بىز ئەقلى تىنىشىمىزنى كۈزتىشىمىز ۋە قەدىرلىشىمىز، شۇنداقلا بەزى يوقۇملۇق كىسەللەرگە قارشى ئىھتىياتى ئۇسۇلنى قوللىنىشىمىز لازىم.
بۇلغانغان ھاۋادا ئادەتتىكى فىزولوگىيەلىك تىنىشنىڭ مەسىلى ئېنىق، يەنى زەھەرلىك گازغا قارشى ساقلانغۇچ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ، لېكىن ئەقلى تېنىشقا نىسبەتەن قانداق قىلىشىمىز لازىم؟…
زىيالىلىرىمىزدىكى بوشلۇق غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تارتىش كۈچى ئارقىلىق زىيالى باسقۇچىدىكىلەرگە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
ئۆلۈك پىكىرلەر ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر
ئۆلۈك پىكىرلەر ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر
*ئۆلۈك پىكىرلەر ئىجتىمائى مىراسىمىزنىڭ نەتجىسى بولۇپ قۇللۇقنى قوبۇل قىلىش قابىلىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ.
*ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر غەربتىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ قۇللۇقنى تۇغىدۇ.
*زىيالى مۇسۇلمان غەرب مەدەنىيىتىدىكى ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەرنى تاللىماقتا.
***
ئۆلۈك پىكىرلەر تارىخىمىزدا سەلبى رول ئوينىدى، ھازىرغا قەدەر ئويغۇنۇشىمىزدا سەلبى رولنى ساقلاپ كىلىۋاتقان ئۆلۈك پىكىرلەر مەۋجۇد. دېمەك ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر گۈزەل ھايات كەچۈرۈشنى خالايدىغان جەمىيەتتە ئۆلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى تىرىگلەر جەمىئىيىتىدە بار بولغان بولىدۇ. بۇ ئۆلۈك پىكىرلەر ئۆز يۇرتىمىزدا پەيدا بولغان. بۇ ئۆلۈك پىكىرلەرگە كوللىكتىپ كۈچ بىلەن قارشى تۇرمىغاندا ئۇنىڭ يۇقۇملۇق مىكروپلىرى ئىچكى قۇرۇلمىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدۇ.
ھەر بىر جەمىيەت ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغان پىكىرلەرنى ئۆزى ياساپ چىقىدۇ، لېكىن بۇ كۆز قاراشلار كېيىنكىلەرنىڭ ئىجتىمائى مىراسىدا (ئۆلۈك پىكىرلەر)بولۇپ قېلىپ قالىدۇ، ئۆلۈك پىكىر (ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر) دىن بەكرەك خەتەرلىك بولىدۇ.چۈنكى ئۆلۈك پىكىرلەر شۇ جەمىيەتنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ماسلاشقان بولۇپ، جەمىيەتتە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئۆلۈك پىكىرلەرنى تازلىمىغاندا ئىچكى تەرەپتىن جەمىيەتنى قىرىپ تاشلايدىغان مىراسخور خەتەرلىك مىكروپلارغا ئايلىنىدۇ.
كاشانى سىياسى نوقتىدىن بۇ تەرەپتە مىسال بولالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئىران خەلقىنىڭ ۋىجدانىدىكى ئۆز-ئۆزىنى مۇداپىئە قىلغۇچى كۈچنى مەس قىلغان ۋە ئالدىغان ئۆلۈك پىكىرلەر كۆرۈنگەن. يەنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۆلۈك پىكىر ئىدى.مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشىلىك نوقتا شۇكى، دوكتۇر مۇسەددىق مۇستەملىكىنىڭ بازغىنى ئاستىغا چۈشۈپ قالمىدى، لېكىن ئۇ ۋەتەن ۋە ئاللاھ نامى بىلەن سۆزلەيدىغان مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش قابىلىيىتى بازغىنى ئاستىدا يىقىلغان.
بىز ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەسلى مەدەنىيەت بوتسىىدا يىلتىزى بولمىغان ئۆلۈك پىكىرلەرنى داۋالايلى دەپ ھەرىكەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، مەدەنىيەت دۇنياسىدا پەيدا بولغان ۋە باشقا يەردىن كىلىپ قالغان ئۆلۈك پىكىرلەرگە دۈچ كىلىمىز.
بەزىدە ئۆلۈك پىكىرلەر ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر بىر شەخىستە كۆرۈنۈپ ئىككى خىل كۆرنۈشنى تەمسىل قىلىدۇ.مەسىلەن مىراسى مىكروب سرتتىن كەلگەن يات مىكروپنى سۈمۈرىدۇ(يەنى ئۆلۈك پىكىر ئۆزىگە ئوخشاش ئۆلۈك پىكىرلەرنى چاقىرىدۇ).چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى مىراسخور مىكروبلارنى كۆتۈرىدۇ، بۇ مىكروب ئۆز نۆۋىتىدە سىرتتىن كىرىدىغان مىكروبلارنى سۈمۈرىدۇ.
بۇ خىل تۈردىكى قوش كۆرۈنۈش مۇئەييەن سۈرەتتىكى بەلگىلەكلىك خاس تۈردىكى مۈشكىلىنى قوزغاپ چىقىدۇ، يەنى: جەمئىيىتىمىزدىكى زىيالى تەبقىسى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگۈچى ئامىللارنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە زىيالىلار غەرب مەدەنىيىتىدىن بىزگە مۇناسىپ نەرسىلەرنى تاللاپ ۋە سۈزۈپ ئالغان بولسا ياخشى بولاتتى، لېكىن ئۇلار غەرب مەدەنىيىتىنىڭ روھى، ماددى كۆز قاراشلىرى ۋە شەرتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىماي قوبۇل قىلىشتى.
دېمەك،غەرب مەدەنىيىتىدىكى بىزگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان كۆز قاراشلار ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ھىسابلىنىدۇ.غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈك پىكىرلەر ئەمەس، ئۇ مەدەنىيەتتە ھەزارەتكە جان كىرگۈزىدىغان ئامىللار مەۋجۇد. لېكىن بىز قوبۇل قىلىۋاتقان ئۆلتۈرگۈچى ئامىللار ئۇ مەدەنىيەتنىڭ تاشلاندۇق ۋە ئۆلۈك پارچىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
سرتتىن كەلگەن پىكىر ئەسلى مۇھىتىدا ئۆلۈك پىكىر بولۇپ قالسا ئۇ بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىمۇ شۇ ئۆلۈك پىكىرنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، يەنى بۇزۇق رولنى ئالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەلدە بىلىم ئېلىپ كىرگەنلەرنىڭ بىر قىسمى چەتئەل ئۈچۈن بەشنىچى سەپ بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
مىسال ئالساق ئىسلام پەيلاسوپى مۇھەممەد ئىقبال غەرب ئەللىرىدە بىلىم ئالغان چاغدا ئۆزىدىكى ئۆلۈك پىكىرلەرنى تازلىيالىدى، مەدەنىيەت كۆز قارىشى تامامەن ئۆزگەردى. ئۇ غەرب مەدەنىيىتىدىن ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەرنى سۈمۈرۋالمىدى، بەلكى جانلىق ۋە پايدىلىق ئاساسلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى سۈمۈرگەن.
ئارقىدا قالغان ئىككى-ئىسلام ۋە ياپۇن جەمىيىتىنى-مىسالغا ئالايلى، ھەر ئىككى جەمىيەت تەخمىنەن بىر ۋاقىتتا يەنى 1860-يىلى غەرب مەكتىپىگە كىرگەن، لكېىن نەتىجە ئوخشىمايدۇ. بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ياپۇنيە پەن- تېخنىكا، سانائەت ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە مۆجىزە ياراتتى، غەرب مەدەنىيىتىدىكى ئۆلۈك پىكىرلەر يولىنى توسۇپ قالالمىدى، ياپۇنيە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئۆتمۈشىگە ۋاپادار ھالەتتە قېلىۋەردى. يەنى ئۆتمۈشى، ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە كۆز يۇممىدى ياكى يوقتىپ قويمىدى...
ئىسلام جەمىيىتىگە قارىساق ئويغۇنۇشتا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان دەرجىدە كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، مىراس قېلىپ قالغان ئۆلۈك پىكىرلەر پالەج قىلىپ قويدى.
ياپۇنيەنىڭ غەرب مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىپ مۆجىزە يارتالىغانلىقى ئۇنىڭ(شوغۇن)دەۋرىدىن مىراس قالغان ئۆلۈك پىكىرلەردىن قۇتۇلغانلىقىدا كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە مۇستەملىكىچىلەر ياپۇنيەگە ياراتقۇچ ۋە ئۈنۈملۈك پىكىرلەرنى بېرىپ، مۇسۇلمان زىيالىلارغا ئۆلۈك پىكىرلەرنى بەرگەن دەپ ئىزاھلاش مۈمكىن ئەمەس.
دېمەك، مەسىلە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەبئىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇ مەدەنىيەت بىلەن بولغان مىراسخور ئىجتىمائى ئالاقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك.چۈنكى غەرب مەكتىپىگە كىرگەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى تىرىشچان ئوقۇغۇچى ياكى ساياھەتچى ئوقۇغۇچى.
ساياھەتچى ۋە تىرىشجان ئوقۇغۇچى مىراسخور ئىجتىمائى تەقەززاسى بويىچە غەرب مەدەنىيىتى تۇغۇلغان بۆشۈككە…ۋە ياسىلىپ چىققان زاۋۇتقا بارمىغان…غەرب مەدەنىيىتى دىھقان، ھۈنەرۋەن، ئالىم، ئىنژىنىردا مۇجەسسەملەشكەن ھەققىتىگە يېتىپ بارمىغان.ساياھەتچى ئوقۇغۇچى ۋە تىرىشچان ئوقۇغۇچى سېسىپ كېتىدىغان ئورۇنلارغا بارغان، يەنى ھايات كۈچى بەخش قىلالمايدىغان يەردە چۆگلەپ يۈرگەن.
****
ئۆلۈك پىكىرلەر:ئەسلىنى يوقاتقان پىكىر، ئۇ يۇقىرى ئۆرنىكىدىن بۇرۇلغان پىكىر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسلى مەدەنىيەت جەۋھىرىدە يىلتىزى بولمايدۇ.
ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر:يىلتىزىنى يوقاتقاندىن كېيىن سالاھىيىتىنى ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى يوقاتقان پىكىردۇر.
ھەر ئىككىلىسى پاسسىپ ۋە زىيانلىق. بۇ ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ھەر قانداق جەمىيەتتە ئىجتىمائى پسىخولوگ ئامىللارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. جەمىئىيىتىمىزگە شۇنداق ئامىللارنىڭ سۇغۇرلۇپ كىرمەسىلىكى ئۈچۈن ئىھتىيات قىلىش لازىم بولىدۇ، بۇ ئەھۋال (سۇقرات)نىڭ پىكىر يىگۈچىلەر( ideophages) نى تەنقىد قىلىشىغا قىستىغان.
لېكىن تارىخ سۇقراتنىڭ ھىكمىتىگە قوشقان نەرسە:ئۆلۈك پىكىرلەر يارىماس(غەلبىگە يارىماس)پىكىرلەر بولۇپ مەخپى ئىنتىقام ئالىدۇ، دېگەن ھىكمەتتۇر.
بۇ يەردە ئىجتىمائى يۇقۇملۇق كىسەلنى يۆتكەيدىغان ئامىل قايسى؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ.بىز بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مىدېتسىنا ئۇسۇلىغا تاينىشىمىز لازىم.جەمىيەتكە ۋە دۆلەت قۇرۇلمىلىرىغا يېتىدىغان ئىجتىمائى كىسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن مەخسۇس قىسىم ئاجراتماق لازىم.
سوراپ باقايلى، جەمىيەت ۋە قۇرۇلمىلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان مىكروب بىۋاستە جەمىيەت قۇرۇلمىسىدا پەيدا بولدىمۇ ياكى يۇقۇملۇنۇش ئارقىلىق يۆتكەلدىمۇ؟كىسەلنىڭ سەۋەبلىرىنى يىغىنچاقلىيالىغاندا ئاندىن توغرا ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرغا قويغىلى بولىدۇ.
قۇرئان كەرىم رەئدە سۈرىسى 11 ۋە 13 ئايىتىدە:"ھەر بىر مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ"دەپ بىزگە كىسەلدىن قانداق قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.
باشقىلارنى ئىستىلدا دوراش پىكىر ئارقىلىق يول ئالىدۇ، ئەمما كىسەللىك تەرىپى بولسا ئىجتىمائى يۇقۇملۇق كىسەل بولۇپ بىر ئەۋلاتتىن يەنە بىرئەۋلاتقا ئۆزىنىڭ ئەسلى مەدەنىيەت نەمۇنىسىدىن ئايرىلغان ۋاقتىدا پىكىرلەرنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق يۆتكىلىدۇ.بۇ پىكىرلەر شۇ ۋاقتىدا ئىجتىمائى كىسەللەرنى يۆتكەيدىغان مىكروپلارغا ئايلىنىدۇ.
مۇشۇنداق ئۆلۈك پىكىرلەرنى كۆتۈرگەن پىكىر داۋاملىق ئەسلى مەدەنىيىتىگە خىيانەت قىلغان پىكىر بولىدۇ. جەمىيەت بولسا مەدەنىيەت دۇنياسىغا يەتكەن ھەر بىر ئۆلۈك پىكىرلەرنىڭ نەتىجىسىنى تارتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈنىمىزدە جەمئىيىتىمىزنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشى پايدا-زىياننى ئايرىماي قوبۇل قىلىۋەرگەن يات پىكىرلەر ۋە ئۆزىدىمىزدىكى ئۆلۈك پىكىرلەرنىڭ سەۋەبىدىندۇر.
(مۇتەپەككۈر مالىك نەبىنىڭ" ئىدىيە مۈشكىلىسى" نامىلىق ئەسىرىگە قاراڭ).
*****
ئەمدى بىز ئۆزىمىزگە مۇلاھىزە بەلكى مىدىتسىنا ئاتالغۇسى بويىچە نەزەر تاشلاپ باقايلى:
بىزدە ئازغۇن ئاپپاق غوجا دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆلۈك ىپكىرلەر مەۋجۇد، بۇ ئۆلۈك پىكىرلەر زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تۈرلۈك تۈسلەرنى پەيدا قىلدى...ئېتىقاد سۇسلۇقى، توغرا ئېتىقاد كۆز قارىشى كىرزىسى، مەدەنىيەت يۆلۈنۈشى، مەرىپەت يۈزلىنىش مۈشكىلىسى...شۇنداقلا ئىستىل كىرزىسى، قالاقلىق، ساۋاتسىزلىق...
بۈگۈنكى ئويغۇنۇش دەۋرىدە يۇقىرىقى پاسسىپ ئىللەتلەرنىڭ ئۈستىگە پەنە پاسسىپلىق قوشۇلدى، بۇ قېتىمقى پاسسىپلىق يىلتىزى مەسىلىلەردە ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى كىسەللەرنى پەيدا قىلدى.
يىلتىزى مەسىلىلەر دېگىنىمىز:توغرا ئېتىقاد كۆز قارشىنىڭ بولماسلىقى، ئاتىزىملىق كىسىلى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇپ ئىجتىمائى ھاياتنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبلىك چەمبەرچەس باغلانغان ئائىلىنىڭ پارچىلىنىش ئەھۋالى...
چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېغىزلىق بىلىم-مەرىپەت، سانائەت ۋە تېخنىكا كۆتۈرۈپ كىرمەي غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ھايات كۆز قارىشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئەخلاق بۇزۇقلىقى ۋە ئېتىقادسىزلىق دېگەندەك ئۆلۈك ۋە كىسەل پىكىرلىرىنى كۆتۈرۈپ كىرىشى بىزدە ئىللەتنى تېخىمۇ ئاۋۇتتى...
بۇ مەسىلە ئىچكىردىكى تۈرلۈك ئۇنۋىرسىتېتىلاردا بىلىم ئېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدا بەكرەك تېپىلىدۇ، 60-يىللار بولسا كېرەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزنىڭ سىماسى بولغان مىللىچە كىيىملىرىمىزنى تاشلاپ 4يانچۇقلۇق چاپان ۋە شەپكە كەيگەن ۋاقتىمىزدا ئويلانماستىن باشقا مەدەنىيەت ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كىيمىدىن تارتىپ قوبۇل قىلغان ئىدۇق.
شۇنىڭ داۋامىدا ئىچىكىردە بىلىم ئاشۇرۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۈگۈنگە قەدەر ئېتىقادسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق ۋە ھاراقكەشلىك...تىن ئىبارەت ئۆلتۈرگۈچى كىسەللەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ جەمىئىيىتىمىزدە پىكرى ئەيدىز كىسىلىنىڭ رولىنى ئوينىماقتا.
قايىسى بىر نەرسە بىزگە يات بولىدىكەن ئۇنى ئويلاپ بېقىپ، مىزانغا سېلىپ بېقىپ ۋە ئەقىل تارازىسىدا ئۆلچەپ بېقىپ قوبۇل قىلساق ياخشى بولاتتى. لېكىن بىز ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا مەنىۋى ۋە ماددى ئاچلىق بولسا كېرەك، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى تەمتىرىمەستىن پۈتۈنلەي يۆتكەپ كىرۋاتىمىز، نەتجىدە ئۇيغۇرغا خاس مەدەنىيىتىمىز يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئاددىسى چىمەن تاشكەن دوپپا، كانۋاي كۆڭلەك...دېگەندەك تارىخى مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولغان كىيىم-كىچەكنى ياراتمايدىغان ھالەتكە كەلدۇق، مانا بۇ مەدەنىيەتكە تۇزكورلۇق قىلىش دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك.
باشقىلاردىن بىر نەرسە قوبۇل قىلغاندا توننى ئۆزىمىزگە ئۆلچەپ پىچايلى، باشقىلارنىڭ شىلەپىسى ياكى كەپكىسى بىزگە ماس كەلمەي قالىدۇ، چىرايىمىزنى بۇزىۋىتىدۇ...
بىلىشىمچە مىلادىيە 8-ئەسىردىن ئىلگىرى داۋاملىشىپ كەلگەن گىرام*** قائىدىلىرى تولۇق سېستىمىلىق، نەچچە ئەسىر مەدەنىيىتىمىزنىڭ ۋاستىسى بولۇپ كەلگەن ئانا تىلىمىزدىن ۋاز كەچكىلى تۇرۋاتىمىز. ئەجابا بىز چۈشكۈنلىشىشىمىزدىن ئىلگىرى مەدەنىيەت يارتالىغان ۋە مەدەنىيەت يارتىشقا يارىغان مۇكەممەل تىلىمىز بۈگۈنگە كەلگەندە نېمىشقا يارىمايدىكەن؟باشقا تىللاردىن نېمە كەمچىللىكى بار ئىكەن؟
دېمەك، بىز ئانا تىلىمىزنىڭ تارىخى ۋە باشقا تىللاردىن ئارتۇقچىلىقىنىمۇ بىلمەيمىز! شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ تىلى بولىدۇ، تىلى بولمىغان مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بولمايدۇ، بۇ تارىخى ھەقىقەت...
تىلشۇناس ۋە ئەدىبلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ھالقىلىق مەسىلىدە تىلىمىزنىڭ ئوبرازىنى كۆرسەتمەي شۈك تۇرغانلىقى نېمە ئۈچۈن؟ بىلمىدىم...( ئانا تىلىمىز سەكراتتا دېگەن ماقالىمىزگە قاراڭ).
ھاراقكەشلىك، ساۋاتسىزلىق، غەرب مەدەنىيەتنىڭ ئۆلتۈرگۈچى كىسىلى بولغان تانسا، كافىخانا، دىسكوخانىلار،پاھىشە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ئسېتىقادسىزلىق، مەرىپەتسىزلىك، مەدەنىيەتنىڭ تايانچ بازىسى بولغان گۈزەل ئەخلاقنىڭ يوقۇلۇشى مەدەنىيەت يولىمىزدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلار...
ئىدىيەنى ئازات قىلىش بەك مۇھىم، لېكىن نېمىدىن ئازات قىلىمىز؟؟؟
ئېتىقادىمىزدىكى ئۆلۈك پىكىرلەر توغرىسىدا بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلىش مۇھىمدەك تۇرىدۇ.خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئېتىقادىمىزدىكى چىرىك ۋە ئازغۇن ئەقىدىلەر لەيلەپ يۈرۈپتۇ، مۇشۇ ئازغۇن ئەقىدىلەرنىڭ بىزنى ئۆلۈك پىكىر قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىدا شەك يوق، چۈنكى بىزدىكى ئەقىدىنىڭ روھى ۋە ئىتتىرگۈچ كۈچى يوق...مەسىلەن:داخانغا ئىشىنىش، باخشىنىڭ قېشىغا بېرىش، مۇنەججىملەرگە ئىشىنىش، رەمبالغا ئىشىنىش، مۇھەببەت كۈچىيىدۇ ياكى ياخشى كۆرسىتىدۇ دەپ سىھىر قىلىش ۋە سىېھىر قىلدۇرۇش، زىياندىن ساقلايدۇ دەپ تۇمار ئېسىۋىلىش-گەرچە قۇرئان ئايىتى بولسىمۇ توغرا ئەمەس، ئۇ ئايەت، ئۇنىڭ بىلەن خالاغا كېرىش گۇناھ-بۆرە ھوشۇقى ئېسىۋلىش، مازايى ماشايىخلارنى ئۇلۇغلاشتەك...خاتا ئىشلار ئەقىدىمىزنىڭ ئاساسى بىر قىسىمىنى ئىگلەپ، ئەقىدىمىزنى ئۆلۈك ۋە جانسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام روھى ۋە ساپ ئىسلام ئېتىقادىن بەكلا يىراق. بۇ ئىشلار بۇددىزمنىڭ قالدۇقلىرىدىن ئىبارەت. ئىسلام دىنى بۇ ئىشلارنى ھەرگىز قوللىمايدۇ.بۇ ئېتىقادىمىزدىكى ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر...
ئەمدى دەۋەتچىلەردىكى ئۆلۈك پىكىرلەرگە نەزەر تاشلاپ باقايلى، دەۋەتچى-مۇسۇلماننىڭ ھەممىسى دەۋەتچى،باشقىلارنى ئىسلامغا چاقىرىش مەجبۇرىيىتى بار-پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورلىرى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار، ھەقىقى ئىنسان ياسىغۇچىلار دېسەم خاتاشقان بولمايمەن.
دەۋەتچىلەرنىڭ خىزمىتى شۇنداق ئۇلۇغ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دەۋەتنى توغرا يوسۇندا ئېلىپ بېرىشى، ئۆلۈك پىكىرلەر ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەردىن خالى بولىشى لازىم. دەۋەتچىلەردىكى ئۆلۈك پىكىرلەرنى مىسالغا ئالساق:
ئىسلامنىڭ نىشانى ناھايىتى ئېنىق، مۇسۇلمانلارنىڭ غايىسىمۇ ئېنىق، ئۇنداقتا دەۋەتچىلەرنىڭ غايىسىمۇ ئېنىق ۋە نىشانى بىر. قايىسى ئەلدە، قايسى تىلدا ۋە قايسى جاھاندا خىزمەت قىلسۇن نىشانى بىر، لېكىن ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ. چۈنكى خىزمەت ئۇسۇلىنى ھەر قايسى ئورۇننىڭ شارائىتى بەلگىلەپ بېرىدۇ، بىز ئالىملىرىمىز تۇتۇپ ماڭغان ۋە يۈرگۈزىۋاتقان ئۇسۇللاردىن پايدىلانساق بولىدۇ، پۈتۈنلەي تەتبىقلىساق توغرا بولماي قالىدۇ. ئۇ ئۇسۇللار بىزگە تامامەن ماس كەلمەيدۇ، بەزىسى توغرا كىلىدۇ، بەزىسى توغرا كەلمەيدۇ، ئۇنداقتا بىز قايسى بىر ئالىم بولسۇن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ كىيىمنى ئۆزىمىگە چەللەپ پىچايلى، بولمىسا چوڭ ياكى كىچىك كىلىپ قالىدۇ ياكى پەقەتلا ماس كەلمەي قالىدۇ.
مەسىلەن،سىز سەئىد نۇرىسى ياكى جامالىدىن ئافغانى ياكى نەبھانى، ياكى ئەرباكان ياكى مەۋدۇدى ياكى ھەسەن بەننا ياكى مۇھەممەد ئابدۇلۋاھھاب ياكى سىنوسى ياكى ئىبنى بادىس سەييىد قۇتۇپ ياكى باشقىلار بولسۇن...بىر ئالىمنىڭ پىكىر ئېقىمى بىلەن تەسىرلەنگەن بولىسىڭىز، ئۇنىڭ پۈتۈن كۆز قاراشلىرىنى دىيارىمىزدا تامامەن تەتبىقلايمەن دەپ ئويلىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز،چۈنكى ھەر دولقۇن ئۆزىىنىڭ شارائىتىغا قارىتا پەيدا بولىدۇ، ھەم شۇ زېمىن تەقەززا قىلىدىغان ئۇسۇل-چارىللىرى بولىدۇ، ھەر بىر زېمىن ۋە خەلقنىڭ كىسىلى ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن تۈركىيەدىكى ئۇسۇل ئۈرۈمچىدە ئاقمايدۇ، چۈنكى تۈرك خەلقى سەۋىيە، ئىمكانىيەت ۋە شارائىتتا بىزگە ئوخشىمايدۇ. بىز شارائىت، ئىمكانىيەت ۋە سەۋىيە جەھەتتە باشقىلارغا ئوخشىمايمىز، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس شارائىتىمىز بار.
بىر ئېقىمدىن ئاڭىلغان ياكى كۆرگەن ياكى ئۈگەنگەن نەرسىلەرنى دىيارىمىزدا ئەينەن تەتبىقلاش مۈمكىن ئەمەس، كىيىمنى ئۆزىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ پىچىش لازىم بولىدۇ. ئەينەن تەتبىقلايمەن دېگەن كۆز قاراش ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىردۇر...
شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، ئسىلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىر باغنىڭ مىۋىللىرىگە ئوخشايدۇ، قايسىنىڭدىن بىزگە لازىملىق بولغان تەجىربىسىنى ئېلىپ پايدىلانساق بولىدۇ، ھەممىسى بىر باغىنىڭ مىۋىسى، غايىسى بىر، ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ. بىر ئېقىمنىڭ-ئىسلامغا زىت ئېنىق خاتالىقى بولمىسا-يەنە بىرىسىنى ئېيىپلىشى توغرا بولمايدۇ.
دەۋەتچىلەردىكى بىر ئالىمنىڭ كۆز قاراشلىرىغا پىكىر مۇتىئەسسىپلىك قىلىشى خاتا، پەيغەمبەردىن باشقا ھەر قانداق بىرسىنىڭ خاتالىلىشى تەبئى ئەھۋال، ئۇنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە رەت قلىىشقا بولىدۇ، خىزمەت ئۇسۇلىدىن بىر پىكىرنى رەت قىلغانلىق ئىسلامنى رەت قىلغانلىق ياكى ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەنلىك بولمايدۇ.........................
تەكلىماكان بلوگقا
Post Commentsئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
زىيارەت كۆرسەتكۈچى
كىرگەنلەر سانى
كىرگەنلەر سانى
0 ئىنكاس:
ئىنكاس