ئەگەر بىر ئۆسمۈر ...

بىر بالا قانداق مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلىشى كىرەك ؟
1 - ئەگەر بىر بالا تەنقىدى مۇھىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەندە ، بۇ بالا ئەيىبلەشنى ئۈگىنىدۇ .

2 - ئەگەر بىر بالا دۈشمەنلىشىش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلگەندە، بۇ بالا كۈرەش قىلىشنى ئۈگىنىدۇ .


بىر بالا قانداق مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلىشى كىرەك ؟
1 - ئەگەر بىر بالا تەنقىدى مۇھىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەندە ، بۇ بالا ئەيىبلەشنى ئۈگىنىدۇ .

2 - ئەگەر بىر بالا دۈشمەنلىشىش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلگەندە، بۇ بالا كۈرەش قىلىشنى ئۈگىنىدۇ .

3 - ئەگەر بىر بالا قورقۇنۇچلۇق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا قورقۇنچنى ئۈگىنىدۇ .

4 - ئەگەر بىر بالا ئىچ ئاغرىتىش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنى ئۈگىنىدۇ .

5 - ئەگەر بىر بالا مەسخىرىلىك مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا خىجىل بولۇشنى ئۈگىنىدۇ .

6 - ئەگەر بىر بالا ھەسەتخورلۇق مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا ئىچى تارلىقنى ئۈگىنىدۇ .

7 - ئەگەر بىر بالا خورلۇق مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا مەسئۇلىيەتنى يۈكلەشنى ئۈگىنىدۇ .

8 - ئەگەر بىر بالا رىغبەتلەندۈرۈش مۇھىتىدا يېتىلگەندە ، بۇ بالا ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۈگىنىدۇ .

9 - ئەگەر بىر بالا سەۋرى - تاقەتلىك مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا چىدامچانلىقنى ئۈگىنىدۇ .

10 - ئەگەر بىر بالا تەقدىرلىنىش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا سۆيۈنۈپ ياشاشنى ئۈگىنىدۇ .

11 - ئەگەر بىر بالا قوبۇل قىلىش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلگەندە ، بۇ بالا مىھرىبانلىقنى ئۈگىنىدۇ .

12 - ئەگەر بىر بالا تۇرمۇشىدىن مەمنۇن بولۇش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا ئۆزىنى سۆيۈشنى ئۈگىنىدۇ .

13 - ئەگەر بىر بالا ھوزۇرلىنىش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا مەردلىكنى ئۈگىنىدۇ .

14 - ئەگەر بىر بالا سەمىمىيلىك ۋە ھەققانىيەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا نېمىنىڭ ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ .

15 - ئەگەر بىر بالا دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىدۇ .

16 - ئەگەر بىر بالا راستچىللىق مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەندە ، بۇ بالا خاتىرجەم ياشاشنى ئۈگىنىدۇ .

پەرزەنتلەر ئاتا ـ ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىلىرى، ئائىلىنىڭ گۈللىرىدۇر. ئاتا ـ ئانىلارنىڭ يۈرەكلىرى شۇ گۈللەر بىلەن ياشىرىپ تۇرىدۇر. دۇنيادا پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئاتا ـ ئانىلاردىنمۇ كۈيۈمچان كىشىلەر بارمىدۇ؟!

كىچىك بالىلار ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ, ئۇلار پۈتۈن ئىشلارنى ئاتا ـ ئانىسىغا قاراپ ئۆگىنىشكە ئىنتىلىدۇ. ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئەخلاقى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرى ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلايدۇ. كىچىك بالىلار يۇمران كۆچەتكە ئوخشاش بولۇپ, ئۇلارنى كىچىك ۋاقتىدا خالىغان رەۋىشتە تەربىيىلەپ چىققىلى بولىدۇ. مانا بۇ ۋاقىت, ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆزلىرى خالىغان بويىچە يېتىشتۈرۈپ چىقىشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەتتۇر. بالىلىرىنى كىچىكىدىن ئۇبدان تەربىيىلىمەي, ئۇلارنى خالىغانچە يامان ئەخلاقلارغا كۆندۈرۈپ قويۇپ, كېيىن ئۇلار چوڭ بولغاندا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرمىسە, ئۇلارنى قارغاپ قاخشىغان ئاتا ـ ئانىلار كەمچىلىكىنى ئۆزلىرىدىن كۆرۈشى لازىم. چۈنكى ئۇلار بالىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سۆزىگە كىرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئىقتىدارىغا ۋە پۇرسەتكە ئىگە تۇرۇقلۇق. ئۇلار ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلالمىسا, كەمچىلىك كىمدە؟ تەبىئىيكى, ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۆزىدە! ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى راستچىللىققا, ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا چاقىرىپ تۇرۇپ, ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى ئۇنىڭ ئەكىسچە بولسا, بۈنداق تەربىيەنىڭ ئۆنۈمى يوقتۇر. بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەشتە ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئەمەلىيىتى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ۋە ھەرىكەتلىرىگە مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. بالىلارغا يوقىرىسى ئىماندىن-ئىتىقادتىن باشلاپ, تۆۋىنى ئۆيگە كىرىشتە ئىشىكنى قېقىپ , ئىزنە سوراپ كىرىشكە قەدەر بولغان پۈتۈن ئەخلاق ـ پەزىلەتلەرنى ئۆگىتىش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۇنىڭدىن باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىدۇر.

0 ئىنكاس:

زىيارەت كۆرسەتكۈچى
free hit counter

كىرگەنلەر سانى
free hit counter