ئالتۇن كاناي Golden Trumpets

Dr. Hornsnagle, an American explorer, asked the ruler of Yap
Yap whether free speech was allowed under his rule.
ئامرىكېلىق ساياھەتچى ، Dr. Hornsnagle ياپ-ياپنىڭ ھۆكۈمرانىدىن ، باشقۇرۇشىدىكىلەرنىڭ پېكىر ئەركىنلىكىگە يول قويىدىغان – قويمايدىغانلىغىنى سوراپتۇ،
“Yes, indeed.” Said the ruler. “My people enjoy complete Freedom of speech and we decide everything according to public opinion
ھەقىقەتەن يول قويىمىز دەپتۇ، ھۆكۈمران : بىز ھەممە ئىشنى ئاممىنىڭ پېكرىگە ئاساسلىنىپ قارار قىلىمىز، خەلقىم مۇتلەق پېكىر ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .
“but how do you find out what the public thinks?” asked Dr, Hornsnagle.
بىراق ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىنى قانداق تىپىپ چىقالايسىلەر؟ دەپ سوراپتۇ، ساياھەتچى،
“That’s very simple,” said the ruler. “Whenever any question has to be settled, we gather all the people together in my pelace.
Then we decide our policy by just listening to the Golden Trumpets.”
ئىنتايىن ئاددى دەپتۇ، ھۆكۈمران: ھەر قاچان بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولساق، پۈتكۈل خەلق ، بىرلىكتە ئوردامنىڭ ئىچىگە جەم بولىمىز. ئاندىن ئالتۇن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئارقىلىق سىياسەتلىرىمىزنى قارار قىلىمىز.
“And what are the golden trumpets?” asked Dr, Hornsnagle.
ئالتۇن كاناي دىگەن قانداق نەرسە؟ دەپ سوراپتۇ، ساياھەتچى،
“golden trumpets,” said the ruler, “are used to express public opinion here. I raise my right hand above my head and shout: “Those in favour, blov.’ Immediately those who are in favour of the proposal blow their golden trumpets. Then I raise my left hand and shout: ‘All those against, blow.’ This time those who are opposed, blow theirs. The side which makes the greatest noise is naturally the majority and the policy is decided in their favour.”
ئالتۇن كاناي ، دەپتۇ ھۆكۈمران، بۇ يەردە ئاممىنىڭ كۆز- قارىشىنى ئىپادىلىشىگە ئىشلىتىلىدۇ. مەن ئوڭ قولۇمنى بىشىمدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ، بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلار چىلىڭلار ، دەپ توۋلايمەن. قوشۇلىدىغانلار دەرھال تەرەپ- تەرەپتىن ئالتۇن كانايلېرىنى چالىدۇ. ئاندىن مەن سول قولۇمنى كۆتۈرۈپ قارشى تۇرىدىغانلار چېلىڭلار دەپ توۋلايمەن، بۇ قىتىم قارشى تۇرىدىغانلار چالىدۇ، قايسى تەرەپنىڭ ئاۋازى كۈچلۈك چىقسا ، تەبئىيلا كۆپ سانلىق ھىساپلېنىپ،سىياسەت قارار قىلىنىدۇ.
“That,” said Dr. Hornsnagle, “is the most complete democracy that I have ever heard of. I would like very much to see one of these meetings.”
ئۇنداقتا دەپتۇ ساياھەتچى، بۇنداق تولۇق دىموكراتىيەنىڭ بارلىغىنى مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ، مۇشۇنداق يىغىنلارنىڭ بىرەرىنى كۆرۈشنى ئىنتايىن خالايمەن .
On the next afternoon, the people of Yap Yap, both rich and poor, were called into the palace courtyard to deside an important matter. There were only four rich men. All the rest were poor.
ئەتىسى چۈشتىن كىيىن ياپ-ياپنىڭ خەلقى ئىنتايىن بىر مۇھىم ئىشنى قارار قىلىش ئۈچۈن ئوردا مەيدانىغا چاقىرىلىپتۇ. بۇلار بىرنەچچە بايلار، قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىچارە نامراتلار ئىكەن ،
When all were assembled, the ruler stepped forward and raised his right hand.
ھەممەيلەن يىغىلىپ بولغاندا ھۆكۈمرۈن ئالدىغا چىقىپتۇ، ھەم ئوڭ قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ-
“all those in favour, blow.” He shouted.
بارلىق قوشۇلىدىغانلار ، چىلىڭلار، دەپ توۋلاپتۇ.
The four rich men all lifted there golden trumpets and blew hard.
بارى-يوق، تۆتلا باي كىشى ، ئالتۇن كانايلىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ بار كۈچى بىلەن چاپتۇ.
Then the ruler lifted his left hand. “All thoso against, blow,” He shouted. Not a sound came from the poor people, Thus the policy was decided and the meeting over.
ئاندىن ھۆكۈمران سول قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ، قارشى تۇرىدىغانالارنىڭ ھەممىسى چىلىڭلار دەپ توۋلاپتۇ. نامرات ئادەملەر توپىدىن ھىچقانداق سادا چىقماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن سىياسەت قارار قىلىنىپ ،يىغىن ئاخىرلىشىپتۇ.
Dr. Hornsnagle asked the ruler why only the four rich men blew trumpets.
ساياھەتچى، تۆتلا باي ئادەمنىڭ كاناي چالغانلىغىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ ، ھۆكۈمراندىن.
“Because they are the only people who have golden trumpets,” said the ruler. “The others are all working people.”
"چۈنكى ئۇلار ئالتۇن كانىيى بار ئادەملەر" دەپتۇ ھۆكۈمران، "باشقىلارنىڭ ھەممىسى قۇللار."
“Well, that doesn’t seem very much like free speech to me,” said Hornsnagle. “ in America, we have real freedom of speech.”
ياخشىغۇ، ماڭا بۇنداق پېكىر ئەركىنلىكى پەقەلا خوپ كەلمىدى،دەپتۇ ساياھەتچى، ئامرېكىدا بىزنىڭ ھەقېقىي پېكىر ئەركېنلىكىمىز بار.
“Is that so?” said the ruler. “And how do you do it in America?”
شۇنداقمۇ؟ دەپتۇ ھۆكۈمران ، ئامرېكىدا ئۇنى قانداق ئېلىپ بارىسىلەر؟.
“in America,” said Hornsnagle, “ instead of golden trumpets, we have newspapers, magazines and radio stations.”
ئامرېكىدا ، دەپتۇ ساياھەتچى ئالتۇن كانايلارنىڭ ئورنىغا ، گېزىت، ژورنال، رادىئو ئېستانسلىرىمىز بار.
“ That is very interesting,” said the ruler. “But who owns all these newspapers, magazines and radio stations?”
ئىنتايىن قىزىقارلىقكەنغۇ، دەپتۇ ، ھۆكۈمران بىراق ئاشۇ گېزىت، ژورنال ، رادىئو ئېستانسلىرىغا كىم ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ ؟ .
“The rich,” said Hornsnagle.
بايلار، دەپتۇ ساياھەتچى.
“Then it is the same as Yap Yap,’ said the ruler.
ئانداقتا ياپ-ياپ بىلەن ئوخشاشكەنغۇ، دەپتۇ ھۆكۈمران.

0 ئىنكاس:

زىيارەت كۆرسەتكۈچى
free hit counter

كىرگەنلەر سانى
free hit counter