تاھىرجان ھاجى ياقۇپ
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
بىز مۇسۇلمانلار ھەر ھالدا پاكلىق بىلەن ياشاپ، ئىجتىھات بىلەن بىلىم ئېلىپ، قەلبىمىزنى ئىلىم نۇرى بىلەن يورۇتۇپ، نەپسىمىزنى ھارامدىن يىغىپ كەلگەنىدۇق. لېكىن يېقىنىقى يىللاردىن بېرى غەرب مەدە-نىيىتىنىڭ مىللىي ئېڭىمىزغا شىددەتلىك سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە بەزى ئەر-ئايال، قىز- ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئەخلاقى چېكىنىپ، ھايانىڭ ئورنىنى بىھايالىق، پاكلىقنىڭ ئورنىنى پاسىقلىق ئىگەللەپ، ھالاللىق بىلەن ھاراملىق ئارىلىشىپ، ئىسلام شەرىئىتىمىزگە ھەم ئەدەب- ئەخلاقىمىزغا يات ئىللەتلەر كۆپىيىۋاتىدۇ.مەن بۇ ماقالىنى قەلبى شەيتانلارچە كېبىر، تەمەننا بىلەن تولۇپ كەتكەن ئاشۇنداق ئازغۇنلارنىڭ قاراڭــغۇ دىلىغا ياراتقۇچى ئىگىمىزدىن يورۇقلۇق تىلەپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىمان- ۋىجدانىغا مەدەت تىلەپ يازدىم. ئاللاھ ھەممىمىزگە ئاسانلىق بەرگەي!
ئى مۇسۇلمانلار! شەكسىزكى، ھايا ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ ئېسىلىدۇر ۋە ئىنسانىيەت سإپىتىنىڭ ئەڭ شەرەپلىكىدۇر. ھەر قانداق بىر كىشىدە ئەخلاق بولىدىكەن ئۇنىڭ ئاساسى ھايادۇر. ئىنسان ھايا ئارقىلىق ئىنسانلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ، ھاياسىىزلىق ئىنساننى ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چۈإشإۈرإپ قويىدۇ. خۇددى قۇرئاندا دېيىلگەندەك: " ئۇلار ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر"("ئەئراف" سإرىسى 179 - ئايەت). پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:" ئەلۋەتتە ئىنساننىڭ بىـرىنچى پەيغەمبەرنىڭ سۆزىدىن تاپقىنى ' ئەگەر ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل' دېگەن كەلىمىدۇر".
ھاياسىزلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يإزىدىن ھايانىڭ جىلۋىسى يوقالغان، ئۇلار دىن ۋە ئادىمىيلىكـنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارى يوق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان ئەخــلاق پەزىلەتنى دەپسەندە قىلىدۇ، شۇ تۇرقىدا ئۇلار ھايۋاندىن ئۆزىنى پەرقلەندإرمەيدىغان ئادىمىي ھايـۋانغىلا ئوخشايدۇ.
دانىشمەن ھەكىملەردىن قالغان بىر گەپتە مۇنداق دېيىلىدۇ: " ئىنسان خىجىل بولغاندا يۈإزى قىزىرىدىغان بىردىنبىر ھايۋان". ئىنسان ھەقىقەتەن خىجىل بولۇشنى بىلىدىغان بىردىنبىر ئالىي مەخلۇق. خىجىللىق،ھايانى بىلمەيدىغان ئىنسان بەئەينى ھايۋان، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەردۇر. چإنكى ئاللاھ تائالا ھايــۋانلارنى ئاشۇنداق ھاياسىزلىق تەبىئىتى بىلەن ياراتقان، ئىنسانغا بولسا ئەقىل، ھايا ئاتا قىلغان.
ئاللاھ تائالا ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى خەلىپىسى بولۇشتىن ئىبارەت بىر بإۈيإۈك غايە ئإۈچۈإن ياراتقان. قۇرئاندا مۇنداق دېيىلگەن:" ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە:' مەن يەر يإۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن' دېدى" ("بەقەرە" سإرىسى، 30- ئايەت).
ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى تإپەيلىدىن زېمىننىڭ خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى يالغۇز ئادا قىلىپ كېتەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئاللا تائالادىن يەنە ياردەم كەلدى - ئىنساننى يارىتىپ ئۇنىڭ پايدا- مەنپەئەتىنى بىلگەچكە،ئىنسانغا شۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئادا قىلىش يولىنى، يەنى شەرىئەتنى بەلگىلەپ بەردى. شەرىئەت -ئىلاھىي يولدۇر. ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمانلارغا ھايالىق بولۇشنى كۆپ تەكىتلەيدۇ. ئەگەر ئىنسان بۇ يولدا ماڭسا زېمىننىڭ خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلالايدۇ ۋە بەخت- سائادەتكە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ ئإۈچإۈن، شەرىئەتنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان شەرم- ھايا ئادەم ئاتىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامــغىچە ئۆتكەن جىمى پەيغەمبەر بىردەك ۋەسىيەت قىلىپ كەلگەن نېگىزلىك ئەخلاقتۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: "ئەلۋەتتە ھەر بىر دىننىڭ بىر ئەخلاقى بولىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقى بولسا ھايادۇر".
ئىسلام دىنى ھايانىڭ ئىماننىڭ بىر جإۈملىسىدىن قىلدى. ھەزرىتى قۇردەتە ئىبنى ئەيسادىن رىۋايەت قىـلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: "بىز پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرگە ئىدۇق،ئۇنىڭ ئالدىدا ھايا زىكرى قىلىنــدى. ساھابىلارنىڭ بىرسى: ' ھايا دىننىڭ جۈإملىسىدىنمۇ؟' دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبىرىمىز: ' بەلكى ئۇ دىننىڭ ھەممىسى' دەپ جاۋاب بەردى".
مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى تإزەشنى ئاۋۋال ھايادىن باشلىشى كېرەك. ھايانىڭ بىر قانچە مەرتىــبىلىرى بار، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىش. ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىش ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، توسقانلىرىدىن يىراق بولۇش، پەرز قىلغان ئەمەللىرىنى ياخشى ئورۇنداش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئإۈچ كىشى مەخپىي گەپلەشسە ئاللاھ تائالا تۆتىنچىسى بولىدۇ، تۆت كىشى مەخپىي گەپلەشسە ئاللاھ تائالا بەشىنچىسى بولىدۇ...شۇنداقلا ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۇلار نەدە بولسا ئاللاھ تائالا ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىئۇلارغا قىيامەت كۈإنى خەۋەر قىلىنىدۇ. مۆمىننىڭ ئىمانى، ئېڭى مۇشۇ باسقۇچقا يەتكەندە ئۇنىڭ ھاياسى ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن توسىدۇ، ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈإندەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ئېلىم- سېتىمدا ساختىلىق قىلىشتىن، ھارام يېيىشتىن، جازانىخورلۇقتىن، پارىخورلۇقتىن ۋە باشقا ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن توسىدۇ. ھەزرىتى ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇدتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: 'ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي ھايا قىلىڭلار' دېدى، بىز:' ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بىز ئاللاھتىن ھايا قىلىمىز' دېيىشتۇق. پەيغەمبىرىمىزمۇنداق دېدى:' ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي ھايا قىلىش-باشنى ۋە باشتا ساقلانغان نەرسىنى ساقلاش،قورسىقى ۋە قورسىقى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىنى ساقلاش، ئۆلۈإم ۋە بالا-قازانى ياد ئېتىش.كىمكى ئاخىرەتنى ئويلىسا دۇنيانىڭ زىبۇ زىننەتلىرىنى تاشلايدۇ، مۇشۇنداق قىلغان كىشى ئەلۋەتتە ئاللاھتىن ھايا قىلغان بولىدۇ' دېدى".
ئى مۇسۇلمانلار! مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مەرھەمەت قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا قايتىدىغان، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدىغان، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغان كإۈندىن قورقۇڭلار! ھايا بىلەن زىننەتلىنىڭلار! ھايا ئەخلاقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى كېلەچەكتىكى بەخت- سائادىتىڭلارنىڭ ئەڭگۈإشـتىرى قىلىڭلار! مانا بۇ سىلەرگە پايدىلىقتۇر.
("جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى" ژورنىلى 2001 - يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى)
تەكلىماكان بلوگقا
Post Commentsئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
زىيارەت كۆرسەتكۈچى
كىرگەنلەر سانى
كىرگەنلەر سانى
0 ئىنكاس:
ئىنكاس