يورۇقلۇق خاتىرىسى


ئىگە بولاي ئۆزۈمگە بىر پەس،
بىراق بۇمۇ ئۆزۈمنىڭ ئەمەس.
ئاتەش ئىچرە كۆيگەندە تەقدىر،
بولارمەنمۇ مۇڭلۇق مۆرىمەس.


تىرىكلىكتە كۆرمىسە مىراد،
ئۆلۈمىدە تاپارمۇ بىر يول.
ئەگەر توزۇپ كەتسە يۈرىكى،
بىچارىنىڭ شورلۇق قىسمىتى،
پىنھانىگە سۆرەرمۇ ئۇدۇل.

ئىشەنمەسلىك تەشنالىقىدا،
قايناپ تۇرغان بۇلاقلار پىنھان.
بىر ئانىدىن تۇغۇلمىساقمۇ-
بىر بۆشۈككە بۆلەنگەن ئىنسان.

سىردىشى ئۆلۈپ قالغاندەك كىچە،
سۈبھى بىلەن قارىلىق چەگسە.
ئويغاتقاندەك قۇياشنى ئەزان،
غەمگۇزارى تىرىلىپ كەلسە.

مەن تىخىچە كىزىپ دۇنيانى،
ئۇچراتمىدىم بىراۋ ھەققىنى
يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتكىلى بىر رەت.
ھەچنەرسىنى بىلمەيمەن تىخى،
ساسلىقتىكى نىمجان بالىدەك.
تولۇۋاتسا ئاشقازىنىمغا
سۆگەتگۈلنىڭ شىرنىسى سۈتتەك.

بەختىنى دەپ ئاجىز قۇرتنىڭ،
جەسىتى كۆپ قاناتلىقلارنىڭ.
كوھىقاپتا يايرايدۇ جىنى......
ئۆلەلمىگەن بەزىللىرىنىڭ.
ئامەتلىك ھەم بەختىيار بىزلەر،
ھىچنەرسىسى ئەمەس ئۇلارنىڭ...


0 ئىنكاس:

زىيارەت كۆرسەتكۈچى
free hit counter

كىرگەنلەر سانى
free hit counter