تېيىپجان ئېليوپ
بىراۋدىن ئاڭلاپ بۇ ھىكايەتنى مەن،
پۈتتۈم ئاق قەغەزگە قارا خەتنى مەن.
قاراڭ بىر ئىمامنىڭ بېشى بەك قېتىپ،
قازىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ھال ئېيتىپ.
''...پەقىرگە ئۆزلىرى ئېتىماد قىلىپ،
ئىماملىقنى بەرگەن ئىلتىپات قىلىپ.
ۋە لېكىن بۇ مەسجىد جامائىتىنىڭ
تايىنى يوق ئىكەن ساداقىتىنىڭ.
يىل ئۆتمەي شەكلىنىپ مېنىڭدىن كېچىپ،
بۆلەك مەسجىدلەرگە كېتىشتى قېچىپ .
ھەممىدىن يامىنى،تەخسىر،سىلىنى
يامانغا يانتاياق بولدى دېگىنى.
شۇڭا بەك قاينىدىم،ئۆتمىدى لەۋزىم،
ئەمدى شۇبۇ ھەقتە سىلىگە ئەرزىم:
جازاسىنى تاپسا بىرنەچچە مۇرتەد،
جاماەت ئالاتتى بۇنىڭدىن ئىبرەت...''
قازى ئىش تەكتىدىن خەۋەردار ئىدى،
ئۆزىمۇ پۇشمانغا گىىرپتار ئىدى.
''خام ئويلاپتىمەن''دەپ سۆكۈپ ئۆزىنى،
جاۋابەن ئىمامغا دېدى سۆزىنى:
''قىلالمايمەن ئەمدى بۇ ئىشقا سايى،
قايتىپتۇ سېنىڭدىن جامائەت رايى.
ئىلىم بابىدىمۇ تومتاق ئىكەنسەن،
جىنازە نامازغا ئامراق ئىكەنسەن.
''ئېلىپ''تىن ئۆزگىنى بىلمەيدىكەنسەن.
مىڭ قىلساممۇ كارغا كەلمەيدىكەنسەن.
لەت قىلار ئادەمنى رىياكارلىقى،
نەپسىنىڭ كەڭلىكى،كۆڭۈل تارلىقى.
بۇنى سەزگەنلەرنى تارتسام جازاغا،
سەۋەپكار بولىمەن چوڭراق نىزاغا.
شۇڭا سەن ماڭا ھال ئېيتىشتىن بۇرۇن،
ياخشىسى جامائەت قىچىشتىن بۇرۇن،
قېچىپ كەتكەن بولساڭ ئۆزەڭنى سوراپ،
بولمايتتى ھالىڭمۇ بۇنچىلا خاراپ...''
1983 -يىل.
شائېرنىڭ «يانتاق» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن،
بىراۋدىن ئاڭلاپ بۇ ھىكايەتنى مەن،
پۈتتۈم ئاق قەغەزگە قارا خەتنى مەن.
قاراڭ بىر ئىمامنىڭ بېشى بەك قېتىپ،
قازىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ھال ئېيتىپ.
''...پەقىرگە ئۆزلىرى ئېتىماد قىلىپ،
ئىماملىقنى بەرگەن ئىلتىپات قىلىپ.
ۋە لېكىن بۇ مەسجىد جامائىتىنىڭ
تايىنى يوق ئىكەن ساداقىتىنىڭ.
يىل ئۆتمەي شەكلىنىپ مېنىڭدىن كېچىپ،
بۆلەك مەسجىدلەرگە كېتىشتى قېچىپ .
ھەممىدىن يامىنى،تەخسىر،سىلىنى
يامانغا يانتاياق بولدى دېگىنى.
شۇڭا بەك قاينىدىم،ئۆتمىدى لەۋزىم،
ئەمدى شۇبۇ ھەقتە سىلىگە ئەرزىم:
جازاسىنى تاپسا بىرنەچچە مۇرتەد،
جاماەت ئالاتتى بۇنىڭدىن ئىبرەت...''
قازى ئىش تەكتىدىن خەۋەردار ئىدى،
ئۆزىمۇ پۇشمانغا گىىرپتار ئىدى.
''خام ئويلاپتىمەن''دەپ سۆكۈپ ئۆزىنى،
جاۋابەن ئىمامغا دېدى سۆزىنى:
''قىلالمايمەن ئەمدى بۇ ئىشقا سايى،
قايتىپتۇ سېنىڭدىن جامائەت رايى.
ئىلىم بابىدىمۇ تومتاق ئىكەنسەن،
جىنازە نامازغا ئامراق ئىكەنسەن.
''ئېلىپ''تىن ئۆزگىنى بىلمەيدىكەنسەن.
مىڭ قىلساممۇ كارغا كەلمەيدىكەنسەن.
لەت قىلار ئادەمنى رىياكارلىقى،
نەپسىنىڭ كەڭلىكى،كۆڭۈل تارلىقى.
بۇنى سەزگەنلەرنى تارتسام جازاغا،
سەۋەپكار بولىمەن چوڭراق نىزاغا.
شۇڭا سەن ماڭا ھال ئېيتىشتىن بۇرۇن،
ياخشىسى جامائەت قىچىشتىن بۇرۇن،
قېچىپ كەتكەن بولساڭ ئۆزەڭنى سوراپ،
بولمايتتى ھالىڭمۇ بۇنچىلا خاراپ...''
1983 -يىل.
شائېرنىڭ «يانتاق» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن،
0 ئىنكاس:
ئىنكاس