قايغۇرماڭ

ئۆتمۈشنىڭ ئارخىپلىرى ئەقىللىق كىشلەر نەزرىدە قاتلىنىدۇ ۋە رىۋايەت قىلىنمايدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن نەرسە بىلەن غەم بېسىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۆزىڭىزنى ئۆتمۈشنىڭ كۆلەڭگۈسىدىن قۇتقۇزۇڭ، ئۆتمۈشنىڭ دەپتىرىنى ئوقۇپ ھازىرنى زايا قىلماڭ، كۈچ قۇۋۋىتىڭىزنى پارچىلاپ تاشلىماڭ .
بىزدىكى مۈشكىلە ئۆتمۈش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ھازىرقى رىئاللىقىمىزدىن ئاجىز كىلىمىز. كىشلەر ئارقىسىغا قارىمايدۇ، چۈنكى شامال ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ، سۇ ئالدىغا ساقىيدۇ، كارۋان ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھايات قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلماڭ!

****

بىكار تەلەپلەر پىتنە ۋە قۇرۇق گەپنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، چۈنكى ئۇلاردىكى زىھنى قۇرغاقچىلىق شۇنىڭغا سەۋەب بولىدۇ. ھاياتىڭىزدا بىكار ۋاقىت تاپسىڭىز غەم ۋە قايغۇغا تەييارلانسىڭىز بولىدۇ!. چۈنكى بىكارچىلىق سىزگە ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ ۋاراقلىرىنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ياخشىسى بىكار تەلەپلىك قىلماي ۋاقىتىڭىزنى قەدىرلەپ ئۈنۈملۈك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىڭ…

بىكارچىلىق ئاستا قىيناپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بىر ئىش… راھەت غەپلەتتۇر، بىكارچىلىق كەسپىدار ئوغرىدۇر.

ئۇنداقتا ناماز ئوقۇ، كىتاب ئوقۇ، بىلىم ئال، تىل ئۈگەن، بىر نەرسە ياز ياكى بىر ئىش قىل…

ئەركىنلىك ھاياتىدىكى دىھقاننىڭ ياكى ناۋاينىڭ قۇچقاچلاردەك بەختلىك سايرىغىننى كۆرىسەن.

****

مەيدانىڭ ئېنىق بولسۇن، مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە بول، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىدە ئېرىپ تۈگەپ كەتمە. ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ ئىككى ئادەم بىر سۈرەتتە كەلمىگەن، ئۇنداقتا ئىككى ئادەم ئىقتىدار ۋە ئەخلاقتا قانداقمۇ بىرگە بولالىسۇن؟!

سەن تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر نەرسە، يەنە ساڭا ئوپ- ئوخشاش بىر نەرسە دۇنياغا كەلمەيدۇ. ئۆزەڭنىڭ مۇستەقىللىقىڭنى ئىسپاتلا، شەخسىيىتىىڭنى ئاشكارىلا، ئۆزۈڭنى يوقۇتۇپ قويما. سېنىڭ ئايرىم مىجەزىڭ ۋە ئايرىم رەڭگىڭ(چىرايىڭ) بار، شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار قايانغا بۇرۇلسا سەنمۇ ئويلانماستىن شۇ تەرەپكە بۇرۇلما.

****

بىر بۆلۈك كىشلەر كارۋىتىدا ئۇخلاپ تۇرۇپ خەلقئارالىق ئۇرۇشنى بېشىدا كۆتۈرۋالىدۇ، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندا ئاشقازان جاراھىتى ۋە قان بېسىمىغا دۇچار بولىدۇ.

سىزگە نەسىھىتىم يەر شارىنى بېشىڭىزدا كۆتۈرۋالماڭ، ھادىسلەرنى زېمىندا قويۇڭ، ئۈچىيىڭىزگە سېلىۋالماڭ. بەزى ئادەملەرنىڭ يۈرىكى بۇلۇتقا ئوخشاش قۇرۇق گەپنىڭ ھەممىنى سۈمۈرۋالىدۇ، يوقىلاڭ سەۋەبلەر ئۈچۈن خاپۇلايدۇ، بۇخىلدىكى يۈرەك ئادەمنى داۋاملىق بىئارام قىلىدۇ.

***

بىر ئىش قىلسىڭىز چېكىدىن ئاشۇرۋەتمەڭ ياكى كەمتۈك قىلىپ قويماڭ، بەختلىك بولاي دىسىڭىز ھېسياتىڭىزنى كونترول قىلىڭ، رازى بولۇش ياكى خاپۇلاشتا ئادىل ( نورمال) بولۇڭ، ھەر قانداق ئىشلىرىڭىزدا نورماللىق ۋە تەڭپۇڭلىقنى ئۆلچەم قىلىڭ، ھېسياتقا بېرىلمەڭ، كىچىك ئىشلارنى چوڭايتىۋەتمەڭ، خىيالى ھاياتتا ياشىماي ئەمەلى رىئاللىق ھاياتىدا ياشاڭ، ھەر بىر نەرسىگە ئۆز ھەجىمىنى (مىقدارىنى) بېرىپ مۇئامىلە قىلىڭ، كىچىك بىر ئىشنى چوڭايتىپ مۇئامىلە قىلىماڭ، ئادىل مىزاننى ئاساس قىلىڭ.

***

غەم قىلىش ئىسلامدا چەكلەنگەن، غەم - قايغۇ ئارزۇ- ئىستەك يىلتىزىنى بوشاشتۇرىدۇ، ئالى ھىممەت روھىنى ئۆلتۈرىدۇ، قەلبنى سويتىۋىتىدۇ، ئۇ ھايات جىسىمىنى پالەج قىلىپ قويىدىغان قىزىتمىدۇر.

غەم قايغۇ بىر ئىشنى ئاسانلاشتۇرماي تەسلەشتۈرۋېتىدۇ، قەلبگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. غەم- قايغۇنى يوقۇتۇش مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى. چۈنكى غەم ھاياتنى دۇغلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشنى غەشلەشتۈرىدۇ.

تەبەسسۇم قىلغىن

تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈش غەم- قايغۇلارنىڭ شىپاسى ۋە دورىىسى، نورمال كۈلۈش قەلبگە خورسەنلىك كەلتۈرىدۇ ۋە قەلبنى ياشرىتىدۇ.

تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈش راھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى، ئىسلام دىنى قاپاقنى تۈرۈپ يۈرۈشنى ياكى داۋاملىق قاقاھلاپ كۈلۈشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

تەبەسسۈم قىلماقچى بولسىڭىز ئۈمىدسىزلىك بىلەن كۆرەش قىلىڭ، ئەقلىڭىزنى ئادەتلەندۈرۈڭ، شۇنىڭدا ئارزۇ ئېچىلىدۇ ۋە ياخشىلىق يولى كۆرۈنىدۇ.

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئاجىز كۆرسىڭىز ھېچ ئىش قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى بۈيۈك ئىشلار ئۈچۈن يارتىلغان ئىنسان دەپ قارىسىڭىز ھىممىتىڭىز ئارقىلىق چىگرانى بۆسۈپ ئۆتەلەيسىز، يۇقۇرى مەقسەتلىرىڭىزگە يېتەلەيسىز.

****

نادانلىق ۋىجداننىڭ ئۆلۈمى ۋە ھاياتنىڭ ھالاكىتى، بىلىم- مەرىپەت قەلبنىڭ نۇرى، ھاياتنىڭ روھى ۋە ئىنسان تەبىئىيىتىنىڭ ئېنىرگىيىسى. خورسەنلىك بىلىم-مەرىپەت بىلەن كىلىدۇ، چۈنكى بىلىم - مەرىپەت مەجھۇل نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، يوشۇرۇن نەرسىنى كەشىپ قىلىپ بېرىدۇ. نادانلىق بولسا قايغۇ ۋە زىركىشنى پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى نادانلىق ھايات يېڭىلىق يارتالمايدۇ، ھەر كۈنى ئوخشاش ئۆتىدۇ…

بەخت ئىزدىمەكچى بولسىڭىز بىلىم- مەرىپەت ئېلىڭ، مەرىپەت ئىزدەڭ، بىلىم- مەرىپەت بولماي ھەر قانچە باي بولىسىڭزمۇ ھاياتىڭىز بەختلىك ئۆتمەيدۇ.

****

قايغۇرماڭ: ئەگەر كەمبەغەل بولسىڭىز سىزدىن باشقىلار قەرزگە بوغالغان، ئەگەر سىزنىڭ ماشىنىڭىز بولمىسا، باشقىلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتىمۇ يوق…

قايغۇرماڭ: چۈنكى سىز ئاللاھغا، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى يامىنىغا ئىشەندىڭىز…

قايغۇرماڭ: گۇناھ قىلىپ سالغان بولسىىڭىز تەۋبە قىلىڭ، يامانلىق قىلىپ سالغان بولىسىڭز ئىستىغفار ئېيتىڭ، خاتالىىشپ قالغان بولىسىڭىز تۈزتىۋىلىڭ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭرى، دەرۋازا ئوچۇق، تەۋبىڭىز مەقبۇل خۇدا خالىسا.

قايغۇرماڭ: چۈنكى قايغۇرسىڭىز نىرۋىڭىز جىددىلىشىدۇ، ۋۇجۇدىڭىز تىترەيدۇ، يۈرىكىڭىز چارچايدۇ ۋە كۈنىڭىز ئارامسىز ئۆتىدۇ.

غەلبىنى كۈتۈڭ، تاڭغا قاراڭ" ئارغامچا قاتتىق تارتىلسا ئۈزۈلىدۇ" دېگەن گەپ بار.

قايغۇرماڭ:قارا بۇلۇتمۇ يوقۇلىدۇ، زۇلمەتلىك كىچىلەرمۇ يورۇيدۇ، شىۋىرغانلىق شاماللارمۇ پەسىيىدۇ…

قايغۇرماڭ: دۈشمەنلەر مېنى نېمە قىلالايتتى، جەننىتىم قەلبىمدە، مېنى ئۆلتۈرسە مەن شېھىت، يۇرتۇمدىن قوغلاپ چىقارسا ساياھەت، تۈرمىگە سالسا ئاللاھ بىلەن يالغۇز سۆھبەت.

قايغۇرماڭ: قايغۇرۇش سىزنى ئىبادەتتە ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ، جىھادتىن توسۇپ قويىدۇ، ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىدۇ، گۇمانخورلۇققا چاقىرىدۇ ۋە شۇملۇنۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

قايغۇرماڭ: قايغۇرۇش روھى كىسەللىكنىڭ ئاساسى، نىرۋا دەرت- ئەلىمىنىڭ مەنبەسى، ۋەسۋەسە ۋە ۋەيران بولۇشنىڭ ماددىسى.



قايغۇرماڭ ۋە بۇ قائىدىلەرنى ئوقۇڭ:

1. ئەگەر سىز ئۆز دائىرىڭىزدە ياشىمىسىڭىز زىھنىڭىز چېچىلىدۇ، ئىشلىرىڭىز داۋالغۇيدۇ، غەملىرىڭىز كۆپىيىدۇ.

2. ئۆتمۈشنى ئۇنتۇڭ، ئۆتۈپ كەتكەن نەرسىگە غەم قىلىش ئەخمەقلىقتۇر.

3. تەنقىدكە ئۇچىرسىڭىز خاپۇلاپ كەتمەڭ، تەۋرەنمەي تۇرۇڭ، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى تەنقىد قىممتىڭىزگە باراۋەر بولىدۇ.

4. ئاللاھغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش گۈزەل ھاياتتۇر.

5. كىم قەلبى خاتىرجەملىكنى ئىزدىسە ئاللاھغا زىكرى ئېيتسۇن.

6. ھەر بىر نەرسىنىڭ تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىڭ.

7. بىر ئادەمدىن رەھمەت كۈتمەڭ.

8. ئەڭ ئېغىر مۇشەققەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئۆزىڭىزنى تەييارلاڭ.

9. نېئمەتتە ئويلۇنۇڭ ۋە رەھمەت ئېيتىڭ.

10. سىز ئۆزىڭىزدە بار ئىمكانىيەتلەر بىلەن باشقىلاردىن يۇقىرى.

11. قىيىنچىلىق بىلەن ئاسانچىلىق بىللە.

12. يوقىلاڭ نەرسىگە چېچىلماڭ.

13. پەرۋەردىگارىڭىزنىڭ رەھمىتى كەڭرى.

14. ئاچچىغلىماڭ، ئاچچىغلىماڭ، ئاچچىغلىماڭ.

15. مۇسىبەتكە ئۇچىرغانلاردىن ئىبرەت ئېلىڭ.

16. ئاللاھ بىر ئادەمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى سىنايدۇ.

17. قىيىنچىلىقنىڭ دۇئاسىنى تەكرار قىلىڭ.

18. بىكارچىلىقنى تاشلاڭ، جىددى قەدەم بېسىڭ.

19. قۇرۇق گەپلەرگە ئىشەنمەڭ.

20. مۆمىن قېرىنداشلىرىڭىزدىن ئىنتىقام ئېلىش تۇيغۇسىدا بولماڭ، بۇ ساغلاملىقىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.


0 ئىنكاس:

زىيارەت كۆرسەتكۈچى
free hit counter

كىرگەنلەر سانى
free hit counter