چوقۇمىسا كۈزلەرنى قۇزغۇن،
ئىزلىمەيدۇ پاناھ جاي ھىچكىم.
ئۇھسىنىشلار،قۇيۇندەك لەۋلەر،
سۈپۈرگىدەك بولغانمىدى جىم .
يۇلتۇزلىرى تۇرسىمۇ چاقناپ،
قۇرالمىدى باراۋەت كىچە.
جىنچىراغنىڭ خىزىر تىنىدەك،
كۆلەڭگۈسى سۆيۈپ مەڭزىمگە.
كەلسەڭلارمۇ كۆكلەم قۇشلىرى،
شۇ مىھرىبان جەننەت قوينىدىن.
ئارتۇقراقى سىلەرنىڭكىدىن،
تىپىلمايدۇ ئىلىپ كىتەرگە ....
قانىتىنى يايمىسا شامال،
ھەممىمىزنى دوزاق ئۇچقۇنى-
ئايلاندۇرۇپ قوياتتى بىردىن
دۆۋە-دۆۋە چاقناق گۆھەرگە .
چاچالىسۇن قانداق خۇشپۇراق،
چىقالمىسا قىتىدىن غۇنچە
تاڭ پارلىغان سۈبھى-سەھەردە.
ئىزلىمەيدۇ پاناھ جاي ھىچكىم.
ئۇھسىنىشلار،قۇيۇندەك لەۋلەر،
سۈپۈرگىدەك بولغانمىدى جىم .
يۇلتۇزلىرى تۇرسىمۇ چاقناپ،
قۇرالمىدى باراۋەت كىچە.
جىنچىراغنىڭ خىزىر تىنىدەك،
كۆلەڭگۈسى سۆيۈپ مەڭزىمگە.
كەلسەڭلارمۇ كۆكلەم قۇشلىرى،
شۇ مىھرىبان جەننەت قوينىدىن.
ئارتۇقراقى سىلەرنىڭكىدىن،
تىپىلمايدۇ ئىلىپ كىتەرگە ....
قانىتىنى يايمىسا شامال،
ھەممىمىزنى دوزاق ئۇچقۇنى-
ئايلاندۇرۇپ قوياتتى بىردىن
دۆۋە-دۆۋە چاقناق گۆھەرگە .
چاچالىسۇن قانداق خۇشپۇراق،
چىقالمىسا قىتىدىن غۇنچە
تاڭ پارلىغان سۈبھى-سەھەردە.
0 ئىنكاس:
ئىنكاس