەتلىك تەلەپپۇز قىلىش جەزمەن يوقىلىدۇ.
2› تىل تەلەپپۇزىدىكى ھۇرۇنلۇق – ئۇيغۇر ئىملاسىنى بۇزىۋاتقان ۋە ئۇنى چېكى توختىماس قىلىپ قويىۋاتقان باش جىنايەتچى.
مېنىڭچە، دۇنيادا باتۇر مىللەت بولغان ئىكەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن قورقاق مىللەت بولىدۇ؛ ئىشچان مىللەت بولغانىكەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھۇرۇن مىللەتمۇ بولىدۇ؛ ئەمدى، تىرىشىپ تىرمىشىپ، بىر مىليارد نوپۇسلۇق خەلق بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ، تەڭ قوپۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى ھەم باتۇر ھەم ئىشچان مىللەت دېمىسەك ، خاتالىشىپ قالىمىز، ئەلۋەتتە. بىراق، لاپنى چۆرۈۋېتىپ ئەمەلىيەتكە چۆكۈپ قارىساق، گۈزەل تىلىمىزدا بىر ئوبدان « ق » تاۋۇشى تۇرسا، ئۇنى« ق » تەلەپپۇز قىلماي « خ » دېيىش، ئېلىپبەيىمىزدە « چ » فونېمىسى بار تۇرۇقلۇق خاھلىغان يەردە ئۇنى « ش » تەلەپپۇز قىلىش، « ر، ل، ھ، ن » قاتارلىق تاۋۇشلارنى بولسا، ھېچبىر سەۋەبسىز ھالدىلا تەلەپپۇز قىلماي تاشلىۋېتىش قاتارلىقلار تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھۇرۇنلۇقنىڭ مەھسۇلىدۇركى ، بۇ يامان ئادەتنى تۈزەتمەسلىككە ھېچبىر ئاساسىمىز، بۇ ئوسال ئىللەتنى تۈگەتمەسلىككە ھېچبىر ھەققىمىز يوقتۇر!
ئىككىنچى. تەلەپپۇزدا تىل تاۋۇشلىرىنى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ نەق زىيىنى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى كىتابلاردا، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسىبىر تاۋۇشنى مۇئەييەن تىل شارائىتىدا تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قوليازما ئەسەرلەرنىڭ خاتىرىلىشىگە قارىغاندا، كېيىنكى چاغلاردا، بەزەن تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئاۋام خەلق تىلىدا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئەمما، قانۇنىيەتلىك ھالدا قايسى بىر تىل تاۋۇشىنى چۈشۈرۈپ قويۇشنى ئادەت قىلىۋالغانلىقى ۋە بۇ ئادەتنى يېزىقتا ئىپادىلىگەنلىكى كۆرۈلمەيدۇ . ئەكسىچە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى « بارغاندۇ، كەلگەندۇ، تۇرغاندۇ، بولۇپتۇ… » سۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە، « بارغاندۇر، كەلگەندۇر، بولۇپتۇر…» شەكلىدىكى « ر » لىك سۆزلەر ئىكەنلىكى؛ « - دىكەن » قوشۇمچىسىنىڭ ئەسلىدە « – دۇر ئەكەن » شەكلىدە ئىكەنلىكى؛ « كېلەتتى، باراتتى، قىلاتتى …» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ بولسا، ئەسلىدە، « كەلەر ئەردى، بارار ئەردى ، قىلۇر ئەردى » شەكلىدە ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. دېمەكچىكى، تىل تاۋۇشلىرىنى تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتىنى گەرچە ئۇيغۇر تىلىدا « مۇئەييەن بىر قىسقا ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا، ھەتتا بىر كېچىدىلا شەكىللەنگەن ئىش » دېگىلى بولمىسىمۇ ، ئۇنىڭ يېزىق ۋە ئىملادا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، ئۆزىنى تىلنىڭ « تەبىئىي قانۇنىيىتى » شەكلىگە كىرگۈزۈپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېلىشىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن بۇيانقى، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، 1953 – يىلى ئىشلەنگەن « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئىملا قائىدىسى » مەيدانغا كەلگەندىن بۇيانقى يېڭى ئىش ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ھالبۇكى، ئەگەر بىز ھەقىقىي ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىدىغانلا بولساق، مەزكۇر تىل تاۋۇشلىرىنى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتىنىڭ ئەدەبىي تىلدا ئېتىراپ قىلىپ، داۋاملىق كېڭەيتىشكە ئەرزىيدىغان ئىلمىي ئىش ياكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىللەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا لىللاھ يەكۈن چىقىرالايمىز.
مېنىڭچە، نەق پايدا – زىيان ئۆلچىكى بويىچە ئۆلچىگەندە، تىل تاۋۇشلىرىنى تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىدا، تۆۋەندىكىدەك زىيانلارنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ:
-1 ئۇقۇم خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاڭلىغۇچىنى تېڭىرقىتىپ قويۇۋاتىدۇ. ئالايلۇق، سوپۇن ھەققىدىكى بىر ئېلاندا: « ‹بۈركۈت› ماركىلىق سوپۇن ئىش كىيىملىرىڭىزنى يۇيۇشقا تولىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ » دېيىلىۋاتىدۇكى، بۇيەردىكى « ئىش كىيىمى » دېگىنى 工作服 نى كۆرسىتەمدۇ ياكى 内衣 نى كۆرسىتەمدۇ، ئاڭلىغۇچى دەرھال ئاڭقىرالمايدۇ. چۈنكى، « ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى » دە « 工作服» نى « ئىش كىيىمى » دېگەندىن باشقا، « ئىچ كىيىم » دېگەن سۆزنىمۇ « ئىش كىيىم ( kiyim ix ) » دەپ تەلەپپۇز قىلىڭلار، دەپ ئۆگىتىۋاتىدۇ .( قاراڭ: شۇ ناملىق لۇغەت،840 -بەت،1 –قۇر )
2- ئىملا قائىدىسىنى شەرھلىگىلى بولمايدىغان قىلىپ بۇزۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەسلىدىكى « مەن بارامدىمەن » جۈملىسىنى « مەن بارامدىمە » دەپ « ن » تاۋۇشىنى تاشلىۋېتىش ئاز، يېتەرسىز كۆرۈلۈپ، بارا – بارا « مەن بارامدىم » شەكلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تولۇق بىر بوغۇمنى تاشلىۋېتىش ھەدەپ كېتىۋاتىدۇكى، بۇ يەردە، « مەن بارامدىم » چۈشىنىشلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ « سەن بارامدىڭ »، « ئۇ بارامدى » شەكلى بولمىغاچقا، ئومۇمىي تىلشۇناسلىق ئىلمى ۋە خاس تىل قائىدىسى جەھەتتە، ئوچۇقلىغىلى ۋە ئىزاھلىغىلى بولمايدىغان بىر يېتىم ۋە چولاق ھال بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
3- تاۋۇش چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە تىل تاۋۇشلىرىنى تەلەپپۇزدا ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى ۋە قايىل قىلارلىق شەرھى بولمىغاچقا، ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، چەتئەللىكلەرگە ۋە باشقا مىللەت ئۆگەنگۈچىلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار: « مۇئەللىم، ئۇيغۇرلار زادى نېمە ئۈچۈن، ھە دېسىلا تاۋۇشلارنى تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ ق › نى ‹ خ › غا ‹ چ › نى ‹ ش › غا ۋە ‹ ج › نى ‹ ژ › غا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىشىنىڭ زاكون ئاساسى نېمە؟ ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىنىڭ چېكى زادى قاچان توختايدۇ؟ يېزىش قائىدىسى قاچان مۇقىملىشىدۇ؟ » دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەي، تىرناق تاتىلاپ تۇرۇشماقتاكى ، بىلگەن ئادەمگە بۇ - بىر مىللەتنىڭ تىل ئوقۇتۇشىدىكى تولىمۇ ئەيىبلىك ھالدۇر!
4- تاۋۇش چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش مەسىلىسىدىكى قائىدىسىزلىكنىڭ سەۋەبىنى مەزكۇر ئەدەبىي تىل تەلەپپۇز لۇغىتىنى تۈزگەن ئالىم – مۇتەخەسسىسلەرمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئالايلۇق، 1997- يىل نەشىر قىلىنغان « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى » نىڭ 124 – بېتىدە، « باج » لىق سۆزلەرنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇزى مۇنداق كۆرسىتىلىدۇ.
ئىملا تەلەپپۇز
باج ( باژ )baž
باج تۈرى baž türi
باج تۈزۈمى baž tüzümi
باج كىرىمى baž kirimi
باج نىسبىتى baž nisbiti
باجخانا bažhana
باج – خىراج baž hiraž
لۇغەتنىڭ 219 – بېتىدە « تاج » لىق سۆزلەر مۇنداق بېرىلىدۇ:
ئىملا تەلەپپۇز
تاج ( تاج ) taj
تاج تۈكى taj tüki
تاج كىيمەك taj kiymäk
بۇ لۇغەتنىڭ 611- بېتىدە،« كاج » لىق سۆزلەر مۇنداق تەرىپلىنىدۇ:
ئىملا تەلەپپۇز
كاج ( كاج ) kaj
كاج ئادەم kaj adäm
كاج پەلەك kaj päläk
كاج تەلەي kaj täläy
دېمەكچىمىزكى، مەزكۇر « باج، تاج، كاج » سۆزلىرى ئوخشاشلا بوغۇم ئاخىرى « ج » لىق بولغان بىر بوغۇملۇق سۆزلەر. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ بىرسىدە، « ج » نى « ژ » غا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش راۋا كۆرۈلگەن. يەنە بىرسىدە بولسا، « ج » تاۋۇشىنى ئىملادىكى بىلەن ئەينەن ئوخشاش « ج » قىلىپ تەلەپپۇز قىلىش قانۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ خىل پۈتۈنلەي ئوخشاش كاتېگورىيە، ئوخشاش بىر خىل قېلىپتىكى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئوخشىمايدىغان بولۇشى لازىملىقىنىڭ سەۋەبىنى ھەرقانداق ئادەم ھەر قانداق قىلىپمۇ ئىلىمغا ئۇيغۇن قىلىپ چۈشەندۇرەلمەيدۇكى، بۇنى پەقەت ئۇيغۇرتىلى فونېتىكىسىدىكى ئالىجوقىلىق قىلىش دېيىش مۇمكىن، خالاس!
5- ئەڭ مۇھىمى، مەزكۇر لۇغەت تۈزگۈچىلىرىنىڭ بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىي زامانىدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىئالېكتى بولۇپ كېلىۋاتقان قەشقەر تىلى ( خاقانىيە تىلى ) تەلەپپۇزىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى ئەڭ يۈز خاتىرىلىك سۆز بىلەن ئېيتقاندىمۇ خىيانەت ۋە چىدىماسلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئەزەلدىن ئەبەتكە «قاچ » (跑 )نى « قاش » دېمەيدۇ؛ « كەچ » (晚 上) نى « كەش » دېمەيدۇ؛ « باج » نى « باژ » دەپ تەلەپپۇز قىلمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ تىلىدا، « ئاچ » بىلەن « ئاش » سۆزلىرى بىر – بىرگە بەدەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىككى سۆزلەم؛ ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدا، بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن « ق » ( مەسىلەن: قوناق، يانتاق، ئوتلاق، يايلاق، تاق – تاق ماڭماق دېگەنلەرگە ئوخشاش ) تاۋۇشى ھەرگىزمۇ « خ » ئېيتىلمايدۇ. تىلچىلىرىمىز بىلسە، قەشقەر تەلەپپۇزى تا ھازىرغىچە « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ ئۆلچەملىك تىل تەلەپپۇزىنى ئومۇمەن ئەينەن ساقلاپ كېلىۋاتقان، پۈتكۈل ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدىغان سەردار تەلەپپۇزدۇر. مىڭ ئەپسۇس، كېيىنكى ئەللىك يىلنىڭ مابەينىدە، قەشقەر تەلەپپۇزى تەلەپپۇز ئۆلچىمى ۋە نورمىسى ساھەسىدە ھېچ ئاساسسىز ھالدا، يەكلىنىپلا كەلدى. ئەگەر ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلساق، بۇ - بىر چوڭ نۇقساندۇر !
« بىرنى بىر دېگۈلۈك » دېگەن ئۇيغۇر سەمىمىيىتى بىلەن ئېيتقاندا، نەچچە مىليون نوپۇسلۇق قەشقەر يەنىلا ئۇيغۇر دۇنياسىنىڭ مەركىزى رايونىدۇر. ئەللىك نەچچە يىللىق ئەمەلىيەتمۇ قەشقەر تەلەپپۇزىنىڭ بىر نەچچە يۈز مىڭ تەرمە نوپۇسلۇق ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىغا قارىغاندا، ئىلمىي، ئىلغار، تۇراقلىق ۋە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، بۇ رېئاللىق جەزمەن ئېتىبارغا ئېلىنىشى كېرەك.
ئۈچىنچى. تارىختىن ساۋاق ئېلىش، رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش ۋە كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇش ئاساسىدا، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك كەسكىن بېكىتمە تۈزۈش زۆرۈر
تارىخ بىزگە نېمە ساۋاق بېرىدۇ؟
2500 يىللىق تېبابەت تارىخىغا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئاشۇ سانغا ئۇلىشىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، تېبابەت، دورىگەرلىك ئىلمىنى ماياق بىلەن خاتىرىلىمەيدۇ – دە! « قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتتە ئەڭ ئالغا كەتكەن خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئەدەبىي تىل ئىدى. » (قاراڭ: « قامۇسۇل ئەئلام » 3- توم،1876- بەت. ) بۇ — بىز ئۆزىمىز لاپچىلىق بىلەن دەۋالغان گەپ ئەمەس، بەلكى سەمىمىيەتچىل ، ھەقىقەتچىل چەتئەل ئالىملىرىنىڭ قايىللىق تۇيغۇسى ئىچىدە قىلغان خالىس باياناتى ۋە لىللاھ باھاسىدۇر. دېمەكچىكى، ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ھەقىقەتەنمۇ ئىپتىخارلىق ۋە شانلىق تارىخقا ئىگە.
بۇ شانلىق تارىخنىڭ بىزگە بەرگەن زۆرۈر ۋە قىممەتلىك ساۋاقلىرى چىن كۆڭلىمىزدىن ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە ئەرزىيدۇكى، 1908 – يىلى دۇنياغا كەلگەن چوڭ ھەجىملىك نادىر ئەسەر « تارىخى ھەمىدىي » بۇ جەھەتتە بىزگە قىممەتلىك دەرس بېرىدۇ. ئالايلۇق، ئالىم مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ بۇ ئۈچيۈز توقسانبەش بەتلىك سەرخىل ئەسىرىدە، يەر ئىسمى « ئۈچتۇرپان » نىڭ تەلەپپۇز ئۆزگىرىشى قىلىپ، « ئۈشتۇرپان » بولۇش جەريانىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
« ئۇشتۇرپان قەدىم، كوھنا شەھردۇر . ئىلگەرىكى ئاتى ‹ ئۇچ › ئىكەن. مەنسۇرخان زەمانەلەرىدە ، ئادەملەرى بىئەدەبلىك قىلىپ، ئىتائەتتىن چىققان توغرادىن كايىب ، ئەمىرۇل ئۇمەرا ئەمىرى جەببار بەردى بەگ دوختۇينى لەشكەرلەرى بىرلە ئىبەرتىپ ، ئۇچ ئەھلىنى قەتلىئام قىلىپ، باقىمەندەسىنى يۇرت – يۇرتقا تارقاتىپ ئەتىپ، تۇرپاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ ئالىپ كەلىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئاباد قىلغان ئەكەن. بۇ ۋەجھدىن ، كەنت – ئايماقلارىنىڭ ئىسم – ناملارى تۇرپاننىڭ كەنت – ئايماقلارى ئىسمى بىرلە مۇسەممادۇر : ‹ ئۇچ › لەفزىغا ‹ تۇرپان › لەفزىنى مۇنەززەم ئەتىپ، ‹ ئۈچتۇرپان › دەپدۇر . بەلكى ئەغلاتى ئاممە بىلەن ‹ ئۇشتۇرپان › ئاتاپتۇر » ( قاراڭ: ‹ تارىخى ھەمىدىي › قوليازما، 342- بەت، 7 – 13 – قۇرلار ). ( يېشىمى: ئۇشتۇرپان — قەدىمى بىر شەھەر بولۇپ، بۇرۇنقى نامى ‹ ئۇچ › ئىكەن. مەنسۇرخان زامانىسىدا، خەلقى خاننىڭ ئەمىر – ئىتائېتىدىن چىققانلىقى سەۋەبلىك، خان باش قۇماندان، زالىم سەركەردە، بەردى بەگ دوختۇينى قوشۇنى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇچ خەلقىنى ئومۇمىي قىرغىن قىلغان. قىلىچتىن ئېشىپ قالغانلىرىنى يۇرت – يۇرتقا تارقىتىۋەتكەن. كېيىن، تۇرپاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئاۋاتلاشتۇرغانىكەن. شۇڭا، بۇ شەھەرنىڭ نامى تۇرپاننىڭ نامى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتىلىدىغان، يەنى ‹ ئۇچ › سۆزىگە ‹ تۇرپان › سۆزى قوشۇلۇپ، ‹ ئۇچتۇرپان › دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. ھەر ھالدا، كېيىنچە، ئاۋاملارنىڭ خاتا تەلەپپۇز قىلىشى نەتىجىسىدە ‹ ئۇشتۇرپان › بولۇپ قالغان. )
ئالىم مۇسا سايرامىي بۇ يەردە، بىرىنچىدىن، ئەسلىدىكى « ئۇچتۇرپان » دىكى « چ » تاۋۇشىنىڭ ئاۋام خەلق تىلىدا « ش » تەلەپپۇز قىلىنىشىنى ئاۋاملارچە خاتا تەلەپپۇز ( ئەغلاتى ئاممە ) دەپ ئاتايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بۇخىل ئاۋام خەلق تىلىدىكى خاتا تەلەپپۇز قىلىش ئادىتىنىڭ كېيىنچە، يېزىق تىلىغىمۇ كۆچۈپ، ئەسلىدىكى « ئۇچتۇرپان » نىڭ « ئۇشتۇرپان » قىلىپ يېزىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۆرسەتكەن. مېنىڭچە، بۇ يەردە بايان قىلىنغان ئاشۇ بىر ئەسىر بۇرۇنقى « چ←ش » ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى بۈگۈنكى تىل ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلاپ، ئۇنىڭدىن ئەھمىيەتلىك دەرس ۋە پايدىلىق ساۋاق چىقىرىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيتى بار.
دېمەكچىكى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر جانلىق تىلىدىمۇ « چ ← ش » ئۆزگىرىشى مەسىلىسى مەۋجۇد. ئالايلۇق، دېھقان- لىرىمىزدىن « قوناقلىققا سۇ ئاچتۇق » دېگەننى « قوناخلىققا سۇ ئاشتۇق » دەيدىغانلار بار؛ « قورساق ئاچتى » دىكى « ئاچتى » نىمۇ ، « يانچۇقتا پۇل ئاشتى» دىكى « ئاشتى » نىمۇ ئوخشاشلا « ئاشتى » دەپلا تۈگىشىدىغانلار ئاز ئەمەس. بۇلارنى ئاز دەپ، تېلېۋىزورلىرىمىزدا، « ھۇزۇر بېغىشلار ئىشكەندە ئۇنى، ‹ ئاخ قوناخ › ماركىلىق شۇ ئېسىل مەينى » دېگەنگە ئوخشاش « چ » نى « ش »، « ق » نى « خ » تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ئېلانلار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. ئەڭ ئەجەللىك يېرى، بۇ خىل بولمىغۇر ئادەت بەزى تىلچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئوپۇل – توپۇل ئېتىراپ قىلىنىپ، ئەدەبىي تەلەپپۇز لۇغەتلىرىگە، دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلمەكتە. ئالايلۇق، 1997 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى » دە، « ئاچ – زار » نى « ئاش – زار » ئوقۇڭلار، « ئاچقۇچ » نى « ئاشقۇچ » دەڭلار، « ئاچ – يالىڭاچ » نى « ئاش – يالىڭاچ » تەلەپپۇز قىلىڭلار،« تاق سان » نى « تاخ سان » دەڭلار، « تەقۋا » نى « تەخۋا »، « لەقۋا » نى « لەخۋا » تەلەپپۇز قلىڭلار ، دەپ تەلىمات بېرىلگەن. ( قاراڭ: شۇ ناملىق لۇغەت، 68 - ،228 -،248 - ، 840 – بەتلەر )
تەبىئىيكى ، مۇنداق كېتىۋەرسە، يەنى بۇ خىل خاھىشقا بىر ئىلمىي چەك قويۇلمىسا ، بىر مەدەنىي نورما بېكىتىلمىسە ، خۇددى بىر ئەسىر بۇرۇنقى « ئۇچتۇرپان » دېگەن ئىسىم ئاۋام خەلقنىڭ بۇزۇق تەلەپپۇزىغا بويسۇنۇپ، ئاخىردا « ئۇشتۇرپان » دېيىلىدىغان ۋە يېزىلىدىغان بولۇپ قالغاندەك، يۇقىرىدا بىز مىسال قىلىپ كەلتۈرگەن « چ » لىق سۆزلەر ئومۇميۈزلۈك « ش » لىق، « ق »لىق كەلىمىلەر بولسا، « خ » لىق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ۋە ئاخىرى بېرىپ، تەلەپپۇز بىلەن ئوخشاش يېزىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. ھالبۇكى، يۈز يىللارنىڭ يالدامىسى بولغان شاھ ئەسەر « تارىخى ھەمىدىي » دە ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا تالىق بىباھا پاكىتلار بىزنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە.
كۈنىمىزدىكى رېئاللىق نېمە؟
-1953 يىلى ئىشلەنگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئىملا قائىدىسى » دە، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا « خاھلا - ( خواەلا - ) »، « خاھ – ناخاھ (خواە ناخواە ) » يېزىلغان سۆزلەرنى خالا- (la: ha) ۋە خايناخا (haynaha) قىلىپ يېزىشنى بېكىتتۇق. يەنى بىر يەردە، « ھ » تاۋۇشىنى چۈشۈرۈپ قويساق، يەنە بىر يەردە ئۇنى « ي » تاۋۇشىغا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىشنى ۋە يېزىشنى راۋا كۆردۇق. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا، « مەردىكار (مردكار )، ئۆتكەرمە ( اوتكارمە )، ئورغاق ( اورغاق )، قارغا ( قارغا )، كارناي » شەكلىدە يېزىلىپ ۋە دېيىلىپ كەلگەن سۆزلەردىن ھېچ ئاساسسىز ھالدىلا « ر » تاۋۇشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، « مە:دىكار » ( mä: dikar ) « ئۆتكە:مە » (ötkä: mä ) ، » ئو:غاق » ( o:ğak)، « قا:غا« ( qa: ğa )، « كا:ناي ( ka:nay ) « دېيىشنى ۋە دېگىنىمىز بويىچە يېزىشنى ئومۇملاشتۇردۇق. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، يۇقىرىقىدەك « ھ ، ر » ھەرپلىرىنى تاشلىۋېتىش ئۆز سېپىنى كېڭەيتىپ، « ل » ھەرپىنىمۇ تەلەپپۇز قىلماسلىق، يەنى « كەلمەك » نى كەمەك (kä: mäk) دېيىش، « ئولتۇر- » نى « ئو:تۇر - » (o:tur) ئېيتىشقا قاراپ، سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلماقتا .
بۇ خىل تاۋۇش چۈشۈرۈپ قويۇشتىن باشقا، بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن « ق » نى « خ » تەلەپپۇز قىلىش، « چ » نى « ش » ئوقۇش ۋە « ج » نى « ژ » دېيىشنى ئۆگىتىش ۋە تەرغىب قىلىش ھەدەپ كەتكەنلىكتىن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان غەلىتىلىك ۋە قالايمىقانچىلىقتىن ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرلا ئەمەس ، بەلكى ئۆگەتكۈچىلەرمۇ ئوخشاشلا گاڭگىراش ھېس قىلماقتا.
-1953يىلى ئىشلەنگەن ئېلىپبە ۋە ئىملا قائىدىسىدىن باشلاپ ھېسابلىساق، ئەللىك يىلنىڭ ئىچىدە ئۈچ قېتىم يېزىق ئۆزگەرتكەن ۋە بەش قېتىم ئىملا قائىدىسى يېڭىلىغان مىللەت بولۇپ قالدۇق. مەزكۇر بەش قېتىملىق ئىملا قائىدىسى يېڭىلاشتا، بىردەم « ھۆرمەت » نى « ھۈرمەت » دەيمىز دېسەك، يەنە بىر دەم « ئىللىق » (温暖) نى « يىللىق » دەيمىز دەپ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئەرزىمەس ئىشلارنى قىلدۇق . بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسىدە، ئەسلىدىكى « قولاي » سۆزىنى ( يەنى قولغا ئەپ كەلگەن ئىشنى ‹ قولاي › دېيىشنى) « قۇلاي » دەيمىز دەپ، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان، ھېچقاچان ۋە ھېچبىر ۋاقىتتا، باشقا بىر سۆزگە ئارىلىشىپ كېتىپ، ئۇقۇم خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق دېلوسى بولمىغان « قولايلىق » سۆزلەرنى بىكاردىن – بىكارغا ئۆزگەرتىپ، « قۇلايلىق، قۇلايسىز، قۇلايلاشتۇرماق » دەيمىز ۋە مۇشۇنداق يازىمىز دېگىنىمىزگە قارىغاندا، بۇ خىل لاۋزىلىق ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس – ئەييۇھەنناس !
كەلگۈسى بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟
ئەگەر بىز بۇ مەدەنىيەت رىقابىتى گويا قۇچاقلاشما جەڭ ھالىتىگە كىرگەن بۈگۈنكى دۇنيادا، بىر تىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئەمەلىيەتتە شۇ تىل ئىگىسىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتى بىلەن تەقدىرداش بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلسەك ۋە ئېتىراپ قىلساق، بۇھالدا ، شۇ قەدەر يارقىن – يېقىملىق ۋە شۇ قەدەر ئەۋرىشىم، باي ئىپادىلىك، گۈزەل ئۇيغۇر تىلىمىزنى ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە مەدەنىيلىكى بىلەن قوغداپ قېلىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر ئىش ئىكەنلىكىنى يۈرىكىمىزدىن چوڭقۇر ھېس قىلىمىز ۋە تونۇپ يېتىمىز، ئى، قېرىنداشلار!
ئەمدى، بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇ: تىل مەدەنىيىتى دېگەن نېمە؟ بىر تىلدىكى سۆز – كەلىمىلەرنى ناخشا قىلىپ ئېيتقاندىمۇ ئېنىق ئاڭلاپ ئۇققىلى بولىدىغان، ھەرپ – بوغۇملىرىنى ئېنىق، ئاڭلىنىشلىق قىلىپ، تولۇق ۋە راۋۇرۇس تەلەپپۇز قىلىش مەدەنىيەت بولامدۇ ياكى كەلىمىلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىپ، ھەرپ – تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە خاھلىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىش مەدەنىيەت بولامدۇ؟ تىل – يېزىق ئوقۇ – ئوقۇتۇشىدىن مەقسەت دېھقاننى تىل مەدەنىيىتى بويىچە زىيالىيلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ ياكى زىيالىينى گەپ سۆزدە دېھقانلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟ سۆز – كەلىمىلەرنى تەلەپپۇز قىلىش ۋە يېزىشتا، ئاۋام خەلقنىڭ، دېھقانلارنىڭ تىل ئادىتىنى ئاساس قىلىپ، شۇلارنىڭ قۇيرۇقىدا پىرقىراپ يۈرۈش ئىلىم ھېسابلىنامدۇ ياكى دېھقانلىرىمىزنىمۇ، ئاۋام خەلقىمىزنىمۇ تەربىيىلەپ، سۆز – كەلىمىلەرنى ئۆزگەرتىۋەتمەي ، ھەرپ – تاۋۇشلىرىمىزنى يالماپ – يەۋەتمەي، ساق – ساغلام، توغرا – دۇرۇس تەلەپپۇز قىلىش مەدەنىيەت سانىلامدۇ ؟
تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، ئەجداد ئالىم بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈمسىز ئەمگەكلىرى ئارقىلىق، تىل مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە، ھىدايەتلىك ساۋاقلارنى ۋە نۇسرەتلىك يوليورۇقلانى بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان يازما ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى زامانىۋى مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش سەمىمىيىتى بىلەن بېرىلىپ مۇتالىئە قىلساق، بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىينىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » دىن ئۇلۇغ ئەلىشىر نەۋائىينىڭ « ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە » سىگىچە ، يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » ىدىن ئىسمەتۇللاھ مۆئجىزىينىڭ « تەۋارىخى مۇسىقىييۇن » ىغىچە،مىرزا ھەيدەر كوراگان كاشغەرىينىڭ « تارىخى رەشىدىي » سىدىن مۇسا سايرامىينىڭ « تارىخى ھەمىدىي » سىگىچە بولغان پۈتكۇل كلاسسىكلار گويا بىزگە ئەمەلىي ئۆرنەك كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇ مۆھتەرەم ئالىم بوۋىلىرىمىز ئۆزىنىڭ شانلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىزگە شۇنداق دەرس بېرىدۇ: سۆز – كەلىمىلەرنى توغرا، تولۇق تەلەپپۇز قىلىش ۋە سۆز – ئاتالغۇلارنى ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ ئۇنىڭ سۆز تۈپىنى ۋە ئېتمولوگىيىسىنى بىر قاراشتىلا بىلىۋالغىلى بولغۇدەك قىلىپ دۇرۇس يېزىش بولسا، شۇ تىل ئىگىسى ئۈچۈن ئانا مەدەنىيەتتۇر !
ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىپ كۈنىمىزدىكى مۇشۇنداق گۈزەل دەۋرگە ئېرىشەلىگەنىكەن ، بىز تىل ئەھلى، تىل خادىملىرى ۋە تىل – يېزىقىمىزنى مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇل ئاساسى بىلىدىغان بارلىق زىيالىيلار تىل تەرەققىيات تارىخىمىز تەمىن ئەتكەن ئەمەلىي پاكىتلاردىن ساۋاق – دەرس ئېلىپ، سۆز – كەلىمىلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە گەپ – جۈملىلەرنى تېخىمۇ قائىدىلىكلەشتۈرۈش مەسىلىسى بويىچە، پارلاق دەۋرىمىزنىڭ چاپسان قەدىمىگە ماس كېلىدىغان بىر ئىلمىي ئۆلچەك ، بىر مەدەنىي پرىنسىپ بېكىتىپ چىقىشىمىز لازىم. مېنىڭچە، كېلەچەكنىڭ بىزدىن كۈتىدىغىنىمۇ دەل شۇ!
ئۇنداقتا، بىزنىڭ بېكىتمىمىز قانداق خاراكتېردە بولۇشى كېرەك؟
مېنىڭچە، بىزنىڭ بۇ قېتىمقى بېكىتمىمىز ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى دەۋرىلىرىدە ئىپادىلىگەن ئەنئەنىسىنىمۇ ھېسابقا ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، دەۋرىمىزنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ تەلىپىنىمۇ نەزەرگە ئالغان ھالدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك كەسكىن بېكىتمە بولۇشى لازىم. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا مۇنداق:
‹1› ئۇيغۇر يېزىقىدا، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى يوقىتىش كېرەك.
ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇيغۇر گرامماتىكىسى ۋە يېزىق ئىملاسىدا، « سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى » دېگەن بىر ماۋزۇ بار. بىراق ۋىجدانىمىز بىلەن ئىدراك قىلىپ، چىن سەمىمىيىتىمىز بىلەن ئېتىراپ قىلساق، ئېغىزىمىزدا، « سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى » دەپ ئاتاۋاتىمىز ، ئەمما ئۆز قولىمىز بىلەن يازغىنىمىزدا بولسا، « سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى » قىلىپ ئىپادىلەۋاتىمىز . مەسىلەن: « ئاتا← ئانىسى؛ دادا ←دادىسى » دېگەن مىسالنى ئالساق ، مۇشۇ يازغىنىمىز بويىچە ئېيتقاندا، ئاياغ بوغۇمدىكى « ئا » ئەسلىدىكىدىن ئاجىز بولغان بىر « ئا » (å) غا ئاجىزلاشمىدى بەلكى « ئى » (i) دەيدىغان باشقا بىر مۇستەقىل سوزۇق تاۋۇشقا ئۆزگەردى. بۇ بىر ئەجەللىك مەسىلە!
مېنىڭ تەتقىقاتىمچە، ئۇيغۇر تىلىدا، سوزۇق تاۋۇشلار ئاجىزلىشىدۇ، يەنى « ئا، ئە » ( a، ä ) سوزۇق تاۋۇشلىرى مۇئەييەن تىل شارائىتىدا، ئۆزلىرىدىن نىسبەتەن ئاجىز بولغان « ئا، ئە » (ä،å) تاۋۇشلىرىغا ئا جىزلىشىدۇ ، دېگىنىمىز توغرا. ئەمدى، بۇ خىل ئاجىزلاشقان سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز لۇغەتلىرىمىزدە ، ئاجىزلىشىش بەلگىسى بىلەن كۆرسىتىپ قويساقلا كۇپايە قىلاتتى. بىراق، مەزكۇر ئاجىزلىشىش ھادىسىسىنى يېزىقىمىزدا، « سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى » قىلىپ ئىپادىلىشىمىز پۈتۈنلەي خاتا بولغانكى، بۇ خاتالىقنى جەزمەن ۋە ئۈزۈل – كېسىل تۈزىتىشىمىز لازىم. چۈنكى يۇقىرىدا مىسال قىلىنغان « ئاتا، ئانا » سۆزلىرىنى ئالساق، ئۇلارغا 3- شەخس ئىگىلىك قوشۇمچىسى « سى » نى قوشقاندا، ئاخىرقى بوغۇمدىكى « ئا » سوزۇق تاۋۇشى ئۆزىگە قوشۇلغان « سى » دىكى « ئى » سوزۇق تاۋۇشىنىڭ تەسىرىدىن « ئاتا، ئانا » ئوقۇلغان چاغدىكى « ئا » ( a ) تاۋۇشىغا قارىغاندا ئاجىزلاشقان ۋە بىر چېكىپلا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان « ئا » ( å ) تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ. ئەمدى، بىزنىڭ ئېلىپبەيىمىزدە، « ئاجىز ‹ئا›، ئاجىز ‹ئە› » دەيدىغان ئايرىم ھەرپ بولمىغانىكەن، مەزكۇر ئاجىزلاشقان « ئا » تاۋۇشىنى يېزىقتا يەنىلا نورمال « ئا » بىلەن ئىپادىلەپ « ئاناسى » قىلىپ يېزىشىمىز ۋە ئۇنى تەلەپپۇز لۇغەتلىرىمىزدە « anåsi » دەپ ( ئىككىنىچى بوغۇمدىكى ‹ ئا › ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ ) ئوقۇلىدۇ، دەپ ئىزاھلاپ قويساقلا كۇبايە قىلىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىسى ئېنىقكى، بىز يېزىقتا زورمۇ – زور « ئاتىسى، ئانىسى » قىلىپ يازغىنىمىز بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھېچبىر ئۇيغۇر بۇ سۆزلەرنى « atisi، anisi » دەپ، ئىككىنچى بوغۇمنى ئېلىپبەدە ئۆگەتكەن « ئى » بويىچە تەلەپپۇز قىلمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، نازۇك تىل ماشىنىسىغا خاتىرىلىتىپ بېقىڭ!
يەنە دېسەك، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى ئۇيغۇر تىلىغىلا تەئەللۇق بولغان خاس مۈلۈك ئەمەس، باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدىمۇ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى مەۋجۇد. ئالايلۇق، تۈركلەرمۇ burası ) بۇ يەر ( alayım ( ئالاي (، bakayım ( باقاي )، دېگەن سۆزلەرنى ئېغىزدا burısı ( بۇرىسى )، alıyım ( ئالىيىم )،bakıyım ( باكىيىم ) شەكلىدە دېگۈدەك تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئەمما، يېزىقتا بۇ خىل تاۋۇش ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلىمەيدۇ، خالاس. نېمىشقا؟ چۈنكى، ئېغىز تىلىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنى بىرمۇ – بىر قالدۇرماي ئىپادىلەپ كەلسە، « تىل – يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش » دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ!
سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، 1953- يىلى ئىشلەنگەن « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبە ۋە ئىملاسى » دا، « ئا، ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ مۇئەييەن تىل تەلەپپۇز شارائىتىدا، ئۆزلىرىدىن تۆۋەنرەك تەلەپپۇز قىلىنىدىغان » ä، å » لەرگە ئاجىزلىشىش ھادىسىسىنى يېزىقتا، ئېنىق ھالدىكى « ئې، ئې » لارغا ئۆزگىرىدىغان قىلىپ ئىپادىلەشنى نىزاملاشتۇرۇپ قويۇش بىر تارىخىي گۇناھ بولغان. بىز بۇ گۇناھنى يۇيۇپ تاشلىشىمىز، يېزىقىمىزدىكى « ئا، ئە ←ئې، ئى » ئۆزگىرىشىنى قەتئىي يوقىتىشىمىز لازىم. مېنىڭچە، بۇ قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان كىچىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » غا ۋارىسلىق قىلىش ھەققىنى ئاداققىي جەھەتتىن قوغداپ قالالىشى ياكى قالالماسلىقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان جىددىي ھەم مەسئۇلىيەتلىك زور بىر ئىشتۇر!
ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ.
=================
ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ:
› سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىزلىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم.
گۈزەل ئۇيغۇر تىلىمىزدا، « ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ئې، ئى » بولۇپ جەمئىي سەككىز سوزۇق تاۋۇش بار. بۇ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى ئەزەلدىن – ئەبەتكە جىنسى ئەركەك، جاراڭلىق تاۋۇشلاردۇركى ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز ئىچىدىن « جاراڭلىق سوزۇق تاۋۇش » ۋە « جاراڭسىز سوزۇق تاۋۇش » دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنمەيدۇ . چۈنكى، بىر سۆز – كەلىمىدە، بىر سۆز بوغۇمىدا، « سوزۇق تاۋۇش جاراڭسىزلاشتى » دېگەن گەپ ئەمەلىيەتتە، « سوزۇق تاۋۇش نا جىنسيلاشتى ، سوزۇق تاۋۇش يوقالدى » دېگەن سۆز. بۇ مەسىلىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرسەك مۇنداق بولىدۇ: ئەگەر بىز « ئىچ، ئىش » دېگەن سۆزلەرنى تەكەللۇمىسىنى كەلتۈرۈپ « ix iq, » دەپ تەلەپپۇز قىلماي، تەلەپپۇز لۇغىتىمىز تەلىم بەرگەندەك « i°x ، i°ç » دەپ چېكىسىدە تۆشۈكى بار ناجىنسىي قىلىپ، يەنى جاراڭسىزلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلساق، بۇ ھالدا مەزكۇر سۆزلەرنىڭ بوغۇمىدا ئەمەلىيەتتە، سوزۇق تاۋۇش بولمىغان بولىدۇ. چۈنكى، سوزۇق تاۋۇش دېگەن مەڭگۈ جاراڭلىق بولىدۇ، ئەگەر ئۇ جاراڭسىز بولسا، ھەرگىزمۇ سوزۇق تاۋۇش ھېسابلانمايدۇ .
روشەنكى، ئەگەر بىز « ئۇيغۇرتىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار جاراڭسىزلىشىدۇ » دېگەن لەنەتگەردى يەكۈندە چىڭ تۇرساق ۋە ئەمەلىي تەلەپپۇزدا بۇ چۈشەنچىنى ئومۇملاشتۇرساق ، بۇ ھالدا، ئۆزىمىزنىڭ ئېغىزىمىزغا ئۆزىمىز كاچاتلىغان، يەنى « ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر بىر سۆز بوغۇمىدا بىر دانە سوزۇق تاۋۇش بولىدۇ » دېگەن تۈپ قائىدىنى يوققا چىقارغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش، سۆز – كەلىمىلەرنى شەكىللەندۈرۈش پرىنسىپىغا تالىق ئۇل – ئاساس نىزامىنى قاراپ تۇرۇپلا بۇزۇپ تاشلىغان بولىمىز، خالاس!
يەنە دېسەك، ھېچقانداق بىر تارىخىي مەنبەدە، « ئۇيغۇرلار سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، بىر يېرىدىن يەل قېچىپ كېتىپ، پىسىرلاپ قالىدۇ » دەيدىغان بايان كۆرۈلمەيدۇ. دېمەكچىكى ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى ھەرقانداق ئەھۋالدا، ھەرقانداق تىل شارائىتىدا، ئاشۇ ئېلىپبەدە ئۆگىتىلگەن سوزۇق تاۋۇش ھالىتى بىلەن راۋۇرۇس تەلەپپۇز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ھالبۇكى، بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئىقتىدارىمىزغا ئىشەنسەك، ئومۇمەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن شەكىللىنىپ قالغان مەزكۇر « سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىزلىشىشى » دەيدىغان ناكەس ئادەتنى تىل – تەلەپپۇز ساھەمىزدىن پاك – پاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز لازىم.
ئەڭ مۇھىمى، بىز پەقەت ئۇيغۇرتىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەممىسىنى سۆز – كەلىمىلەرنىڭ ھەر قانداق يېرىدە، جاراڭسىزلاشتۇرماستىن ئەينەن تەلەپپۇز قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان چېغىمىزدىلا، ئاندىن سۆز – كەلىمىىلەردىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش ھادىسىسىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايمىز ۋە قەتئىي چەكلىيەلەيمىز . بۇ ئارقىلىق، سۆز – كەلىمىلەرنىڭ ھەر قانداق تىل شارائىتىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي، ئوچۇق ۋە مەدەنىي تەلەپپۇز قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز پەقەت « ئىچمەك، ئۇچماق، ئىچ كىيىم، ئىچ مايماق، ئىچ – قارىن، ئۇچقۇر، ئۇچقۇن، قۇچماق، كۈچلۈك… » قاتارلىق سۆزلەردىكى « ئى، ئۇ، ئۈ » سوزۇق تاۋۇشلىرىنى ھازىرقى تەلەپپۇز لۇغەتلىرىمىز تەلىم بەرگەندەك ئۈزۈك تاۋۇشلاشتۇرۇپ، يەنى جاراڭسىزلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلماي، ئېلىپبەيىمىزدە ئۆگىتىلگەن ئەسلىي ھالىتى بويىچە «ü,u,i » تەلەپپۇز قىلىدىغانلا بولساق، بۇ ھالدا، مەزكۇر سۆزلەرنى « ئىشمەك،ئۇشماق، ئىش كىيىم، ئىش مايماق، ئىش – قارىن ، ئۇشقۇر ، ئۇشقۇن ، قۇشماق ، كۈشلۈك » دەپ تەلەپپۇز قىلىپ تاشلىمايمىز، بەلكى يازغىنىمىز بىلەن ئەينى قىلىپ، « içmäk ، uçqun،uçmaq ، uçqur، iç-qarin، içmaymak، içkiyim، quçmak، küçlük » دەپ راۋۇرۇس تەلەپپۇز قىلالايمىز، ئەلۋەتتە.
بۇنىڭدىن چىقتىكى، ئاتالمىش « سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىزلىشىشى » ئۇيغۇرچە سۆز – كەلىمىلەردە، چېكى توختىماس تاۋۇش ئۆزگىرىشى بالاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان باش جىنايەتچى. بىز بۇ باش جىنايەتچىنى چوقۇم جازالاپ يوقىتىشىمىز كېرەك.
3- تەلەپپۇزدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇشنى مەنئى قىلىش كېرەك.
تارىخىي ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، تەلەپپۇزدا « ر، ل، ھ، ي » قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى دەۋرىگە كىرىشنىڭ ئالدى – كەينىدە شەكىللەندۈرىۋالغان بىر ئوسال ئادەت. شۇنداقلا، گۈزەل ئۇيغۇر سۆز – كەلىمىلىرىنىڭ رىتىمچان، خۇش ئاڭلىنىشچان ۋە ساغلام ئۇستىخان ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ، ئۇنى رەپرەپ، چولاق ۋە كەمتۈك قىلىپ قويۇۋاتقان يامان ئاپەت. ھالبۇكى، ئەگەر بىز بۇ ئاپەتنى يوقاتمىساق ، بۇ ئوسال ئادەتنى يوق قىلمىساق، تىل تەلەپپۇزدا مەدەنىيلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز.
مەن تەجرىبە ئۈچۈن، « ئەكبەر، ئەسقەر » دېگەن ئىككى سۆزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك ئادەملەرگە تەلەپپۇز قىلدۇردۇم. ھېچبىر ئۇيغۇر ئۇلارنى « ئەكبە : ، ئەسقە : » دەپ، « ر » سىز تەلەپپۇز قىلمىدى . بۇنىڭدىن چىقتىكى، ئۇيغۇرلار بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن « ر » تاۋۇشىنى تەلەپپۇز قىلالماسلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بىمار خەلق ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار ئۆز ئېلىپبەسىدىكى ئوتتۇز ئىككى ھەرپنى سۆز – كەلىمىلەرنىڭ ھەر قانداق يېرىدە، ھەر قانداق تىل شارائىتىدا، ئوخشاشلا تولۇق ۋە ئوچۇق تەلەپپۇز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ساغلام خەلق. بۇ يەردىكى مەسىلە تىل – مەدەنىيىتى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىللەتلىك تەلەپپۇز ئادىتىنى يوقىتىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز « بار » نى « با: »، « بازار » نى « بازا: »، « ئانار »نى « ئانا: » دېمەيدىغان، ھە دېسىلا « ر » تاۋۇشىنى يېمەيدىغان بولۇش؛ ئاندىن بۇنى ئاۋام پۇقرا ۋە بارلىق خەلقىمىزگە ئۆگىتىش؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، تىل تاۋۇشلىرىنى چۈشۈرۈپ قويماي، تولۇق تەلەپپۇز قىلىشنى بىر مەدەنىيەت ھېسابلاپ ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسى خالاس.
مۇشۇ چۈشەنچە بويىچە ئېيتقاندا، ئەجدادىمىزدىن مىراس گۈزەل تىلىمىزنى بۇزۇپ، سۆز – كەلىمىلەردە ھېچبىر ئاساسسىزلا ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلماي تاشلىۋېتىش ۋە بۇ خىل ئىللەتنى قائىدىلەشتۈرۈپ ، « بۇ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تەلەپپۇز ئادىتى »، « بۇ دېگەن تىلنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى » دېۋېلىش ئەمەلىيەتتە ئىلىمسىزلىك، جاھىللىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، ئۇيغۇر تىل – يېزىق ئىستېمالىدا، ئەدەبىي يېزىق تىلى ئارقىلىق ئەدەبىي جانلىق تىلنى يېتەكلەش، قەلەم ئارقىلىق ئېغىزنى يۈگەنلەشنى يولغا قويۇپ، تەلەپپۇزدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش ئىللىتىنى پات ئارىدىلا تۈگىتىشىمىز كېرەك.
4›› تەلەپپۇزدا ئۈزۈك تاۋۇش ئۆزگىرىشىگە ئومۇمىيەتتىن يول قويماسلىق لازىم.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، ئاساسلىقى« ق » نىڭ « خ » غا، « چ » نىڭ « ش » غا ۋە « ج » نىڭ « ژ » غا ئۆزگىرىشى بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتقان تەلەپپۇزدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش ھادىسىسى ئەمەلىيەتتە، پەقەت يېقىنقى يۈز يىلنىڭ مابەينىدە ئاۋام خەلق ئارىسىدا، سىستېمىلىق تىل ۋە مەدەنىيەت تەربىيىسى كۆرمىگەن ئاددىي پۇقرالار ئىچىدە، سەۋىيىسىزلىك ۋە بىلمىگەنلىكتىن ھەدەپ كېتىپ، بازار تېپىپ قالغان ئوسال ئادەت. ھالبۇكى، بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز، خۇسۇسەن تىل – يېزىق ساھەسىدە تەر تۆكۈپ ئىشلەۋاتقان خادىملىرىمىز بۇ خىل ئوسال ئادەتنى ئۇنداق ئۆزلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يۈرۈپ بايقىۋالغان « يېڭى بايقاندى »، « يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى » ساناپ، ئوپۇل – توپۇللا لۇغەت ۋە دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈپ، قانۇنلاشتۇرۇپ قويماسلىقلىرى لازىم. مېنىڭچە، بىزنىڭ تىل – يېزىق خادىملىرىمىز تارىخنىمۇ بىلىدىغان، كەلگۈسىگىمۇ كۆز يەتكۈزەلەيدىغان، ئەجدادلارنىمۇ تونۇيدىغان، ئەۋلادلارغىمۇ يۈز كېلەلەيدىغان، مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك ئالىملاردىن بولۇشى لازىم. بىزنىڭ تىل ئالىملىرىمىز ئۆزلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان تىل ساھەسىنىڭ باشقا ھەرقانداق بىر ساھەگە ئوخشاشلا، ياخشى، ئاكتىپ نەرسىلەرمۇ، پاسسىپ نەرسىلەرمۇ بىرلا ۋاقىتتا تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان بىر مەيدان ئىكەنلىكىنى ئاڭقارغان ھالدا، تىل – يېزىق ئىستېمالىدا ئاۋام خەلق ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان تىل ھادىسىلىرىنىڭ قايسىسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ياخشى، ئاكتىپ ھادىسە، يەنە قايسىلىرىنىڭ بولسا، دەرھال توسۇش ۋە چەكلەشكە تېگىشلىك ناچار، پاسسىپ ھادىسە ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئايرىيالايدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇشلىرى لازىم.
ئاندىن، تىل ھادىسىلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، قائىدە – نىزاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، جان باقارمەن مىيانە يولغا كىرىۋالماي، كەسكىن تەدبىرلىك بولۇش لازىم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۈنىمىزدىكى « ق← خ؛ چ← ش؛ ج← ژ » ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە، ياكى « ق، چ، ج » ھەرپلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبە جەدۋىلىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاپ، « قاق » نى « خاخ » « قوناق » نى « خوناخ » « چاچ » نى « شاش »، « چۆمۈچ » نى « شۆمۈش »،« جازا » نى «ژاژا » دېيىشنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك، ياكى بولمىسا، « ق، چ، ج » تاۋۇشلىرىنى سۆز – كەلىمىلەرنىڭ ھەرقانداق يېرىدە يەل قاچۇرۇپ قويماي، ئەينەن، راۋۇرۇس تەلەپپۇز قىلىشنى نىزاملاشتۇرۇش لازىمكى، جەزمەن ئىككىنىڭ بىرى بولسۇن !
مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمچە ، ئۇيغۇرلار ئۆز ئېلىپبەسىدىن « ق، چ، ج » ھەرپلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشنى ھەرگىز راۋا كۆرمەيدۇ. شۇنداقىكەن، تىل تەلەپپۇز بازىرىدا، خاتا يېتەكچىلىكنىڭ كاساپىتىدىن كۈنسېرى يامراپ كېتىۋاتقان « ق← خ ؛ چ ← ش؛ ج← ژ » ئۆزگىرىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە، ئوقۇغۇچىلارغا مەزكۇر « ق، چ، ج » ھەرپلىرىنى سۆز – كەلىمىلەرنىڭ ھەرقانداق يېرىدە كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەينەن تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگىتىشى، تېلېۋىزور، رادىئو دىكتورلىرى ۋە پروگرامما رىياسەتچىلىرى باشلامچى بولۇپ، ئۆز تىل تەلەپپۇزىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئىللىتىنى ئىمكان بار ئەڭ قىسقا زاماندا، ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىشلىرى لازىم.
مېنىڭ تەتقىقاتىمچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تەلەپپۇزىدىكى « ئا ، ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىز « ئا، ئە ‹ ä ، å › » تاۋۇشلىرىغا ئاجىزلىشىشىنى يېزىقتا « ئې، ئى » گە ئۆزگىرىش قىلىپ ئىپادىلەش، تىل تاۋۇشلىرىنى تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويۇش ، سوزۇق تاۋۇشلارنى جاراڭسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇزدا ئۆزگەرتىۋېتىش بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتقان بۇ تۆرت ئىللەت ئۇيغۇر تىل – يېزىق ئىستېمالىنى مەدەنىيەتسىزلىك ۋە ئىلىمسىزلىك گىردابىغا سۆرەۋاتقان تۆرت چوڭ ئاپەتتۇر. ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرى جەزمەن بىر ئىنقىلاب قىلىپ، بۇ تۆرت چوڭ ئاپەتنى چوقۇم يوقىتىشىمىز، شۇ ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ داغدام يولدا، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.
خاتىمە
بىر چاغدا، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر نەچچە بۇرادىرىم بىلەن ئۇيغۇر تىل – يېزىق ئىستېمالىنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا غەيرى رەسمىي زاكونلىشىپ قالدىم. بىر بۇرادىرىم قولىنى جۆنەپ تۇرۇپ: « مۇشۇ ‹ تىل – يېزىق كومىتېتى › دېگەن ئورگان ۋە ئۇنىڭدا ئىشلەۋاتقان مۇشۇ ئادەملەرلا بولىدىكەن، ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ چېكى مەڭگۈ توختىمايدۇ؛ سۆز ئاتالغۇلىرىمىز مەڭگۈ قېلىپلىشالمايدۇ » دېۋىدى، ئۆمرۈمدە ئۇنتۇلغۇسىز بىر رەنجىش ئىچىدە پۇچىلاندىم، خاپا بولغىنىمدىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم. ئەمسىچۇ؟ دەۋرىمىزدىكى بۇ تىل – يېزىق كومىتېتى بىر ھوقۇقلۇق ئورگان. ئۇ يەردە پۈتكۈل ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇرۇمنىڭ تىلىنى ۋە يېزىقىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىداكار ئالىملىرىمىز، تىل ئۇستازلىرىمىز ئىشلەيدۇ. ھالبۇكى، تىل – يېزىقىمىزنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى بويىچە مۇقىملىشالماسلىقىنى قانداقمۇ ئۇ زاتلاردىن كۆرگىلى بولسۇن؟!
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، دەرس سۆزلەۋېتىپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئالتە يۈز يىلغىچە مۇقىم ئىملادا بولغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن مەدھىيىلەۋاتسام، بىر ئوقۇغۇچى كەسكىن ئاۋاز بىلەن: « مۇئەللىم! چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى دەۋرىدە تىل – يېزىق كومىتېتى بارمىدى؟» - دەپ سورىۋېدى ، تۇرۇپلا قالدىم. ئەمەلىيەتتە، ئۇجۇقۇپلا كەتتىم دېسەممۇ بولىدۇ.
ئەمىسە، تارىخنى ۋاراقلاپ باقايلى. شۇنىسى قىزىقكى، ھېچبىر مەنبەدە، ئاز كەم ئالتە ئەسىرلىك چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە، ئۇيغۇر دۇنياسىنىڭ قايسى بىر يېرىدە، تىل – يېزىقنى ئىملا ۋە تەلەپپۇز بويچە بىر قائىدىگە سېلىشنى، سۆز – ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئورگان، يەنى بىر «تىل يېزىق كومىتېتى» نىڭ بولغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. ئۇنداق بولسا، كۈنىمىزدە تىل – يېزىقىمزنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى بويىچە مۇقىملىشالماي ، توختىماي قوچۇلۇپ تۇرۇشىنى بۈگۈنكى مۇشۇ تىل – يېزىق كومىتېتىمىز كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتامدۇ – يا؟
ئەگەر بىزنىڭ جاۋابىمىز «شۇنداق! » بولىدىغان بولسا، قولىمىزدىكى بۇ ئەسەرنى يېزىشىمىزنىڭمۇ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولماي قالىدۇ. چۈنكى، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى مەزكۇر مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن مەخسۇس كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىشى بىلەن، تىل– يېزىقىمىزنىڭ زامانغا ماس ھالدا قائىدىلىكلىشىشى ۋە ئىلمىيلىشىشى ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىۋاتقان ئورگان. ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقان تىل خادىملىرىمىز ۋە ئالىملىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرى ھالال ۋە ئەجىر مۇكاپاتقا مۇناسىپتۇر. ھالبۇكى، بىز پەقەت ھەر بىر يېڭى مۇدىر ئالماشسا، بىر قېتىم ئىملا قائىدە ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى يېڭىلايدىغان ئادەتكە خاتىمە بېرىپ، سەمىمىيەت بىلەن بېرىلگەن پىكىر – تەكلىپلەرگە نىسبەتەن « بۇ پىكىرنى كىم ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ قەيەرلىك، قانچە ياش…؟» دەيدىغان مەھەللىۋىيلىك زېھنىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلمىيلىك ۋە مەدەنىيلىك تارازىسى بىلەن ئۆلچەش ئاساسىدىكى خالىس ۋە دۇرۇس مۇئامىلىدە بولىدىغانلا بولساق، ئەڭ مۇھىمى، بىر – بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلساق، بىر – بىرىمىزنى ئىچىمىزگە سىڭدۈرەلەيدىغان بولساقلا ، ئۆز ئىشلىرىمىزنى ئۆزىمىز چوقۇم ياخشى ئىدارە قىلىپ كېتەلەيمىز. شۇ قاتاردا، تىل – يېزىقىمىزنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىنىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك، تۇراقلىق ۋە نىسبىي مۇقىملىققا جەزمەن ئېرىشتۈرەلەيمىز، ئەلۋەتتە.
تەكلىماكان بلوگقا
Post Commentsئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
زىيارەت كۆرسەتكۈچى
كىرگەنلەر سانى
كىرگەنلەر سانى
0 ئىنكاس:
ئىنكاس