ئۆكۈنۈشتە كەينىگە قاراپ .
يىراقلىدى ناتونۇش گەۋدە.
ئەگەشمىدى سايىسى كەبى ،
تىرىك يۈرگەن بىرەر دەقىقە.
ئۆزىدە بار جىمى نەرسىنى ،
كۆمۈۋىتىپ ئەسلىمىلەرگە.
غىرىبانە بىر تامچە شەبنەم
بىر تامچە ياش سىڭمەكتە يەرگە.
بولمىغاندەك شادلىقمۇ باقى،
ئازابلارمۇ ئۇنچە ئاز ئەمەس.
سايىسىدا ئۇپقان كۆزلەرنىڭ،
بولۇۋاتسا تۇيغۇلار ئەلەس.
قاڭقىپ كىتىپ سەرسان بولغىنى،
ئارمانلاردىن تۆكۈلگەن ياپراق.
ئەستىلىككە سىڭىپ قالغىنى،
يىراقلاردىن ھىدلانغان پىراق.
0 ئىنكاس:
ئىنكاس