the rock apple , تاش ئالما

تىپىپ بەر خىرىدار ئەي قۇياش ماڭا...!
كىتەرسەن تۇققۇنۇم ھىجىيىپ شۇنداق،
غەرەزسىز كۈلكەڭنى سىتىپ يىگەندەك.
پاقىراق تاشلاردەك، سەھرا يولىدا
كۈتىمەن بىراۋنى، نۇر چىقىنىدەك .

كەلمەكتە كىيىكلەر يايلاپ يىراقتىن،
پۇراپمۇ قالىمەن مىھرىگىيانى.
قوغلىنىپ كىتەرمەن جەننەتتىن بىر كۈن
دەۋزەخكە سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىكى -
گۇمانخور شەيتاندەك يۈدۈپ دۇنيانى.

توشقاندەك ھۈركۈمەي قىلساڭلا قوبۇل،
ئالۋاستى بولساممۇ مۇھاببىتىمنى .
ئۆلمەيتتىڭ ،ئاققۇشقاچ ئىچىۋالغاندەك،
خىزىرنىڭ بىر يۇتۇم زەم-زەم سۈيىنى .
بىلەتتى كىملەرمۇ ئۆزۈمدىن بۆلەك ،
ئىلكىمدە بولمىغان ھاتەملىكىمنى...
كىيەتتىم مەنمۇ ھەم يىڭى ئۈستىباش،
ساتالماي يۈرىمەن ئادەملىكىمنى.!

شەبنەمدەك تىزىلىپ كىرپىكىمگە ياش،
يۈرمەكتە بىر مىنى تۇمانغا ئوراپ.
غۇۋالا پىلىلداپ تۇرغان جىنچىراق،
سالماقتا قەلبىمگە چەكسىز ئىزتىراپ .
قوشۇۋال، كۆرگىن ھەم يۇلتۇزلۇرۇڭدەك.
سىپىۋەر تاشلارغا تامچە نۇرۇڭدەك.

0 ئىنكاس:

زىيارەت كۆرسەتكۈچى
free hit counter

كىرگەنلەر سانى
free hit counter