داموللا ئابدۇلقادىر ئىبنى ئابدۇل ۋارىس Qeshqeri

بىز مۇسۇلمانلار ھەر ھالدا پاكلىق بىلەن ياشاپ، ئىجتىھات بىلەن بىلىم ئېلىپ، قەلبىمىزنى ئىلىم نۇرى بىلەن يورۇتۇپ، نەپسىمىزنى ھارامدىن يىغىپ كەلگەنىدۇق. لېكىن يېقىنىقى يىللاردىن بېرى غەرب مەدە-نىيىتىنىڭ مىللىي ئېڭىمىزغا شىددەتلىك سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە بەزى ئەر-ئايال، قىز- ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئەخلاقى چېكىنىپ، ھايانىڭ ئورنىنى بىھايالىق، پاكلىقنىڭ ئورنىنى پاسىقلىق ئىگەللەپ، ھالاللىق بىلەن ھاراملىق ئارىلىشىپ، ئىسلام شەرىئىتىمىزگە ھەم ئەدەب- ئەخلاقىمىزغا يات ئىللەتلەر كۆپىيىۋاتىدۇ.رەھمان ۋە رەھىم سإۈپەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئاقائىدە زۆرإرىيە
داموللا ئابدۇلقادىر ئىبنى ئابدۇل ۋارىس قەشقەرى
ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ھەممە سۆزدىن ئۇلۇغ ۋە يإۈكسەكتۇر"
س: ئىنساننىڭ بەخت- سائادىتى ۋە ئۇلۇغلۇقى نېمە بىلەن بولىدۇ؟
ج: ھەق ۋە راستچىل دىنغا ئەگىشىپ ئەمەل قىلماق بىلەن بولىدۇ.
س: ھەق ۋە راستچىل دىن قايسىدۇر؟
ج: ھەق ۋە راستچىل دىن - ئاللاھ ھوزۇرىدا قوبۇل بولغان ئىسلام دىنىدۇر.
س: ئىنسان قايسى سۆز بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۆئمىن - مۇسۇلمان بولىدۇ؟
ج: كەلىمە تەيىبە(پاك سۆز) نى تىلى بىلەن سۆزلەپ، مەنىسىنى چإۈشىنىپ،دىلى بىلەن تەستىق قىلماقــلىق بىلەن بولىدۇ.
س: كەلىمە تەييىبە قايسىدۇر؟
ج: "لائىلاھە ئىللەللا مۇھەممەدەن رەسۇلىللا" دۇر.
س: كەلىمە تەييىبەنىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: بىر ئاللاھتىن باشقا (ھېچ) ئىبادەت قىلىنغۇچى ۋە ياراتقۇچى يوقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
ئاللاھ تائالانىڭ بىز ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىدۇر.
س: قانداق كىشى كامىل مۆئمىن ۋە مۇسۇلمان بولىدۇر؟
ج: ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، شەرىئەتتە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆكإۈملەرگە ئىمان كەلتۈإرإۈپ،ئىتائەت قىلغان كىشى كامىل مۆئمىن- مۇسۇلمان بولىدۇر.
س: ئىمان دېگەن نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالاغا ۋە پەرىشتىلەرگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈإنىگە،ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولۇشىغا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ ھەق – راستلىقىغا ئىشىنىپ قوبۇل قىلىشتۇر.
س: ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتإۈرإۈش قايسى يوسۇندا بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالا باردۇر، بىردۇر، قەدىمىيدۇر، ھېچ شېرىكى يوقتۇر. ئاللاھ تائالا بإۈيۈإك سۈإپەتلىرى بىلەن دائىم سإۈپەتلەنگإچىدۇر. بارچە ئەيىب- نوقسانلاردىن پاك ۋە خالىيدۇر.
س: ئاللاھ تائالانىڭ بإۈيۈإك سإۈپەتلىرى قايسى سإۈپەتلەردۇر؟
ج: ئاللاھ تائالا "ھەييۇن"، "ئالىمۇن"، "مۇرىدۇن"، "قادىرۇن"، "مۇتەكەللىمۇن"، "مۇكەۋۋىنۇن"، "سەمىئۇن"، "بەسىرۇن"... دۇر.
س: "ھەييۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا تىرىكتۇر. ھەرگىز ئۆلمەيدۇ. تىرىكلىكى جىسىم ۋە جان بىلەن ئەمەستۇر،بەلكى ئۆزىگە لايىق سإۈپىتى بىلەن تىرىكتۇر.
س: "ئالىمۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەرنى (مەيلى ئۇ) ئاشكارا بولسۇن ياكى يوشۇرۇن بولسۇن تامامەن بىلــگإچىدۇر. ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدىن تاشقىرى ئەمەستۇر. (ئاللاھ تائالانىڭ) بىلمىكى ئاقىل
ۋە زېھىن بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىگە لايىق سإۈپىتى بىلەن بىلگإۈچىدۇر.
س: "مۇرىدۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر. ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى بىلەن بولىدۇ.
س: "قادىرۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر كۈإچى يەتكۈإچىدۇر. ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەستۇر.
س: "مۇتەكەللىمۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا سۆزلىگإۈچىدۇر. قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىشى تىل- ئېغىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە لايىق سإ پىتى بىلەن سۆزلىگإچىدۇر.
س: "مۇكەۋۋىنۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە پەيدا قىلغۇچىدۇر. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ يارىـتىشى بىلەن ئاپىرىدە بولغاندۇر.
س: "سەمىئۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر.ئاللاھ تائالانىڭ ئاڭلىشى قۇلاق بىلەن ئەمەستۇر.بەلكى ئۆزىگە لايىق سۈإپىتى بىلەن ئاڭلىغۇچىدۇر.
س: "بەسىرۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى كۆرگإچىدۇر. ھەتتا قاراڭغۇ كېچىدە قارا تاش ئإستىدىكى قارا چإۈمۈإلىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىمۇ كۆرۈإپ تۇرىدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ كۆرمىكى كۆز بىلەن ئەمەس،بەلكى ئۆزىگە خاس سإۈپەت بىلەن كۆرگإۈچىدۇر.
س: پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈإرإۈش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرى باردۇر.ئۇلارنى نۇردىن ياراتقاندۇر. ئۇلار ئەركەك-چىشى دېيىلمەيدۇ. ئۇلاردا يىيىش- ئىچىش يوقتۇر. ئۇلار دائىم ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىدە بولغۇچى ئەزىز ۋە ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا يېقىن چوڭراقلىرى جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسراپىل ۋە ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامدۇر.
س: (ئاللاھ تائالانىڭ) كىتابلىرىغا ئىمان كەلتإۈرۈش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئىسلاھ قىلىش، كىشىلىك ھاياتتا ئادالەتنى بەرپا قىلىش ئإۈچۈإن،پەيغەمبەرلەرگە كىتاب ئىبەرتكەندۇر.ئۇ كىتابلاردا بۇيرۇش، چەكلەش، ۋەدە (يەنى مۆئمىن- مۇسۇلمانلارغا جەنــنەت ئاتا قىلىشقا) ئازاب (يەنى كاپىرلارغا ئازاب بېرىش) لىرىنى ۋە بەندىلەرنىڭ دىنى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەنپەئەت ۋە زەرەرلىرىنى بايان قىلغاندۇر.
ئۇ كىتابلار: تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر، قۇرئان ۋە باشقا سەھىيپىلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىدىن ئەۋزىلى ۋە ئاخىرقىسى قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكإۈملىرى قىيامەتكىچە كۈإچكەئىگىدۇر.
س: پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈإرۈإش قايسى يوسۇندا بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالا ئۆز پەزىلىتى بىلەن بەندىلىرىنى توغرا يولغا كىرگإۈزمەك ئإۈچإۈن پەيغەمبەرلەنى ئىبەرتــكەندۇر. ئۇلار ئىنسانلارنى تەۋھىدكە، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، ئەخلاقلىق بولۇش...قاتارلىق ئىشــلارغا دەۋەت قىلىپ، شېرىك ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يامان ئىشلاردىن خالىي،راستچىل كىشىلەردۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋۋىلى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممىدىن ئەۋزىلى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.
س: قىيامەت كإۈنىگە ئىمان كەلتۈإرۈإش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: قىيامەت كۈإنىدە بەندىلەرنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىگە قارىتا مۇكاپات،جازا بېرىلىدىغانلىقى ھەق ۋە راستتۇر. قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە ئاشۇ كۈإن توغرىسىدا دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پۈإتۈإنلەي توغرىلىقى شەكسىزدۇر.
س: تەقدىرگە ئىمان كەلتإۈرإۈش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: بەندىلەرنىڭ مەيلى ياخشى ياكى يامان ئەمەللىرى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. لېكىن، ئاللاھ تائالا ياخشى ئەمەللەرگە رازى، يامان ئەمەللەردىن رازى ئەمەستۇر.
س: ئىسلام دېگەن نېمە؟
ج: ئاللاھنى بىر دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج تاۋاپ قىلىشتۇر.
س: شاھادەت (گۇۋاھلىق بېرىش) دېگەن نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە ئىبەرتكەن ئەلچىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى، دەپ گۇۋاھلىق بەرمەكتۇر.
س: ناماز دېگەن نېمە؟
ج: بەش ۋاق نامازنى شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق تەئدىل- ئەركانلىرى بىلەن رۇسلاپ ئوقۇماقتۇر.
س: زاكات دېگەن نېمە؟
ج: مال- مإۈلكى ئۆز ھاجىتىدىن ئېشىپ ھېسابىغا يەتكەندە پېقىر مىسكىنلەرگە مەلۇم مىقداردا ئايرىپ
بېرىش، زاكات دىيىلىدۇ. زاكاتنىڭ مەنىسى مال- مإلإكنى پاكلاش دېمەكتۇر. زاكات بەرمىگەن مالـ ـمإۈلإۈك نىجىستۇر. تېرىش- سۇغىرىش بىلەن ئۆستۈإرىلىدىغان زىرائەتلەرنىڭ زاكىتى ئۆشرە دىيىلىدۇ. ئۆشرە بەرمىگەن زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى ناپاك (ھارام) دۇر.
س: روزا تۇتۇش دېگەن نېمە؟
ج: رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش نىيىتى بىلەن سۈإبھى يورىغان ۋاقىتتىن باشلاپ كإۈن كىرىپ كەتكەنگىچە قەدەر يىمەك- ئىچمەك ۋە جىنسى ئالاقىنى تەرك ئەتمەكتۇر.
س: ھەج تاۋاپ قىلىش دېگەن نېمە؟
ج: بەيتۇللاغا بېرىپ كەلگىچە (ئىقتىسادىي جەھەتتىن) يولدىكى خىراجەت- چىقىملىرىغا ۋە ئائىلىسىدىــكىلەرنىڭ نەپىقە ۋە ھاجەتلىرىگە يەتكإدەك نەرسىگە قادىر بولغان كىشىنىڭ مۇمكىن بولسا ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج تاۋاپ قىلىشى پەرزدۇر.
س: ئىماننىڭ خۇلاسىسى نېمە؟
ج: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ نامىدىن بىرەر ئەمرىگە بۇيرىغان ياكى توسقان بولسا ئەشۇ ئەمرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن دېيىلگەنلىكى قۇرئان كەرىم ياكى سەھىھ ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغانلىقى بىلىنسە، ئاڭا تىل بىلەن ئىقرار ۋە دىل بىلەن تەستىق قىلىپ شۇ بويىچە قىلماقلىقتۇر
س: ئىلىم ئۈإگىنىش دېگەن نېمە؟
ج: ئىلىم ئإۈگىنىش ئەر- ئاياللارغا ئوخشاشلا پەرھىزدۇر. ئىلىم ئإۈگىنىش بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخىت- سائادەتنى قولغا كەلتۈإرإشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.
س: مىللەتنىڭ خارلىق ۋە قۇللۇققا چۈإشإۈپ قېلىشىغا سەۋەب نېمە؟
ج: سەۋەب ئىككىدۇر. بىرىنچى، بىلىمسىزلىك ۋە مۇتەئەسسىپلىكتۇر. ئىككىنچى، ئىتتىپاقسىزلىق ۋەئىختىلاپتۇر. ھەر قانداق قەۋم ۋە مىللەتنىڭ خارلىق ۋە قۇللۇققا چۈإشإۈپ قېلىشىدىكى (ئاساسلىق) سەۋەب نادانلىق ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقسىزلىقتۇر.
س: ئىززەت- ئابروي ۋە زور كإچ قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟
ج: ئىلىم مەرىپەت ئۈإگىنىش ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ.شۇنىڭ ئإۈچۈإن ئاللاھ تائالا بىزلەرنى ئۆز ئارا ۋە كەڭ مۇسۇلمانلار ئارا ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. "ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھ يولىغا (قۇرئان كەرىم ئەتراپىغا) زىچ ئۇيۇشۇڭلار ئۆز ئارا بۆلۈإنمەڭلار".ھىدايەتكە ئەگەشكإۈچىلەرگە سالام!
ئوچۇق پىكىرلىك دىنداش مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن ئإۈمىدىم شۇكى، بۇ كىتابنى ئائىلە ئەۋلادلىرىغا بىلـدإۈرإۈش ۋە ئوقۇتۇپ، يادا ئالدۇرۇشنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويمىغاي "چوقۇم ئاللاھ تائالا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ".
________________________________________
ھايا توغرىسىدا
تاھىرجان ھاجى ياقۇپ
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
بىز مۇسۇلمانلار ھەر ھالدا پاكلىق بىلەن ياشاپ، ئىجتىھات بىلەن بىلىم ئېلىپ، قەلبىمىزنى ئىلىم نۇرى بىلەن يورۇتۇپ، نەپسىمىزنى ھارامدىن يىغىپ كەلگەنىدۇق. لېكىن يېقىنىقى يىللاردىن بېرى غەرب مەدە-نىيىتىنىڭ مىللىي ئېڭىمىزغا شىددەتلىك سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە بەزى ئەر-ئايال، قىز- ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئەخلاقى چېكىنىپ، ھايانىڭ ئورنىنى بىھايالىق، پاكلىقنىڭ ئورنىنى پاسىقلىق ئىگەللەپ، ھالاللىق بىلەن ھاراملىق ئارىلىشىپ، ئىسلام شەرىئىتىمىزگە ھەم ئەدەب- ئەخلاقىمىزغا يات ئىللەتلەر كۆپىيىۋاتىدۇ.
مەن بۇ ماقالىنى قەلبى شەيتانلارچە كېبىر، تەمەننا بىلەن تولۇپ كەتكەن ئاشۇنداق ئازغۇنلارنىڭ قاراڭــغۇ دىلىغا ياراتقۇچى ئىگىمىزدىن يورۇقلۇق تىلەپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىمان- ۋىجدانىغا مەدەت تىلەپ يازدىم. ئاللاھ ھەممىمىزگە ئاسانلىق بەرگەي!
ئى مۇسۇلمانلار! شەكسىزكى، ھايا ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ ئېسىلىدۇر ۋە ئىنسانىيەت سإپىتىنىڭ ئەڭ شەرەپلىكىدۇر. ھەر قانداق بىر كىشىدە ئەخلاق بولىدىكەن ئۇنىڭ ئاساسى ھايادۇر. ئىنسان ھايا ئارقىلىق ئىنسانلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ، ھاياسىىزلىق ئىنساننى ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چۈإشإۈرإپ قويىدۇ. خۇددى قۇرئاندا دېيىلگەندەك: " ئۇلار ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر"("ئەئراف" سإرىسى 179 - ئايەت). پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:" ئەلۋەتتە ئىنساننىڭ بىـرىنچى پەيغەمبەرنىڭ سۆزىدىن تاپقىنى ' ئەگەر ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل' دېگەن كەلىمىدۇر".
ھاياسىزلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يإزىدىن ھايانىڭ جىلۋىسى يوقالغان، ئۇلار دىن ۋە ئادىمىيلىكـنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارى يوق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان ئەخــلاق پەزىلەتنى دەپسەندە قىلىدۇ، شۇ تۇرقىدا ئۇلار ھايۋاندىن ئۆزىنى پەرقلەندإرمەيدىغان ئادىمىي ھايـۋانغىلا ئوخشايدۇ.
دانىشمەن ھەكىملەردىن قالغان بىر گەپتە مۇنداق دېيىلىدۇ: " ئىنسان خىجىل بولغاندا يۈإزى قىزىرىدىغان بىردىنبىر ھايۋان". ئىنسان ھەقىقەتەن خىجىل بولۇشنى بىلىدىغان بىردىنبىر ئالىي مەخلۇق. خىجىللىق،ھايانى بىلمەيدىغان ئىنسان بەئەينى ھايۋان، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەردۇر. چإنكى ئاللاھ تائالا ھايــۋانلارنى ئاشۇنداق ھاياسىزلىق تەبىئىتى بىلەن ياراتقان، ئىنسانغا بولسا ئەقىل، ھايا ئاتا قىلغان.
ئاللاھ تائالا ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى خەلىپىسى بولۇشتىن ئىبارەت بىر بإۈيإۈك غايە ئإۈچۈإن ياراتقان. قۇرئاندا مۇنداق دېيىلگەن:" ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە:' مەن يەر يإۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن' دېدى" ("بەقەرە" سإرىسى، 30- ئايەت).
ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى تإپەيلىدىن زېمىننىڭ خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى يالغۇز ئادا قىلىپ كېتەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئاللا تائالادىن يەنە ياردەم كەلدى - ئىنساننى يارىتىپ ئۇنىڭ پايدا- مەنپەئەتىنى بىلگەچكە،ئىنسانغا شۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئادا قىلىش يولىنى، يەنى شەرىئەتنى بەلگىلەپ بەردى. شەرىئەت -ئىلاھىي يولدۇر. ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمانلارغا ھايالىق بولۇشنى كۆپ تەكىتلەيدۇ. ئەگەر ئىنسان بۇ يولدا ماڭسا زېمىننىڭ خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلالايدۇ ۋە بەخت- سائادەتكە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ ئإۈچإۈن، شەرىئەتنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان شەرم- ھايا ئادەم ئاتىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامــغىچە ئۆتكەن جىمى پەيغەمبەر بىردەك ۋەسىيەت قىلىپ كەلگەن نېگىزلىك ئەخلاقتۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: "ئەلۋەتتە ھەر بىر دىننىڭ بىر ئەخلاقى بولىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقى بولسا ھايادۇر".
ئىسلام دىنى ھايانىڭ ئىماننىڭ بىر جإۈملىسىدىن قىلدى. ھەزرىتى قۇردەتە ئىبنى ئەيسادىن رىۋايەت قىـلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: "بىز پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرگە ئىدۇق،ئۇنىڭ ئالدىدا ھايا زىكرى قىلىنــدى. ساھابىلارنىڭ بىرسى: ' ھايا دىننىڭ جۈإملىسىدىنمۇ؟' دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبىرىمىز: ' بەلكى ئۇ دىننىڭ ھەممىسى' دەپ جاۋاب بەردى".
مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى تإزەشنى ئاۋۋال ھايادىن باشلىشى كېرەك. ھايانىڭ بىر قانچە مەرتىــبىلىرى بار، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىش. ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىش ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، توسقانلىرىدىن يىراق بولۇش، پەرز قىلغان ئەمەللىرىنى ياخشى ئورۇنداش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئإۈچ كىشى مەخپىي گەپلەشسە ئاللاھ تائالا تۆتىنچىسى بولىدۇ، تۆت كىشى مەخپىي گەپلەشسە ئاللاھ تائالا بەشىنچىسى بولىدۇ...شۇنداقلا ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۇلار نەدە بولسا ئاللاھ تائالا ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىئۇلارغا قىيامەت كۈإنى خەۋەر قىلىنىدۇ. مۆمىننىڭ ئىمانى، ئېڭى مۇشۇ باسقۇچقا يەتكەندە ئۇنىڭ ھاياسى ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن توسىدۇ، ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈإندەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ئېلىم- سېتىمدا ساختىلىق قىلىشتىن، ھارام يېيىشتىن، جازانىخورلۇقتىن، پارىخورلۇقتىن ۋە باشقا ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن توسىدۇ. ھەزرىتى ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇدتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: 'ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي ھايا قىلىڭلار' دېدى، بىز:' ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بىز ئاللاھتىن ھايا قىلىمىز' دېيىشتۇق. پەيغەمبىرىمىزمۇنداق دېدى:' ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي ھايا قىلىش-باشنى ۋە باشتا ساقلانغان نەرسىنى ساقلاش،قورسىقى ۋە قورسىقى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىنى ساقلاش، ئۆلۈإم ۋە بالا-قازانى ياد ئېتىش.كىمكى ئاخىرەتنى ئويلىسا دۇنيانىڭ زىبۇ زىننەتلىرىنى تاشلايدۇ، مۇشۇنداق قىلغان كىشى ئەلۋەتتە ئاللاھتىن ھايا قىلغان بولىدۇ' دېدى".
ئى مۇسۇلمانلار! مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مەرھەمەت قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا قايتىدىغان، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدىغان، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغان كإۈندىن قورقۇڭلار! ھايا بىلەن زىننەتلىنىڭلار! ھايا ئەخلاقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى كېلەچەكتىكى بەخت- سائادىتىڭلارنىڭ ئەڭگۈإشـتىرى قىلىڭلار! مانا بۇ سىلەرگە پايدىلىقتۇر.

("جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى" ژورنىلى 2001 - يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى)

0 ئىنكاس:

زىيارەت كۆرسەتكۈچى
free hit counter

كىرگەنلەر سانى
free hit counter