شېكەر قوشماي قېنىق دەملەنگەن تاڭسۇق ئەرەبچە قەھۋە ئىچكەچ مېھمانخانا دېرىزىسىدىن دۇبەي كوچىلىرىغا نەزەر تاشلىغان ئادەم مىغىلداپ ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىراي- تۇرقىغا قاراپ ھەرگىزمۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ئەڭ كۆپى جۇڭگولۇقلار دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى ، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە خەنزۇلار ئاچە كۆپ ئەمەس ، گەرچە جەنۇبىي جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم لىق ئادەم بىلەن شارجا ئايرۇدۇرۇمىغا قونسىمۇ بۇ يەردە جۇڭگولۇقلار كۆزگە ئانچە چېلىقمايدۇ. ئەبۇزەبىدىكى سىتى پىلازا ياكى ئەلئەيىندىكى ئەلمۇل دەرىجىدىن تاشقىرى بازىرىنى ئايلانغان ئادەم رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدا كۆز چاقنىتىپ تۇرغان قىممەت باھالىق چەت ئەل ماللىرى ئىچىدىن جۇڭگونىڭ بىرەرمۇ مېلىنى بايقىيالمايدۇ. بىراق ، توپ تارقىتىش دۇكانلىرىدا ياكى ئادەتتىكى بازارلاردا سېتىۋاتقان ئەرزان ماللارنىڭ مۇتلەق كۆپى جۇڭگونىڭ، ئۇنىڭغا قاراپلا جۇڭگونىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بىر سانائەت دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. گەرچە يەرلىك ئەرەبلەر ئاقسۆڭەكلىك سالاپىتى بىلەن ئامېرىكا، ياپون، شۋېتسىيە، ئاتالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زەھەردەك قىممەت ماللىرىنى تاللاپ سېتىۋالسىمۇ بۇ دۆلەتتە كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ، ئىشلەمچى ھىندىلار، پاكىستانلىقلار، پارىسلار ۋە باشقا نامرات ئەرەب دۆلىتىدىن كەلگەنلەر دەماللىققا جانغا ئەسقاتىدىغان ، جۇڭگونىڭ ئەرزان ماللىرىغا يۈگۈرىدۇ، جۇڭگولۇقلار بىلەن ھەرھالدا يامان ئەمەس مۇئامىلە قىلىشىدۇ.
بىر كۈنى ئەلئەيىن شەھرىدە يۇرتىغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان مىسىرلىق دوستۇم ئەرزان سائەت ئېلىش ئۈچۈن مېنى ئالايىتەن بىر خەنزۇنىڭ دۇكىنىغا باشلاپ باردى ، ۋە "سەن جۇڭگولۇق بولغاندىكىن ، ھە-ھۇ دېيىشىپ بەرسەڭ ، ئازراق بولسىمۇ ئېتىبار قىلىپ قالار" دىدى. بىز كىرگەندە 39-40 ياشلاردىكى بىر خەنزۇ يىگىت قول سائەتلىرىنى تەكچىگە تىزىۋاتقانىكەن.
- سىز قايسى دۆلەتتىن ؟-دەپ سورىدى.
-مەن جۇڭگودىن كېلىشىم، - دېدىم مەنمۇ ئېنگىلىزچە جاۋاپ قايتۇرۇپ.ئۇ چىراي – تۇرقۇمدىن ، بۇرۇتلىرىمدىن ۋە خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ، تەلەپپۇزۇمدىن مېنى ئاللىقاچان باشقا دۆلەتكە تەۋە قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئىشەنمىگەندەك قاراپ قويدى- دە ، گېپىمنى تەكرارلىدى.
- مەن جۇڭگولۇق دېدىڭىزما ؟ چاقچاققا ئۇستىكەنسىز.
- ئۇنداقتا مەيلى، سىزچە مەن قايسى دۆلەتتىن ؟
- ئۆزبىكىستاندىن ياكى ئىراندىن.
قايتا چۈشەندۇرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتەك ھېس قىلدىم ، بىز ئارىلاپ ئىنگىلىز ياكى ئەرەب تىلىدا باھاسىنى سورىغاچ سائەتلەرنى تاللاشقا كىرىشىپ كەتتۇق ، ھەيران قالغىنىم باشقا خەنزۇ سودىگەرلەرنىڭ ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىنگىلىزچىسىمۇ ، ئەرەبچىسىمۇ خىلىلا ياخشى ئىدى، دەل شۇ چاغدا ناماز شامغا مەسچىد-مەسچىدلەردىن ئەزان ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى،
-كەچۈرۈڭ ، ناماز شامنى ئوقۇۋىلىپ كىلەي .
مەن تىخىمۇ ھەيران قالدىم ، ئۇ دۇكاننى تاقاۋاتقان چاغدا كوچا چىراغلىرىنىڭ شولىسى بىلەن گۇگۇم قاراڭغۇلۇقى ئارىسىدا گويا زۇلمەتكە ئىشىك يېپىۋاتقان بىر نۇرلۇق سېمانى كۆرگەندەك باشقىچە بىر يىقىنلىقنى سەزدىم .
ئەنە شۇ يىقىنلىق مىنى بىر نەچچە قىتىم ئۇنىڭ دۇكىنىغا سۆرەپ باردى ، ھەر قىتىم ئۇ شۇنداق قىزغىن ،سەمىمىي ۋە مۇسۇلمانلارغا خاس تەۋازۇ بىلەن كۈتۈۋالاتتى ، بىز تىلنىڭ سىرتىدىكى نامەلۇم سېىھىر بىلەن خىلى ئۈلپەتلەردىن بولۇپ قالغان بولساقمۇ ئۆزۈمنى قايتا ئىزاھلاپ يۈرمىگەن ئىدىم .
بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام ئۇنىڭ يانفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى، تېلېفۇننى ئېلىپلا خەنزۇچە سۆزلىدى، قارشى تەرەپ جۇڭگولۇق ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئېيتىشقا بولمايدىغان بىر قىسىم مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم – دە، كۈلۈپ كەتتىم . ئۇ تېلېفۇننى قويۇپ ، بىر ئاز تۇيۇپ قالغاندەك نىمىشقا كۈلۈپ كەتكىنىمنى سورىدى.
مەن خەنزۇ تىلىدا :
- سىنىڭ مەخپىيەتلىرىڭنى ئۇقۇپ قالدىم- دەپ كۈلدۈم.
- سەن راستىنلا جۇڭگولۇقمۇ؟
- مەن باشتا دىگەنغۇ.
- جۇڭگونىڭ قەيىرىدىن ؟
- شىنجاڭدىن.
- ھەي، بالدۇرراق شىنجاڭدىن دېسەڭچۇ!
ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ زۇۋانىنى ئۇقالايدىغان بىر مۇسۇلمان ئېكەنلىكىمدىن خوش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇياتلىق مەخپىيىتىنى ئۇقۇپ قالغىنىمدىن بىر ئاز ئوڭايسىزلاندى. ئارقىدىن بىز قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئۇ ماڭا قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇرماي باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى .
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ خېنەندە تۇغۇلۇپ شاڭخەيدە چوڭ بولغانىكەن . ئەگەر تەقدىر ئۇنى نەۋرە ئاكىسىنىڭ كەينىدىن ئىماراتقا ئېلىپ كەلمىگەن ، نەۋرە ئاكىسى ئۇنى ئالداپ بار –يوق بىساتىدىن ئايرىپ كۆك تۆشكە ئايلاندۇرۇپ قويمىغان بولسا ، ئۇ مەڭگۈ ئىسلام نۇرىدىن ھىدايەت تاپالماي ئۆتۈپ كېتەر ئىكەن .
-ياقا يۇرتتا نە بېشىمنى سىلايدىغان ئۇرۇق-تۇققۇنۇم، نە ۋەتەنگە قايتقۇدەك پۇلۇم، ياتقۇدەك يەر، يېگۈدەك نېنىم يوق باشپاناھسىز قالدىم. تالا ئوتتەك ئىسسىق ، تۇنجى قېتىم ئىنساننىڭ تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى، دۇنياغا قۇرۇق قول كېلىپ قۇرۇق ققول كېتىدىغىنىنى ھېس قىلدىم. كىشىلەر مەسجىتكە كىتىۋاتاتتى . بۇنىڭ ئىچىدە بايلارمۇ ، مەندەك پېقىر – مىسكىنلەرمۇ بار ئىدى . ئەرەپلەرمۇ ، مۇساپىرلارمۇ بار ئىدى . ئويلىسام ئۇلارمۇ باشپاناھسىز ئىكەن . ئۇلارغا ئەگىشىپ مەسچىتكە – پاناھ جايغا كىردىم . ئۇلار قىلغاننى قىلدىم ، كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم . جامائەت بېشىمنى سىيلىدى . مىسكىن مۇسۇلمان ئىكەن ، دەپ ئاش تاماق بەردى، خەيرىخاھلىق قىلدى . بولۇپمۇ بىر تەقۋادار سۇدانلىق خالىس نىيەتتە ياردەم قىلدى ۋە ئايەت ئىسلام ئۈگەتتى، ئەرەبچە ئۈگەتتى، نامازنىڭ، ئىماننىڭ نېمىلىكىنى بىلدىم. بارلىق ئىنسانلارنىڭ باشپاناھىنى تونۇدۇم. ئۇلار مېنى يېڭى مۇسۇلمان دەپ ئىقامەت بەردى، ساخاۋەت قوللىرىنى سۇندى . دۇكان ئاچتىم، پۇللۇق بولدۇم، بىر مەزگىل خوتۇنۇم بىلەن قىزىمنى ۋە سىڭلىمنى ئەكېلىپ تۇرغۇزدۇم، ئۇلارمۇ مۇسۇلمان بولدى. ھازىر شاڭخەيدە.
- مۇسۇلمان بولغىنىڭىزنى باشقا جۇڭگولۇقلار ئۇقامدۇ؟ ئۇلار سىزنى يەكلەمدۇ؟
-مەن ھەمىسىگە ئېيتتىم ، ھەقنى تونۇش نوموس قىلىدىغان ئىش ئەمەس،بەلكى ئىككى دۇنيا خوش بولىدىغان ئىش . شاڭخەيگە بارغاندا مەسچىتنىڭ ئاخۇنىنى چاقىرىپ،ئەل –جامائەت ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىمنى جاكارلىدىم. باشتا ئۇرۇق – تۇغقان ، دوست- بۇرادەرلەر بۇنى قوبۇل قىلالمىدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ دىنسىزلىقىنى ھۆرمەت قىلغان يەردە ئۇلارمۇ ئاخىر مېنىڭ تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلدى . ھازىرمۇ بۇ يەردە جۇڭگولۇقلار بىلەن ئارىلىشىمەن ، بەزمە- باراۋەتلىرىگە بارىمەنيۇ، مۇسۇلمانچە بولمىغان تامىقىنى يېمەيمەن ، ھاراق ئىچمەيمەن .
-سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىن باشقا بۇ يەردە يەنە مۇسۇلمان بولغان خەنزۇلار بارمۇ ؟
- خەۋىرىڭىز يوقكەن- دە ، 40-نەچچىنچى يىللىرى مابۇفاڭنىڭ بىر قىسىم تۇڭگان ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەنزۇ ئەسكەرلەردىن بولۇپ 100 نەچچە جۇڭگولۇق ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىغىدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كېلىپ شارىقە شەھرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانىكەن . ئىمارات مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئىماراتنىڭ پۇقرالىرىغا ئايلىنىپتۇ، شۇڭا شارجا ياكى دۇبەيدە كېتىۋىتىپ مۇۋاتىنلارنىڭ ئاق كاندورا، قارا چەمىرىكىنى كىيىپ كېتىۋاتقان جۇڭگو چىراي كىشىلەرنى ئاندا- ساندا ئۇچرىتىپ قالىسىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باي. بىراق، ھازىرقى ياشلىرى پۈتۈنلەي ئەرەبلىشىپ كەتكەن ، جۇڭگو تىلىنى ئاساسەن ئۇقمايدۇ.
-ئەرەبلەر ئابدۇللا دەپ ئات قويۇۋالغان ، ماڭا ئۆزىنى شياۋتيەن دەپ تونۇشتۇرغان بۇ شاڭخەيلىك يىگىت تولىمۇ قىزغىن، سەمىمىي ۋە تەقۋادار ئىدى. كىرگەنلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالاتتى.سىلىق – سىپايە،مەرى ئىسسىق، راست سۆز ئىدى . ئېھتىمال ئەرەبلەر ئارىسىدا ئۆتكەن ئون يىللىق ھايات، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە گۈزەل ئىسلام ئەخلاقى ئۇنىڭ خاراكتىرىدە مۇشۇنداق زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان بولساكېرەك. مەن كېيىنچە ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇنداق بىر شېئىر يازدىم:
جۇڭگولۇق ئابدۇللا
ئەرەبلەرئۇنى شۇنداق ئاتايدۇ،
ھاجىتى چۈشكەندە ئەرزان سائەتكە،
ياكى شىياۋ تيەن
ماڭغاندا تاراھەتكە
ئەرزان ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن
ئەگىشىپ جامائەتكە.
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم،
ئەخلەت ساندۇقى يىنىدا.
يالتىراق ئۇچماقتا قاناتسىز،
كوچىلار بويالغانىدى
قۇياشنىڭ ئىسسىق قىنىدا.
جىن شاپتۇل غاجىغاندەك
چىققاندەك سۇنىڭ جىنى .
ئۇنىڭ دىنى
-ئىسلام،
ئايرىلىش ھەممە نەرسىسىدىن ،
شاپائەتكە ئىرىشكەن كۈندىن باشلاپ.
ئۇنىڭ ئىسمى ئىككى بولدى ،
ئىككى رەت ئۆتكەندەك ئەينەك ئالدىدىن ،
كىيىنكى ئىسمى شەپەققە تولدى،
تىك تاغ بىلەن ھۆل ئىدىيە كېسىشكەن ،
سەددىچىن سىپىلىنىڭ گۇگۇم پەيتىدە،
ئۆسكەن موگۇلاردەك يامغۇردىن كىيىن .
مەن ھاۋاداياشايمەن ، يىلتىزسىز ،
ئۇ سۇدا ياشايدۇ يالقۇنسىز.
ئادىل تۇنىيازنىڭ:"پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر" ناملىق ماقالىلار توپلىمىدىن...
تەكلىماكان بلوگقا
Post Commentsئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
زىيارەت كۆرسەتكۈچى
كىرگەنلەر سانى
كىرگەنلەر سانى
0 ئىنكاس:
ئىنكاس