ئەخلاقنىڭ، ۋاقتى ئۆتتىمۇ...؟

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن كۆمپىيۇتېردا ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم، قويۇلىۋاتقىنى ، ئوچۇقچىلىقتىكى سەھنىدە ، ئىككى نەپەر ئەر ناخشىچى (قازاققۇ دەيمەن) ،خىلى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان ، « بوز يورغا» دىگەن سۈرەتلىك ناخشا ئىدى، شۇ ئەسنادا قاپقارا ساقىلى خويمۇ ياراشقان بىر تونۇشۇم كىرىپ كەلدى، بىز تىنىچلىق - ئامانلىق سورۇشۇپ بولماي تۇرۇپلا ھىلىقى بۇرادەر ، پاققېدە ئاغزىغا شاپاللاپ ، ما ئىشنى كۆرۈڭ دەپ توۋلاپ كەتتى ، مەنمۇ سەكرەپ تۇرۇپ ئەتراپىمغا چۆچۈپ قاراپ كىتىپتىمەن ،
-ما يالىڭاچلارنى كۆرۈڭ، دەپ كومپىيۇتېر ئىكرانىنى ئىشارەت قىلمىغۇچە :
-شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا ، قىپيالىڭاچ بولۇۋىلىپ ،سەكرىشىپ يۈرۈشكىنىنى مالارنىڭ ،
ناخشا داۋام قىلىۋاتاتتى، «ئالدىمىزدا ئارمان تولغان كەڭ دالا»دەپ توۋلاۋاتقان ناخشىچىلارنىڭ بىرسى ، بىر دولىسىدىلا تاسمىسى بار ئاسما ئىشتان كەيگەن ، بىلىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى دىگۈدەك ئوچۇق ئىدى.
- ئەر كىشىغۇ... ئەجەپلەنگۈدەك نىمىسى بار.؟
- ئادەمنىڭ كۆزىگە سىغمايدىكەن...
- ھە، كوچىغا قاراڭ ، 2020 يىلنى كۈتۈۋىلىشقا ئاكتىپ ماسلىشىپ، قىسىپ- دەسسەپ كىتىپ بارغان ئاۋۇ قىزلارغا ! شۇلاردەك ياسانغان بولسا كۆزىڭىزگە سىغامتى........
- شۇ... نېمە دىسەم بولار، ھىي ھىي ھى .............
ئازراقتىن كۈلۈشكەنمۇ بولدۇق، ئەمما كۈلكەم ئاخىرىغا چىقمايلا جىممىپ كەتتىم ،
ماڭا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى ...
ئۆزۈمنى ئالسام . خىرىدارلارنىڭ كۆزىنىڭ تىگىگە قاراپ ، ئەتتىگەندىن - كەچكىچە دۇكاندا ئولتۇرىدىغان بىر ئۇششاق ئوقەتچى، ھازىرقىدەك يازنىڭ تىنجىق ئىسسىقلىرىدا ،بولۇپمۇ تەرلەپ- پىشىم دۈمبىلىرىمدىن شور ئۆرلەپ كەتكەن چاغلاردا، ئاسما كۆڭلەك ، ھىلىقى كۇساركودەك ئىشتانلارنى سىتىۋالماقچى بولىمەنيۇ ، يەنە يۈزۈم چىمىلداپ كەتكەندەك بولۇپ، ئىككىلىنىپ توختاپ قالىمەن ...
راست ئەمەسمۇ، ئەتراپىمىزدا مەلۇم ساندىكى شۇنداق كۇساركو ۋە ئاسما مايكا كىيىشىپ ، ۋەلسېپىت ، موتوتسىكىلىتلېرىغا قونۇۋېلىپ ئۇيان- بۇيان چىپىپ يۈرگەن خەنزۇلاردىن باشقا بىرەر ئۇيغۇر ئەرلىرىنى كۆرەلمەيسىز ، كالتە يەڭ كۆينەكلەرمۇ تولۇق ئومۇملاشمىغان ، كۆينەكلىرىنىڭ يەڭ ، ياقا تۈگمىلىرىنى تولۇق ئىتىپ پىخ-پىخ ئىسسىققا شۇنداق تاقابىل تۇرماقچىدەك بىر خىل تۇيغۇدا يۈرۈشىۋاتقان ئەرلىرىمىز خىلىلا نۇرغۇن.
بۇ -زاماننىڭ ، تەرەققىياتنىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقمۇ...؟
- ئاياللار ئازادلىقى، ئەركىنلىكى دەپ توۋلاۋاتقالارنىڭ مەخسىتى زادى نېمىدۇر...؟
بىزلەر توختىماستىن تەرەققېي قېلىۋاتىمىز ، زامانىۋېيلىشىۋاتىمىز، ياشېسۇن ئىلغار پىكېرلەر! تۈمەنمۇڭ يىللار ياشىسۇن!!!
چوڭ- چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا : ئاياللار ئالدىغا ... ئەرلەر ئارقىغا..........................

0 ئىنكاس:

زىيارەت كۆرسەتكۈچى
free hit counter

كىرگەنلەر سانى
free hit counter