«بىر سېتودىنتنىڭ خىتى» گە ئىزاھات
بىر غەرپلىك كاتتىۋاشنىڭ «بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز، ئىناق خوشنىدارچىلىق ئاساسىغا ئەمەس. دوستانە مەنپەئەتلىرىمىز ئۈستىگە قۇرۇلغان .»دىگەن مەشھۇر سۆزىنى بىلمەيدىغانلار يوقتۇر بەلكىم......
مەن ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى «ئوچۇق خەت» نى قايتا-قايتا ئوقۇپ بىر سەمىمى ئۆتۈنۈشتىن باشقا سبوي ئەپەندىمنى شۇنداق ھاياجانلاندۇرۇۋەتكۈدەك بىرەر مەزمۇننى ھىس قىلالمىدىم...بۇ بەلكىم مىنىڭ باشلانغۇچتىمۇ تۈزۈك ئوقۇمىغان چالا ساۋاتلىغىمدىندۇر.......
شۇنداقتىمۇ سبوي ئەپەندىمنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە، غۇرۇرىغا تاقىشىدىغان نازۇك مەسىلىلەر ئۈستىدىن .باشقا بىر قۇتۇپتا تۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن دەب-دەبىلىك يەكۈنلىرىگە سۈكۈت قىلغۇم كەلمىدى.
ھۆرمەتلىك سبوي ئەپەندىم.....................
جوڭگونىڭ مائارىپ كىرىزىسى توغرۇلۇق پەلسەپىۋى پىكىر بايان قىلىپسىز، ھەم بۇنىڭدىن كىيىنكى سىياسەتلەر توغرۇلۇق بىشارەتمۇ بىرىپسىز،
يوغان قالپاقتىن بىرنى كەيمەي تۇرۇپ ،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، ئۇنداقكەن - مۇنداقكەن دەپ بىلجىرلىماسلىقتا ھۆكۈمالارچە نەسىھەتمۇ قىلىپسىز،
خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىلان قىلىنغان ئوچۇق خەتتىن ،خەنزۇ سىنىپتا ئوقۇغانلىقىڭىز ئۈچۈن بىر ئۆزىڭىزنىڭ نەپكە ئىرىشكەنلىكىڭىزنى، ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق ئامەتكە ئىرىشەلمەيدىغانلىغى ھەققىدە ھاياجان بىلەن سۆزلەپمۇ كىتىپسىز.
«سىز ئۆزىڭىز ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍتىڭىزﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ھوقۇقلۇق ئىكەنسىز.
«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ» ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ، ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﻘﺎﻥ ، ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩ ﻳﯘﻗﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯘشسە ﺗﯩﮕﯩﺪﻩ ﻣﺎﻧﺘﺎ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺧﯘﻟﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﻣﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﭼﯘﺷﻜﯘﻧﻠﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ،ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭼﯘﺷﻜﯘﻧﻠﯘﻙ ﺑﺎﺭ. »
ئادەملىرىمىز قاچاندىن باشلاپ «ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە،ئاستىدا ئاستىدا مانتا يەيدىغان» بولۇپ كەتكەندۇر....
ئۇلارنى چۈشكۇنلەشتۈرگىنى زادى نىمىدۇر.................
سىز جەمىيەتكە چىقىپ كۆرۈپ بېقىڭ . يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ بىقىڭ.. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا چىتىشلىق بارلىق ئالاقە،ئىلىم-بىرىم ئىشلىرىدا،ئاددىسى باج،بازار باشقۇرۇش ھەققىي تۆلەشكىچە تولدۇرۇلىدىغان جەدۋەل-كاتاكچىلەرنى خەنزۇ يىزىقى بىلەن تولدۇرۇش شەرت! ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغان شەھەر ئاھالىسى ۋە ئەمدىلا شەھەرگە يۈزلەنگەن ئوقەتچىلەرگە قويۇلىۋاتقان بۇ تەلەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى توغرۇلۇق ئويلاپ بىقىڭ.
ئۆزى قىزىقىپ، خالاپ تىل ئۈگۈنۈش بۇ باشقا گەپ . مەسىلەن مىنىڭ بىر ئاكام خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈگىدىن تىرىشىپ ئۈگەنگەن،
خەنزۇلارنىڭ قەدىمكى تىبابىتىگە دائىر يازمىلىرىنى، ھەم كىلاسسىك تارىخى كىتابلىرىدىن ھەتتاكى بەزىبىر خەنزۇلاردىنمۇ ياخشىراق،بىمالال پايدىلىنالايدۇ، يەنە خەنزۇ تىلىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئاممىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن تونۇشلۇرۇممۇ خىلىلا نۇرغۇن. ھەم ھازىرقىدەك قىستاڭچىلىقتا بىزدەكلەرگە ئۈلگە بولالايدىغان ،پىشقەدەم،ئوتتۇراياش ھەم ياش ،قوش تىللىق زىيالىلىرىمىز ھامان قەلبىمىزنىڭ تۆرىدە .
ئۆزىنىڭ مۇكەممەل بولغان تىل-يىزىقى بار ، يەنە كىلىپ مىللى تىررىتورىيەلىك ئاپتونومى قانۇنىنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە رايوندا تىل ئۈگۈنۈش سىياسىي خاراكتىرگە ئىگە بولۇپ مەجبۇرىيەت تۈسىنى ئىلىپ قالسا، بۇنىڭغا قارىتا بىر تەرەپلىمە ئىنكاس ۋە قىيداش پىسخىكىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقىغا كىم ھۆددە قىلالايدۇ،ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەلقىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان ئىكەن ،چوڭلارنىڭ ئىڭى بۇلارغا تەسىر قىلماسلىغى مۈمكىنمۇ ؟
سىز خەنزۇچە سىنىپتا ئوقۇپسىز : ئەمما سىز جەمىيەتكە ئارىلىشىپ بىقىپ،ئاتا ئانا بولۇپ بېقىپ ،ئاندىن ئۇيغۇر سىتۇدىنىتلىرىمىزنى ئەيىپلىسىڭىز بولىدۇ . مەن تۇرغان يۇرتتا بىرمۇ ئىشسىز قالغان خەنزۇ سىتودىنىت يوق ، ئەمما داڭلىق مەكتەپلەرنى يۈكسەك غايەلەر ئىچىدە كىچىنى كۈندۈگە ئۇلاپ جاپالىق ئوقۇغان 3000غا يېقىن ئۇيغۇر سىتودىنىتنى ئاخىرىدا كۈتۈپ تۇرغىنى چەت-يىراق ،نامرات تاغلىق يىزىلاردا مۇئەللىم بولۇش !بۇ خىزمەتمۇ تىخى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ھەممەيلەنگە يوق،( مۇشۇلارغا ئوخشاش چەت جايلارغا چىنىقىشقا بارغان بىرمۇ خەنزۇ يوق ، باردى دىگەندىمۇ يىزىلىق ھۆكۈمەتلەردە خىلى يوغان ئەمەلدار)ئۇلارنىڭ ئارزۇلاپ ئوقۇغان كەسپلىرى نەدە قالدى؟ ئارزۇ ئارمانلىرىچۇ؟؟؟ ، ئۇلار بىر خىل سىياسەتنىڭ ئىككى خىل قوللۇنىشىنى ئۆز بېشىدىن ئەمەلىي ئۆتكۈزگەنلەر ......، بۇلارمۇ قابىلىيىتىنىڭ يوقلىغىدىن ئىشسىز قالغانمىدۇ ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم ئۈگۈنىش جەھەتتە ئوخشاش مەزمۇننى ئۆزلەشتۈرۈشكە سەرپ قىلغان ۋاختى خەنزۇلاردىن تۆۋەن . بىراق ئىدارە ئورگانلاردا بولسۇن ياكى باشقا ساھەلەردە بولسۇن ئوخشاش شارائىتتا ۋە مۇھىتتا ئىشلارنى جانلىق ئىشلەپ بالدۇر نەتىجە قازىنىۋاتقانلار يەنىلا ئۇيغۇر . بىرىنچى بولۇپ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز تىرىشىپ ئۈگۈنىۋاتقان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ شۇنداق : بىزدە ئۆز ئانا تىلىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالايلى دىسەك ماتىرىياللارنىڭ كەمچىللىكىدىن ئامالسىز قالىمىز . ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسچە بولسا قانداق ياخشى بولۇپ كىتەر ئىدى ھە ... ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرگە قارىتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەركىن تاللاش ئۇسۇلى قوللۇنىۋاتقان بولسىمۇ - غەرپكە ياردەم بەرگىلى كەلگەنلەرگە تۈكۈم -تۈركۈملەپ ئىش بار ،ئەمما مۇنۇ زىمىندا ياشاپ بوينىنى قىسىپ چۆمچىيىپ قاراپ تۇرغان سىتودىنىتلىرىمىز ھەرگىزمۇ ياردەم بەرگۇچى ئاۋانگارت بولالمايدۇ ...بولاي دىسىمۇ بولالمايدۇ!
ئەگەر ئۆزىڭىز دىگەندەك بىلىملىك ئادەم بولسىڭىز ، نەشتىرىڭىزگە؛ ئاران دىگەندە بىر كۆكلەش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ تۆت كوچا دوخمۇشىدا تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالغانلارنى نىشان قىلماي ،ئەركەك بولسىڭىز جايىنى تىپىپ پوپۇزا قىلىڭ.....!!!
ﺧﻪنزﯗﻻﺭﻧﯩﯔ <ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ.>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﯧﭙﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﮬﯧﺴﺎﭘﺘﺎ ﺭﺍﺱ. دىگەندەك مۇپەسسەل مۇلاھىزىلىرىڭىز بىلەن . ،خەنزۇ سىنىپتا ئوقۇغانلىقىڭىز ئۈچۈن يۇقۇردىكى ئىللەتلەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ كەتكەندەك بىر تۇيغۇدا ، ئالى مەكتەپلەرنى باھالاشتا،تۇتقا قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە نەزەرىڭىزنى ئاغدۇرۇپسىز.
بۇ دۆلىتىمىزنىڭ مىللى سىياسىتىگە،مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەردىن كىلىپ چىقىدىغان نورمال ئىگىز-پەسلىكلەرگە كۆز يۇمغىنىڭىزمۇ قانداق....
ئەپسۇس سىز ئويلاپ باقماپسىزكى: ئالىي مەكتەپ باھالاش، ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىغىنى......
ئەقەللى بىر مىسال : ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ، ئادەتتە 7 يىل ئوقۇيدۇ، خەنزۇلارنىڭ ئۆزىمۇ تولۇق بىلمەيدىغان چاسا خەتلەرنى تولۇق ئىككى يىل ئۈگەنگەندىن كىيىن كەسپتە 5 يىل ئوقۇيدۇ، جەمىي 7 يىلدا مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ،ئۇلاردىكى روھى بىسىمنى سىز مەڭگۈ ھىس قىلالمايسىز ھەم چۈشۈنۈشكىمۇ قادىر بولالمايسىز! خەنزۇلار بولسا 5 يىل ئوقۇپ بولسىلا خىزمەت تاييار، (مۇشۇ ھىساپ بويىچە ھىساپلىغاندا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 5 قارار ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقىت ئىچىدە ، خەنزۇلاردىن 7 قارار ئوقۇغۇچى خىزمەتكە چىقتى دىگەن گەپ.... )
سىلىشتۇرمىلىرىڭىزنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە، كۆلتىگىننى ھەم بىزلەرنى ئۆزگىرىشكە دەۋەت قىلىپسىز،بۇ گىپىڭىز توغرا. ئۆزگىرىش بىزدەكلەرنىڭ ئورتاق نىشانىمىز . بىزنىڭ ئۆزگىرىشىمىز مىللى خاسلىقىمىزنى ساقلاپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرغان ئاساستا بولىدۇ!
ئەگەر سىزدەك ئۆزگەرسەك، ۋەياكى سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز ئۇ ھالدا ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۆرىدىغىنىمىز قانداق مەنزىرە بولار......................
«ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق بەكمۇ قىيىن» مەدەنىيەتتە يۈكسەك تەرەققىي قىلغانلار ئىنسانپەرۋەرلىكنى، ئەدناسى ئەدەمگەرچىلىكنى ياشاش مىزانى قىلىدىغان بولسا:سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بىلىملىك مۆتىۋەرلەرنىڭ ماكانى بولغان ئامرىكا باشچىلىغىدىكى غەرپ دۆلەتلىرى ئىراقتەك ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دولەتنى خامتالاش قىلىپ بىسىۋىلىپ بىگۇنا ئاھالە ھەم نارەسىدىلەرنىڭ قىنى بىلەن كەلگۈسىگە بوياق بەرمىگەن بولاتتى....
بىر غەرپلىك كاتتىۋاشنىڭ «بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز، ئىناق خوشنىدارچىلىق ئاساسىغا ئەمەس. دوستانە مەنپەئەتلىرىمىز ئۈستىگە قۇرۇلغان .»دىگەن مەشھۇر سۆزىنى بىلمەيدىغانلار يوقتۇر بەلكىم......
سىز ئىككىنچى قىتىم يەنە مۇشۇنداق« بايانات» يىزىشتىن ئاۋۋال .(ئەسلى سىزنىڭ مۇتلەق يەكۈنلىرىڭىز بويىچە بولغاندا
بىراۋ ئۆز ھالىغا چۇشلۇق بىرەر سەمىمىي ئۆتۈنۈش ، رىغبەتنامەلەرنى يىزىش ئۈچۈن: چوقۇم كاتتا نەتىجە قازانغان، ئۇنۋاندىن ئىبارەت يوغان قالپاققا، يەنە كىلىپ چەتئەللەرنىڭ تامغىسى بىسىلغىنىغا ئىرىشىشى كىرەك. )ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ-باشلانغۇچتىن تارتىپ داڭلىق ئالى مەكتەپلەرگىچە ئوقۇۋاتقانلىرى بولسۇن، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلىرى بولسۇن،ۋە ياكى جەمىيەتتە خىزمەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىرى بولسۇن ،ھەممەيلەننىڭ رىئال ھىسسىياتى، ياشاش ئۈچۈن تۆلەۋاتقان بەدەللىرى، ھەممە-ھەممە نەرسىسى بىلەن بىر قۇر تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىڭ!!!
موڭغۇل يازغۇچىلىرىدىن مىڭچىبى، لولۇلۇنىڭ ،مەرھۇم ئۇيغۇرىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى زىيارەت قىلىپ يازغان «ئويلۇنۇش ئىچىدە ئىلگىرلەش» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى، «تارىم» ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان...
خەلق يازغۇچىسى ئەختەم ئۆمەر يازغان، ھازىر دولەتلىك ۋاسكېتبۇل كوماندىسىدا تېرىنىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئادىلجاننىڭ تەرجىمىھالىي خاراكتىرلىك ئەدەبىي ئاخباراتىنى، «تەڭرىتاغ» ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان. تەپسىلىي بىر ئوقۇپ چىقىڭ.
سىزدە مۇشۇنداقراق نىيەت بولسا ،يۈگەنسىز تايدەك ئىدىيىۋى ھالىتىڭىزنى رۇسلىۋىلىشىڭىزغا بۇ ئىككى پارچە ئەسەرنىڭ جەزمەن پايدىسى تىگىدۇ........
تەكلىماكان بلوگقا
Post Commentsئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
زىيارەت كۆرسەتكۈچى
كىرگەنلەر سانى
كىرگەنلەر سانى
0 ئىنكاس:
ئىنكاس