ئاق ساراي خىياللىرى

ئاق ساراي خىياللىرى

نةبصجان تۇرسۇن

ئەدەبىي خاتىرىلەر


مۇندەرىجە

بىرىنچى باپ : قىتەلەر ئاتلاپ
ئىككىنچى باپ : ئاق ساراي ئالدىدىكى يىغا ئاۋازى
ئۈچىنچى باپ: ئەركىنلىك ئىلاھى يىغلايدۇ
تۆتىنچى باپ: ئامېرىكىنى ئۇيغۇرلار تاپقان
بەشىنچى باپ: دوللار ۋە ئەقىل
ئالتىنچى باپ: كوڭزى روھى نىيوركتە
يەتتىنچى باپ: ئاخىرقى بىر ئىندىئان ۋە ئۇيغۇرلار
سەككىزىنچى باپ: ھۆرلۈك ياشلىرى
توققۇزۇنچى باپ: كرېمىلدىن ئاق سارايغىچە
ئونىنچى باپ: ۋاشىنگتون ۋە ۋەتەن سەھرالىرى
ئون بىرىنچى باپ: خىياللار چوڭقۇرلاشماقتا
ئون ئىككىنچى باپ: تارىخ كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ
ئون ئۈچىنچى باپ :مىراسخور خىياللار


مۇقەددىمە

سۆيۈملۈك كىتابخان ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھ كەمىنىنى مانا يەنە يېڭى سەپەر شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلدى.
ئايروپىلان ئاسىيا -ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن بىپايان ئاتلانتىك ئوكيان ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ ئەڭ زور ۋە ئەڭ مەشھۇر شۇنداقلا ئەڭ سىرلىق ۋە خاسىيەتلىك ، رومانتىك ھەم قاباھەتلىك پايتەختى نىيورىك شەھىرى ئاسمىنىنغا كېلىپ ئايلانغاندا، تۆۋەندىكى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك شەھەر مەنزىرىسىگە قاراپ ، قەلبىم ھاياجان ئىلكىگە چۆمدى. چاقماق تېزلىكىدە خىيال ئېكرانلىرىمدىن موسكۋا، ئىستامبۇل، تاشكەنت، ئالمۇتا، بىشكەك ۋە بېيجىڭ ، لەنىنئ گراد ، سوفىيە، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ شەھەرلىرى ئاسمىنىدا لەيلىگەن ۋاقىتلىرىمدا پەيدا بولغان ئويلىرىم قايتا ئەكىس ئەتتى. ئەلۋەتتە، ھەر بىر سەپەردە يېڭى ئوي، يېڭى خىياللار، يېڭى تەسىراتلار! مەن بۇ تەسىراتلىرىمنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ئۇرۇندۇم. قىزىق! بۇ قېتىم تامامەن باشقىچە تەسىرات! مەن بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەشكە تىرىشتىم، خۇلاسەم شۇ بولدىكى بۇ قېتىم مەن ئوكيان ئاتلىغان ئىدىم. بولۇپمۇ، 21-ئەسىر بوسۇغۇسىغا ئىككى يىل قالغان بۇ كۈنلەردە دۇنيانىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، مەدەنىيەت، مەنىۋى ۋە ئىدىيىۋى ھاياتىغا جىددىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە تېخىمۇ تىرىشىۋاتقان ھەم شۇنىڭغا قادىر قۇدرەتلىك بىر ئەلنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە رېئال ھالىتى ھەم غايىۋى قۇدرەتلىرى توغرىسىدا قىياسلار دۇنياسىغا غەرق بولۇۋاتاتتىم. مەن شۇنىڭغا ئىشەندىمكى چوقۇم بۇ ئەل مېنى “موسكۋا خىياللىرىم” نىڭ داۋامىنى سۈرۈشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ! مېنى خىياللىرىمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىمدە تېخىمۇ تاۋلايدۇ!
ئايروپىلان دەرىزىسىدىن تۆۋەڭە نەزەر سالدىم. سانسىزلىغان چوقچىيىپ تۇرغان ئېگىز بىنالار ئارىسىدىن “ئايال ئەركىنلىك ئىلاھى”نى ئىزدىدىم. مانا!! ئەركىنلىك ئىلاھىمۇ كۆرۈندى. ئىلاھنىڭ قولىدىكى مەشئەل ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىم تاراملىدى. مەن كۆزۈمنى سۈرتۈپ، سەپەرداشلىرىمغا نەزەر سالدىم. ئۇلارمۇ ئايال ئەركىنلىك ئىلاھىنى كۆرسىتىشىۋاتاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرى تۆكۈلمىگەن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن پەقەت خۇشاللىق، مەمنۇنىيەت ۋە خاتىرجەملىك ئارىلاش قىزىقىش ھەتتا ئىرەڭسىزلىك ئالامەتلىرى يېغىپ تۇراتتى. دېمەك ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىپ بولغان ئادەملەر دەپ ھېسابلىغان بولسا كېرەك؟! ئەركىنلىك ئۇلار ئۈچۈن پەقەت مەلۇم ئىجتىمائىي دائىرىلەردىلا چەكلىنىپ قالدىمۇ قانداق؟! شۇ تاپتا ئۇلار مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ۋە روھىيىتىمدە قانداق تۇيغۇلارنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلەرمۇ؟ بەلكى ئۇلار كۆز ياشلىرىمغا قاراپ، ھەيرانلىق ھېس قىلىشار؟ بەلكى “ئۇ يىگىتنى ياخشى كۆرگەن ئاشىقى كۈتۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كۆرۈشكە ئالدىراپ كېتىپ، ھاياجانلىنىۋاتقاندۇ “دەپمۇ ئويلاپ قالار؟. ئەمما، ئۇلار ھەرگىزمۇ مېنىڭ كۆز ياشلىرىمنىڭ سەۋەبلىرىنى ئويلاپ تاپالمايدۇ خالاس!!!. مەن يەنىلا كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم. ئاللاھ مېنى مۇشۇنداق بىچارە قىلىپ يارىتىپ قويغانمۇ ياكى ئۆزۈمنى شۇ بىچارىلىق كوچىسىغا ئۆزۈم تاشلىغانمۇ؟ ئەھ! مەن نېمە دېگەن بىچارە ھە؟! مېنىڭ ئىختىيارسىز ئەركىنلىك ئىلاھىغا سوئال قويغۇم كەلدى، ھەتتا ئۇنىڭغا كايىغىممۇ كەلدى.
“ئەي! ئەركىنلىك ئىلاھى “دەپ خىتاپ قىلدىم مەن ئىچىمدە “ئەركىنلىك مەشئىلىنىغۇ ياندۇردۇڭ! ئوتىنىمۇ تۇتاشتۇردۇڭ. بۇ ئوت تەپتىدىن نۇرغۇن ئەركسىز كۆڭۈللەر ئىللىدى. توڭلىغان تەنلەرگە جان كىردى. سېنىڭ خاسىيىتىڭنى ھەممە بىلىدۇ، قوللىرىڭنى سۇنۇپ، مەشئەل تەپتىڭ بىلەن بىچارىلەرگە ساخاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ئەشۇ مەشئەل كۆتەرگەن گىگانت قولۇڭ بىلەن ئەركىنلىك دۈشمەنلىرىنى تازا كېلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالساڭلا كۇپايە قىلاتتى!ئايروپىلان يېنىك قوندى، مەن ئېغىر ئۇھ تارتىپ، سومكامنى قولغا ئېلىپ، ئايروپىلاندىن چۈشۈشكە تەييارلاندىم. قەلبىم ئېچىنىش ۋە تەنھالىق ئوتىدا ئېچىشقاندەك بولدى. “مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىپ ھارمىغان ئىدىڭغۇ؟! مانا يەنە ساڭا يېڭى مۇساپىرلىق !” دەپ ئۆز ئۆزۈمگە ئاچچىق كايىدىم شۇنداقلا شۇ زامان مۇساپىرلار ناخشىسىنى ئېسىمگە كەلتۈردىم:ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ،
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ.
مۇساپىر بالىلار يىغلايدۇ،
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ.
شۇنداق ، مەن مۇساپىر، بىز مۇساپىر، بىز ھەممىمىز مۇساپىر!!!. ئۆز يۇرتىمىزدىمۇ مۇساپىر ، ئۆزگە يۇرتتىمۇ مۇساپىر ! مۇساپىرلار ناخشىسىنى بولىشىغىچە ياڭرىتىپ، سەرگەردانلىق ۋە خانى - ۋەيرانلىق كوچىسىدا زار- زار قاخشاپ يۈرگىنىمىزگە خېلى بولۇپ قالدى. بۇ ناخشىنى بىز قەۋەتلا ياخشى كۆرىمىز، ناخشىمىز ياڭرىغانسىرى مۇساپىرلىق پسىخىكىسى كۈندىن كۈنگە ئۇلغايماقتا. مەن نېمە ئۈچۈن مۇنداق مۇساپىرلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇم؟ نېمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتۇمدا قىسقىسى ئۆز ئەجدادلىرىمنىڭ قانلىرى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىد، نىدالىرى بىلەن ئوغۇتلانغان ئۆز مۇقەددەس تۇپرىقىمدا ئۆزۈمنى مۇنداق مۇساپىر ھېس قىلىمەن؟” دېگەن سوئاللارنى قويمىدۇق ھەم قويماۋاتىمىز. دېمەك مەن مۇساپىرلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن باشقا سانسىزلىغان مۇساپىرلاردەك مۇساپىرلىق يولىغا ماڭغان ئىدىم. ئەنە شۇنداق سانسىزلىغان نېمە ئۈچۈن دېگەن سوئاللارغا ھەقىقىي جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن مۇساپىر بولغان ئىدىم. ”مۇساپىر بولغاندىكىن تېخىمۇ ياخشى مۇسۇلمان بولىمەن-دە ئەلۋەتتە!”
مەن يەنىلا ئۆز -ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم. دېمەك مەنمۇ ئەشۇ سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىمدەك ئۆزۈمنى ئالداش دورىسى بىلەن ئۆزۈمنى مەسخۇش قىلدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ قان -قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئۆزىنى ئالداش ۋە ئۆزىنى پەپىلەش پسىخىكىسىدىن مەن قانداقمۇ قېچىپ قۇتۇلالاي ؟، چۈنكى مەنمۇ بىر ئۇيغۇر دە؟! مەن ئايروپىلان ئىشىگىدىن سىرتقا چىقتىم. كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى. “مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئامېرىكا سەن شۇمۇ؟” دەپ خىتاپ قىلدىم ئۆز-ئۆزۈمگە - ” سەن بىلەمسەن؟ مەن ياۋروپا -ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نەق ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ھەددى ھېسابسىز بايلىق بىلەن تولغان تەكلىماكان ، جۇڭغارىيە ئاتلىق چۆللۈكنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كەلدىم، ئۇ يەردىكى خەلق دوستلۇق ئۈمىدى بىلەن ساڭا تىكىلمەكتە، ئۇ بەك پاك مۇھەببەتكە، مېھرى شەپقەتكە، ھەقىقى دوستلۇق ۋە سەمىمىيەتكە مۇھتاج، ساڭا ئوخشاش ئەركىن ئېچىلىپ- يېيىلىپ ئۇسۇل ئويناشقا تەلپۈنىدىغان خەلق! سەن شۇنداق بىر خەلقنىڭ ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەر شارىنىڭ ئەڭ كونا ئىگىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىگىنى بىلەمسەن؟”
سۆيۈملىك دوستلار ! مەن ئەنە شۇنداق سوئال، خىتاپ، ئۆكۈنۈش، كايىش ۋە تەسەللى ھەمدە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئىلكىدە ئامېرىكا ھاياتىمنى باشلىدىم. مەن تېلېۋىزورلاردىن كلىنتون ۋە گېئورگى بۇشلارنىڭ مىيىقىدا كۈلگەن سىماسىنى كۆپ كۆردۈم، ئاق ساراي ئالدىدىكى باغچىدىكى ئورۇندۇقلاردا ئاق سارايغا قاراپ ئولتۇرۇپ، شېرىن خىياللارنىمۇ سۈردۈم، ۋاشىنگتون ۋە نىيورىك كوچىلىرىدا يۈرۈپ “مەن كىم؟” دېگەن سوئاللارنى ئۆز -ئۆزۈمگە قانچە قېتىملاپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن. مەن “ئايال ئەركىنلىك ئىلاھى”نى سىلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن يىغا زارە قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەشتىم ۋە مۇنازىرلەشتىم. بۇ “ئىلاھمۇ” مېنىڭ دەريادەك ئاققان ياشلىرىمغا قاراپ كۆڭلى بۇزۇلدى ۋە بېشىمنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلىدى ھەم ئىلھامبەخش مېھرى بىلەن “مېنىڭ قولۇمدىكى مۇشۇ مەشئەل چوقۇم سېنىڭ يىغىلىرىڭنى شادلىق كۈلكىلىرىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشەن بىچارە ئىنسان! مەن ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن مانا شۇنداق گىگانت تۇرىۋاتىمەن، مەن ئېگىزلىكىم بىلەن ئالەمنىڭ ھەممە يېرىنى كۆرەلەيمەن، ھەممە يىغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلىيالايمەن! مەن سەندەك ناتىۋان مۇساپىرلارغا يار-يۆلەك بولۇش ئۈچۈن مانا شۇنداق تۇرىۋاتىمەن” دەپ خىتاپ قىلدى. مەن ناتىۋانلىقتا بەلكى دۇنيا رېكورتى يارىتالايدىغان بۇ كۆڭلۈمنى “ئەركىنلىك ئىلاھى”نىڭ بۇ سەمىمىي خىتاپلىرى بىلەن پەپىلىگەندەك قىلىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە قايتا تەسەللى بەردىم ۋە ئاھ! ئۇلۇغ خۇدا مەندەك مۇساپىر بەندىلىرىڭنى ھېچ ئۇنۇتمايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن ھەم سەندىن شۇنى تىلەيمەن” دەپ قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈردۈم.مەن مۇساپىرلىقىمنى چۈشەنگەنسىرى ۋە ھېس قىلغانسىرى ئاللاھنى كۆپرەك ئەسلەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. مەن ئىلگىرى مۇقەددەس قەشقەر ھېيتگاھ جامائەسىگە كىرمىگەن بولسام، مانا ئەمدى ئامېركىغا كېلىپ، ۋاشىنگتوندىكى بىزنىڭ ئەشۇ ھېيتگاھ جامەيىمىزنىڭكىچىلىك تارىخى بولمىغان يېڭى مەسچىتكە دائىم بېرىشنى ئۇنۇتمايدىغان بولۇپ قالدىم، قىسقىسى ئاللاھنىڭ بۇ يەردىكى مۇقەددەس ئۆيىدە مۇساپىرلىق ۋە غېرىپلىك تۇيغۇلىرىمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۆپرەك نىدا قىلىدىغان بولدۇم.ئامېرىكا ھاياتىم مېنى ئىلگىرىكى ھايات مۇساپىلىرىمدە ھېس قىلىپ باقمىغان يېڭى تۇيغۇ ۋە يېڭى چۈشەنچىلەر شۇنداقلا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادە ۋە كېلىچەككە بولغان قەتئىي ئىشەنچ ھەم ئۈزۈلمەس ئۈمىدلەرنى بەخش ئەتتى.
مەن ئوكلاخوما بوستانلىقلىرىدا كۆزلىرىدىن ناتىۋانلىق ۋە ئەمما ئۈمىدۋارلىق نۇرلىرى يېغىپ تۇرغان بىر ئىندىئان بىلەن قۇچاقلىشىپ دوست بولدۇم. ئۇ ماڭا ئاخىرقى بىر ئىندىئاننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. مەن يەنە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئىجتىمائىي- ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي قىممىتىنى جۈملىدىن ئۇنىڭ سىياسى قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتىم. پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆزىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەشكەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھاياتىدا قارىماققا بىلىنمەيدىغان ئەمما قانغا سىڭىپ كەتكەن سىياسىي قىزغىنلىق مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىگىنى چۈشىنىش بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىمىزدىكى دائىم ئاغزىمىزغا ئالىدىغان مىللەت ۋە ۋەتەن ئىبارىلىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى يەنىمۇ بىر قەدەم ھېس قىلدىم. ئەگەر ھەممىمىزدە ئەنە شۇ مەن كۆرگەن ئاددىي ئامېرىكىلىقلاردا بولغاندەك ۋەتەن ۋە مىللەت تۇيغۇسى يېتەرلىك بولغان بولسا ئىدى بەلكى كۆزلىرىمىز بۈگۈنكىدەك ياشاڭغۇراپ تۇرماس ئىدى. مۇساپىرلار ناخشىسىنى ئۇنداق ياخشى كۆرمىگەن بولار ئىدۇق. بەلكى ھەممىمىز ئۆز كىندىك قانلىرىمىز تۆكۈلگەن يەرلىرىمىزدە گويا خوجايىنلاردەك زەبەردەس قەدەم تاشلاپ، كۆكرىكىمىزنى كېرىگەن ھالدا يۈرەر ئىدۇق. ئامېركىلىقلاردا مەۋجۇت بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ بىزدە سۈنئىيلىكى ياكى تاكاممۇللاشمىغانلىقى ۋە ياكى ئومۇملاشمىغانلىقى بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىن زور پەرقلىققە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
ئەلۋەتتە ، بىر قانچە يىللار ئىچىدە مېنىڭ سۆزلەپ تۈگۈتۈپ بولالمىغىدەك تەسىراتلارغا ئېرىشكىنىمدە شەك يوق. بەلكى، بۇ تەسىراتلار ھازىر كونىرىماقتا ۋە يېڭىلانماقتا ھەمدە كۈندىن- كۈنگە چوڭقۇرلاشماقتا. نەتىجىدە تەسىراتلىرىمنىڭ داۋامىنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدا تېخىمۇ شەك يوق!!!مەن دەسلەپكى تەسىراتلىرىمنى سۆيۈملۈك دوستلارنىڭ پىكىر ھوزۇرىغا تاشلاپ، ئۇلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش “ئەركىنلىك ئىلاھىغا” سوئال قويۇشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆز شاپىلاقلىرى بىلەن ئۆز يۈزلىرىنى كاچاتلاپ ،ئۆز -ئۆزىگە كايىشىنى ھەمدە 21-ئەسىردە يىغا زارە نالە پەريادلارنى ئەمەس بەلكى، ئۇيغۇر ئىنسانلىرىنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ قىممەتلىك بەختلىك كۈنلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز تۇپراقلىرىدا سۈنئىي ئەمەس بەلكى، ھەقىقى توي مەرىكىلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن ۋە تىلەيمەن .....بەلكى “موسكۋا خىياللىرى”نى ئوقۇغان بولسىڭىزلەر دېمەك بۇ بىزگە ئوخشاش مۇساپىر قېرىندىشىمىز يەنىلا ئەشۇ خىياللىرىنىڭ داۋامىنى سۈرۈۋېتىپتۇ! دېمەك ئۇنىڭ خىياللىرى تۈگىمەيدىكەن دېگەن ئويغا كېلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل .قەدىرلىك دوستلار ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممىمىزگە ئورتاق خىياللاردۇر! ئۇ بىزگە ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان. ئۇ، قۇرۇق خىيال ئەمەس، بەلكى ھەقىقى ئارزۇ، ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە چوقۇم ئېرىشىدىغان يۈكسەك غايىدىن ئىبارەت!

سۆيۈملۈك دوستۇم خىياللىرىمىز ئوخشامدىكەن؟
دېمەك، خىياللار تۈگىمەيدۇ!!!


1-ﺑﺎﭖ. ﻗﯩﺘﺌﻪﻟﻪﺭ ﺋﺎﺗﻼﭖ

1998-ﻳﯩﻠﻰ، ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻢ-ﺳﯩﻢ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻟﯘﻕ ﻛﯜﻧﻰ،
ﺋﯩﺴﺘﺎﻣﺒﯘﻟﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﮬﺎﯞﺍ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﻧﯩﻴﻮﺭﻙ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻣﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﻗﻮﻧﺪﻯ. ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﻧﯩﻴﻮﺭﻛﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﻧﻪﻡ ﺧﯘﺵ ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﺩﯨﻤﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘﺭﯗﻟﺪﻯ، ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﻳﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺳﯩﭙﺎﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﮔﻮﻳﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺕ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﭼﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﺗﯩﺰﯨﻠﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﻛﺴﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺳﯩﺮﻻﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﭼﯩﺮﻩﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻤﺪﻩ “ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯜﺗﻪﺭﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﻩﭖ” ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺭﺍﺳﺘﯩﻤﻨﻰ ﺩﯦﺴﻪﻡ ، ﻣﻪﻥ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﺍ ﺋﯚﭼﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺟﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﭼﯩﺮﻩﺗﻠﻪﺭ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﺎﮔﺎﺯﯨﻨﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ، ﺗﯧﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﭼﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ، ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ-ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﺱ-ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﻧﯩﻴﻮﺭﻙ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻣﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺗﺎﻛﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﭼﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
ﻣﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﻟﻠﻪ ﺋﻮﺭﺍﭖ، ﺳﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﮔﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘ ﻣﯘﻻﻳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ، ﭼﺎﻣﺎﺩﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ، ﻣﺎﻧﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯘ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻮﻝ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭ 100-130 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮﻟﯩﻖ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻢ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺭﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻮﭘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﯖﯩﻐﺎ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﮬﻪﻳﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯘ، ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﯨﻠﻜﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻥ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ، ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﻮﻝ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻟﻪ- ﭘﯘﻻ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﻪﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺋﺎﻻﮬﻪﺯﻩﻝ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﺎﺋﻪﺗﭽﻪ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﺑﺮﺍﻳﺘﯩﻦ ﺑﯩﭻ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﯨﻐﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺋﯘ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻣﺎﻧﺎ ﺳﻪﻥ ﺭﯗﺱ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﺩﯦﺪﻯ ﻛﯜﻟﯜﭖ، ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ-ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ.
ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺭﯦﺲ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﺎﮬﯩﺮﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻨﻼ ﺗﻮﻧﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺮﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﺯﻭﺭ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﭼﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻧﯘﺭﻟﯘﺭﯗﻡ ﺳﺎﻧﺠﺎﻕ-ﺳﺎﻧﺠﺎﻕ، ﺭﻩﯕﮕﺎ-ﺭﻩﯓ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺷﯘ ﺩﻭﭘﭙﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﻰ ﮬﯧﭻ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ، ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﯞﺍﻳﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺑﻮﯞﺍﻱ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯜﺭﺩﻯ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯚﻛﯜﺵ ﻛﯚﺯﻟﯜﻙ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯩﻢ. ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻡ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﭘﯘﭼﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟! ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﻡ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ 20 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﮬﯩﺮﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺧﯧﻠﻰ ﭘﺎﺭﺍﯕﭽﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﻡ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺩﯨﻠﺸﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻏﻪﻡ-ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ ﺩﻩﭘﻼ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﯞﻩ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﯩﻤﯘ، ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﻗﻪﺗﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﻛﯜﺵ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻏﻪﻡ-ﻏﯘﺳﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.
ﺑﯩﺰ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﺘﯘﻕ، ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﻻ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ.
ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﻟﺐ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﭺ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻳﯧﻴﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﻪﺟﻪﺑﻤﯘ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ، ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ- ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ، 12-14 ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﻣﯧﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﻳﯩﻐﻠﯩﺘﯩﺪﯗ ﺋﺎﺩﺍﺵ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ، ﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺩﻭﺳﺖ-ﻳﺎﺭﻩﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﺮﯨﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﭼﯩﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﯞﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ” ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯘﮪ ﺗﺎﺭﺗﺘﯩﻢ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻛﻪﺑﻰ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﭼﯚﻣﯜﭖ، ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯘﭼﯘﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﺭ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﺩﻩ؟! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﯩﺸﯩﻢ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺗﺎﮬﯩﺮﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ 70 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﻜﻪﭺ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﺘﯘﻕ. ﺋﯘ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻱ، ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
“ ﺋﯘﮪ ! ﺑﺎﻻﻡ” ﺩﯦﺪﻯ ﺑﻮﯞﺍﻱ “ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﯚﺭﻛﻪﺷﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯘ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ، ﺳﻪﻧﻤﯘ ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺗﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺭﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﯗﻕ …..”
ﺳﻮﺩﯨﻐﺎ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﺭﺍﻥ-ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، 80-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﯗﻛﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﻮﭼﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗﻕ، ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺭﯗﺳﭽﻪ ﯞﯨﯟﯨﺴﻜﯩﻼﺭ، ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﮬﻪﻡ ﺭﺍﻣﻜﯩﻼﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺘﺘﻰ.
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﯘ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﻰ، ﺭﯗﺱ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻢ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﻳﺎﯕﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻣﯘ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯧﻨﮕﺎﻟﻠﯩﻖ، ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺴﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺩﯨﺌﺎﻟﻮﮔﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﯨﻠﺸﺎﺗﻤﯘ ﺭﯗﺳﭽﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺭﯗﺱ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻱ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﺭﺩﻯ.
ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟! 90-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺩﯨﻠﺸﺎﺗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺩﯨﺌﺎﻟﻮﮔﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯨﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﺎﯞﺭﻭ- ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ “ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، “ﺑﺎﻛﯘ” ﺭﻩﺳﺘﯘﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﯕﺮﯨﻐﺎﻥ، ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﯓ-ﭼﻮﯓ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﯕﻼﻧﻐﺎ، ﻛﯩﻴﯧﯟﺳﻜﯩﻲ، ﻳﺎﺭﻭﺳﻼﯞﺳﻜﯩﻲ ﭘﻮﻳﯧﺰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ، ﺋﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺑﯘﺩﺍﭘﯧﺸﺖ، ﺳﻮﻓﯩﻴﻪ، ﯞﺍﺭﺷﺎﯞﺍ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﻮﺭ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﯩﻴﻪ، ﺑﯧﻠﻮﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﺎﺯﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
ﺑﯩﺮﺍﻳﺘﯩﻦ ﺑﯩﭻ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﻧﯩﻴﻮﺭﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ” ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺳﻰ” ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯩﻜﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ.
ﺑﯩﺮﺍﻳﺘﯩﻦ ﺑﯩﭻ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﯨﻼ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ، ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﻨﻮ-ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﻟﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺍﻳﺘﯩﻦ ﺑﯩﭽﺘﯩﻤﯘ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﯞﻩﮬﺸﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺭﯗﺱ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﯞﯨﺴﻰ ﭼﯘﯞﯗﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﯨﺪﻩﻙ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﻟﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ، ﺗﯩﺮﻛﯩﺸﯩﭗ ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ.
ﺑﯩﺮﺍﻳﺘﯩﻦ ﺑﯩﭻ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻻﮔﯧﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭﯗﺳﻼﺭ، ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﻼﺭ، ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﯕﻪﻥ ﯞﻩ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﯕﻪﻥ ﺟﺎﻱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺭﯗﺱ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ، ﺑﯘ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺑﯩﻘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
90-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺵ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﺭﺑﺎﭼﯧﯟﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﻐﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، 70 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﻛﺮﯦﻤﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻪﯞﺝ ﺋﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ، ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ ﺭﯗﺱ ﺭﯗﺑﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺭﯗﺑﻠﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺳﺎﻗﻼﺷﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻜﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﭘﯧﺮﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﯩﺰﯨﻜﯩﭽﻰ ﺑﯘ ﺭﯗﺱ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻼ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﺪﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ، ﺑﺎﻧﺪﯨﺘﻼﺭﻏﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ.




0 ئىنكاس:

زىيارەت كۆرسەتكۈچى
free hit counter

كىرگەنلەر سانى
free hit counter