mountain and grassland

ئىگىز تاغلار ۋە يايلاقلار



ئىگىز تاغلارغا چىقىپ باققانلار بارمۇ ؟














5 ئىنكاس:

Anonymous يازغان ئىنكاس

Very good......

Anonymous يازغان ئىنكاس

ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى


نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)


مۇندەرىجە

مۇقەددىمە ئورنىدا
1. ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى خىيالى قانداق تۇغۇلدى ؟

2. جاللاتلار ئارىسىدىكى 50 يىللىق كېلىشىم.
3. نەدە ئۇران بار؟
4. ستالىننىڭ قىلىچى-ئەيتىنگون قانداق ئۇچۇرغا ئېرىشتى ؟

5. كرېمىلدىن چىققان سادا: شېڭ شىسەينى يىقىتىش كېرەك!

6. ناگاساكى ۋە غۇلجا

7. ئارشاڭ ۋە كۆكتوقايدىكى قېزىش
8. ستالىننىڭ ئۇران پىلانىنى كىم پاش قىلىپ قويدى؟
9. ئازادلىق ۋەدىسىگە ئالماشتۇرۇلغان بايلىقلار

10. "سىز كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىدىڭىزمۇ"؟ -ئامېرىكىلىقلار نېمىنى بىلمەكچى بولدى؟
11. ئەخمەتجان قاسىمى ئۆلگەن كۈننىڭ ئەتىسى پارتلىغان ئاتوم بومبىسى

خۇلاسە ئورنىدا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى خەلقئارالىق ئاتوم كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

مۇقەددىمە ئورنىدا

20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن زور مەبلەغ سەرپ قىلدى. بولۇپمۇ، گىتلېر گېرمانىيىسى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيانى بويسۇندۇرۇش پىلانىنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكى ئۈچۈن ھەربىي خامچوتىنى يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىپ، ھەربىي تېخنىكىنى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ھەم ئەڭ ئۈستۈن ھەربىي قۇۋۋەتلەرگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق كۆزلىگەن پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. 2-جاھان ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىش ھارپىسىدىكى ئەنە شۇ قۇدرەتلىك كۈچلەر رىقابىتى ئەۋجى ئالغان پەيتلەردە ئىلگىر-كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ئالىملىرى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك پارتلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بومبا ياساپ چىقىش مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، مەزكۇر بومبىنى ياساش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر قوللىنىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئاتوم تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ياساش پىكرى ئالدى بىلەن 1939-يىلى گېرمانىيە پولشانى بېسىۋېلىپ، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقاندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. 1939-يىلى، گىتلېر گېرمانىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالىماي، ياۋروپادىن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن بىر قىسىم ئاتوم ئالىملىرىدىن ۋېنگىرىيىلىك فىزىك كىلاد سېيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەردە گېرمانىيە ئاتوم بومبىسىنى بۇرۇن ياساپ چىقسا ،ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئارقىدىنلا ئېينىشتەيىن شۇ يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۇۋېلتقا خەت يېزىپ، ئاتوم بومبىسى ياساش تەكلىپىنى سۇندى. 1940-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا ئالىملىرى ئارىسىدا مەخسۇس ئاتوم بومبا ياساش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، پەقەت 1941-يىلى، 6-دېكابىر كۈنى ياپونىيە دېڭىز ۋە ھاۋا قىسىملىرى ھاۋاي ئارىلىدىكى پرېل- خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاشتىن بىر كۈن بۇرۇنلا روزۇۋېلت ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش ۋە جىددىي تەرەققى قىلدۇرۇش لايىھىسىنى تەستىقلىدى. 1942-يىلى، 8-ئايدا ئاتوم بومبىسى ياساشنى مەقسەت قىلىدىغان " خامىلتون لايىھىسى" نى تەستىقلاپ، مەزكۇر لايىھە بويىچە ئاتوم قورالى ياساشقا كىرىشتى. 1943-يىلى 7-ئايدا بولسا، ئاتوم تەتقىقات ئىنىستىتۇتى قۇرۇلۇپ، بۇ ساھەدىكى پۈتۈن تەتقىقاتلارنى مەركەزلەشتۈردى.(1)

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1940-يىلى ئاتوم بومبىسى ياساشنى قارار قىلىپ، بىر مەخپىي كومىتېت قۇردى. بۇ كومىتېتقا گېرمانىيىدە تۇغۇلغان كوممۇنىست ، ئەمما 1933-يىلى گېرمانىيىدىن ئەنگلىيىگە كېتىپ، شۇ يەردە ئوقۇپ يەرلىشىپ قالغان ، فىزىكا ئالىمى كلائۇس فكۇسمۇ قاتناشتۇرۇلدى. بۇ ئارىدا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئاتوم ياساش ساھەسى بويىچە يېقىندىن ھەمكارلاشقان بولۇپ، 1943-يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيە ئاتوم ئالىملىرى ئامېرىكىنىڭ "خامىلتون پىلانى"غا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەت بىرلىكتە ئاتوم تەتقىقاتى ۋە ياساش ھەمكارلىقى ئېلىپ بارغاندا، فكۇسمۇ ئامېرىكىغا بېرىپ، مەزكۇر لايىھىگە قاتناشتى ھەمدە ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت تېخىمۇ زور مەخپىيەتلىكلەرنى بىلىش ھەتتا ئاتوم بازىسىنىڭ فىزىكا تەتقىقاتىغا مەسئۇل بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.(2)

ناتسىستلار گېرمانىيىسىدىكى ئاتوم پىلانى 1939-يىلى باشلانغان بولۇپ، گېرمانىيە ھەربىي تەييارلىقلار ۋە پىلان ئىدارىسى ئاتاقلىق فىزىكا ئالىملىرىدىن ۋېرنا خەرسېنبېرگ بىلەن ئوتتو گاننىڭ باشلامچىلىقىدا "ئۇران جەمئىيىتى" نامى ئاستىدا تەتىقىقات ئورگىنى تەسىس قىلىش بىلەن ئاتوم تەتقىقاتى ۋە ئاتوم بومبىسى ياساشقا جىددىي كىرىشتى. ئۇنىڭ ئالدىدا ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پوۋل ھاداك گىتلېرگە ئاتوم بومبىسى ياساش ، ئەگەردە گېرمانىيە ئاتوم بومبىسىنى ياساش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولسا، ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان ئىدى. 1940-يىلى شىمالىي ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئۇران كانلىرىنى تېپىپ ئۇران ئايرىش مۈمكىنچىلىكىگە ئېرىشتى ھەمدە 1940-يىلى 5-ئايدا نورۋىگىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادىكى بىردىن بىر ئېغىر سۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان نورۋىگىيىنىڭ ۋەيمونك زاۋۇتىنى كونترول قىلدى شۇنىڭدەك يەنە بېلگىيىنىڭ ئۇران كانىنى كونترول قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانى ئۈچۈن ئىشلەتتى. شۇ يىلى، 12-ئايغا كەلگەندە ئۇران تاۋلاش تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، گېرمانىيە ئالىملىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتوم بومبىسى ياساشقا كېرەكلىك تېخنىكىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ھەم تەرەققى قىلدۇرۇپ، مول تەجرىبىلەرنى توپلىغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيىنىڭ يادرو قورالى ياساش پىلانى ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملىرى ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ئۇچراپ، ناتسىسلارنىڭ ئاتوم بومبىسىنى ياساپ پۈتتۈرۈش ۋاقتى ئارقىغا سۈرۈلدى. مەسىلەن 1943-يىلى، 2-ئايدا ئەنگلىيە ئالىي ھەربىي قوماندانلىق شىتابى گېرمانىيىنىڭ نورۋىگىيىدىكى ۋەيمونك ئېغىر سۇ ياساش زاۋۇتىنى پارتلىتىش ئۈچۈن بىر زەربىدار ئەترەت تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالتە كىشىلىك مەزكۇر گۇرۇپپا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ زاۋۇتنى پارتلىتىۋېتىپ ، گىتلېرنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. بۇ زاۋۇت بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئاتوم بومبىسىغا كېرەكلىك ئېغىر سۇ ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىنچىلىكىدىن مەھرۇم قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال گېرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى بۇرۇن ياسىشىنى كېچىكتۈرۈپ، ئىتتىپاقچىلارنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىش رول ئوينىدى. ئەلۋەتتە، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاتوم بومبىسى ياساشقا ئەڭ بۇرۇن كىرىشىپ، يەنىلا ئۇنى ياساپ چىقىشقا ئۈلگىرەلمىدى؟ دېگەن سوئال ھازىرغىچە مۇنازىرە قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئەسلەپ ئۆتۈش مۇمكىن.

بىرىنچىدىن، ئىتتىپاقچى ئارمىيىنىڭ ناتسىسلارنىڭ ئاتوم ياساش بازىلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئۇلارغا تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ سەپلەردە ئۇرۇش قىلىشى نەتىجىسىدە ماددى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ئاتوم پىلانىغا سېلىنغان مەبلەغدە كەمچىللىك كۆرۈلۈشى.

ئىككىنچىدىن ، ئاتوم تەتقىقات تارماقلىرىنى تارقاقلاشتۇرىۋېتىپ، بىر مەركەزگە يىغىنچاقلىنالماي، ئالىملار ئارىسىدا دائىم پىكىر ۋە تەتقىقات ئىختىلاپلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى شۇنىڭدەك يەنە ناتسىسلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىرقىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئېينىشتەيىن قاتارلىق كۆپلىگەن يەھۇدىي ۋە باشقا مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان ئاتوم ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنى چەتكە قېقىشى ھەمدە ئۇلارنى زەربە بېرىشى ئوبېيكتى قىلىش تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسى ئۈچۈن ئىشلەشتىن باش تارتىپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى.

ئۈچىنچىدىن ، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قۇدرىتىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىپ، ئاتوم قورالى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى مەۋجۇت ھەربىي كۈچىگە تايىنىپمۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ غەلىبىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا بولغان ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىشتىن كېلىپ چىققان ئۆزلىرىنى كۈچلۈك چاغلاش ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنچىۋالا تېز ئارىدا ئاتوم بومبىسى ياسىيالىشىغا ئىشەنمىگەنلىكى قاتارلىق خاتا ھۆكۈملىرىمۇ ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە كۈنسايىن جىددىيلىشىشى ھەمدە ئۇرۇش سەپلىرىنىڭ كېڭىيىشى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ 1944-يىلىدىن تارتىپ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا ئۆتۈش جەريانىدا ئاتوم قورالىغا ئىگە بولۇش ۋەزىيەتنىڭ مۇھىم تەقاززاسىغا ئايلانغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا مەزكۇر قورالغا تېز ئىگە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ جىددىي ھەمدە مۇتلەق مەخپىي تەدبىرلەرنى ئالدى. چۈنكى، مەزكۇر قورالنىڭ ئالدى بىلەن كىمنىڭ قولىدا بولۇش ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە تەرتىپىنى بەلگىلەشتىكى ئۈستۈنلۈككە باغلىنىشلىق مەسىلە بولغاچقا، ئەگەردە مەزكۇر قورال گىتلېر گېرمانىيىسى تەرىپىدىن بۇرۇن ياسىلىپ، ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىلسە، ناتسىستلارنىڭ پۈتۈن سەپلەر بويىچە ئىتتىپاقچىلارنى ( سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگىلىيە ) مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشى، بەلكى گىتلېرنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇپ، 3-ئىمپېرىيە قۇرۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن 2- جاھان ئۇرۇشى داۋامىدا ئاتوم بومبىسى گېرمانىيىدىن بۇرۇن ياساپ چىقىش ۋە ياكى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا يول قويماسلىق ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي -سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاتوم پىلانى ۋە تېخنىكىسى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلدى جۈملىدىن ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە بۇ ساھەدە ھەمكارلاشسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز ئىتتىپاقىچىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ھەمدە ئورتاق رەقىبى گىتلېر گېرمانىيىسىدىن مۇتلەق مەخپىي تۇتقان بولۇپ، ئامېرىكا-ئەنگىلىيە مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى گېرمانىيە بولسۇن ھەر ئىككىلىسىنىڭلا بۇ قورالغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئىگە بولۇشىنى خالىمىغان ئىدى. چۈنكى، بۇ قورالغا مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ قايسىسى ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئىگە بولسا، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىلاپ بولۇپ، ئەگەر گېرمانىيە بۇرۇن ئىگە بولسا، 3-ئىمپەرىيىنىڭ قۇدرىتى ئىتتىپاقچىلارنى ۋەيران قىلىپ، دۇنيا سىياسىي تەرتىپىنى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ بەلگىلەش ئۈستۈنلۈكى بولاتتى. بۇ ئەلۋەتتە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئورتاق زىيانلىق بولسىمۇ، بىراق، ئامېرىكا-ئەنگىلىيىنىڭ ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قورالغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئىگە بولۇشىنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب، ئەگەر ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان تەقدىردىمۇ، 30 يىلدىن بېرى غەرب كاپىتالىزم دۇنياسى بىلەن رىقابەتلىشىپ ھەم دۈشمەنلىشىپ كەلگەن، دۇنيانى ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن ئىككىگە بولۇپ، ئۆزلىرىگە كۈچ توپلاپ، ئاخىرىدا كوممۇنىزم لوزۇنكىسى ئاستىدا پۈتۈن دۇنيادىكى رەھبىرى دۆلەتلىك سالاھىيەتكە ئېرىشمەكچى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم قورالىغا تايىنىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا زور ھەسسە قوشقان، ئەڭ غالىپ ۋە قۇدرەتلىك مەملىكەت سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ، خۇددى گىتلېر گېرمانىيىسىگە ئوخشاشلا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى زەربىگە ئۇچرىتاتتى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مەيلى ناتسىسىزم، مەيلى كوممۇنىزم بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىدىئولوگىيە بولۇپ، غەربنىڭ دېموكراتىك، ئەركىن ئىدىيىسى ۋە باشقا تۈرلۈك مەنپەئەتلىرىگە تامامەن خىلاپ ئىدى. نەتىجىدە، ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى قايتىدىن بېكىتىشتە يالغۇز سوۋېت ئىتتىپاقىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە بىر تەرەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىر تەرەپ بولۇپ، رول ئوينىدى. زاتەن، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىمۇ ئەنە شۇ مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىنىڭ خۇلاسىسىدىن ئىبارەت ئىدى خالاس.

ئۇنداقتا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم بومبىسى مەسىلىسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتتى ھەمدە بۇ ساھەدە قانداق ھەرىكەت قوللاندى؟ نېمە ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىن تۆت يىل كېيىن مەزكۇر قورالغا ئىگە بولالىدى ؟ دېگەن سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي. ئومۇمەن، بۇ ھەرگىزمۇ يېڭى سوئال ئەمەس، بەلكى مەزكۇر سوئاللار 50 يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئارىسىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇشىدا ئۇيغۇرلار ، جۈملىدىن 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى دۇنيا سىياسىي تارىخىدىكى بىر مەزگىللىك قىستۇرما كۈي بولغان "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ۋە ياكى "ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۇمىتى " قانداق رول ئوينىدى؟ دېگەن سوئالنى قوشقاندا مەزكۇر تېما بىراز يېڭىلىنىدۇ ھەمدە تولۇقلىنىدۇ.


1. ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى خىيالى قانداق تۇغۇلدى؟


بۈگۈنكى رۇسىيە تارىخچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتوم ياساش ئىدىيىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەمدە بۇ ساھەدە مەخسۇس پىلان تۈزۈپ، ئىشقا كىرىشىنىڭ گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىن كېيىن بولغانلىقىنى ھۆكۈم قىلسىمۇ، لېكىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىپ، ھەربىي تېخنىكىسىنى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ھەتتا 1939-1940-يىللىرىدا پولشا ھەم باشقا بۇر قىسىم شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بېسىۋېلىشى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئوخشاشلا ئەندىشىگە سالغان. گەرچە، 1939-يىلى، 23-ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە پولشاغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى باشلاشقا بىر ھەپتە قالغاندا موسكۋادا " سوۋېت ئىتتىپاقى-گېرمانىيە ئۆزئارا ئۇرۇش قىلماسلىق كېلىشىمى" تۈزگەن بولسىمۇ، بىراق موسكۋا يەنىلا ھەربىي جەھەتتىن گېرمانىيىدىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى . بولۇپ، گىتلېر پولشانى ۋە ئارقىدىنلا باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقا ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھەربىي جەھەتتە گېرمانىيىدىن ئاجىز قېلىشنى تېخىمۇ خالىمىدى. ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناۋاتقان ئەشۇ كۈنلەردە گېرمانىيە ئالىملىرىدىن ئوتتو گان، فرانسىيە ئالىمى فرېدېرىك زھولىيو كيۇرى قاتارلىقلار 1938-يىلى، ئۇران-235 نى پارچىلاش ئارقىلىق ،ئۇنىڭدىن كۈچلۈك بىر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى چىقىرىش مۇمكىنلىكىنى سەزدى. بۇ زور قىزىقىش قوزغىدى. ئارقىدىنلا رۇسىيە ئالىملىرىدىن گېئورگىي فلېروۋ بىلەن يۇلىيا خارتىنوۋ 1939-يىلى، ئۇران-235 رېئاكسىيىسىدىن كۈچلۈك پارتلاتقۇچ ياساش مۇمكىنلىكىنى بىلدى. 1939-1940-يىلى بولسا، ئاتوم بومبىسى ياساش مەسىلىسى ئامېرىكا ئالىملىرى ئارىسىدا ھەتتا مەتبۇئاتلىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. قىسقىسى ئاتوم بومبىسىدىن ئىبارەت پارتلىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك قىرغۇچى بومبا ئۈچۈن ئۇران-235نىڭ ھەل قىلغۇچ ماتېرىيال قىلىنىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنىپ بولۇنغان ئىدى.

ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ بىر قاتار زور ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە شۇنىڭدەك گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي پەن-تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلماسلىقى ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ۋە ئېغىر سانائىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئويلاشماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتى تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى رايون ("بۇففەر زونى") ھېسابلانغان شىنجاڭ ئۆلكىسىدىمۇ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يەر ئاستى بايلىقلىرىنى جۈملىدىن ئۇران ، ۋولفرام قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كەم ئۇچرايدىغان مېتال بايلىقلىرىنى تېپىپ چىقىپ ۋە قېزىپ، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سانائەت پىلانلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.(3)

1941-يىلى، 6-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغاپ، سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، سوۋېت ئالىملىرى ئارىسىدا ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر مەيدانغا چىقتى ھەتتا 1941-يىلى "ھەقىقەت" گېزىتىنىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئاكادېمىك پ. ل.كاپىتسېنىڭ "بىر شەھەرنى ھەتتا مىليونلاپ ئادەمنى بىراقلا قىرىۋېتىش مۇمكىن بولغان ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى ئىنكاسى ئېلان قىلىندى " (4). قىسقىسى، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت فىزىكا ۋە خىمىيە ئالىملىرى ئارىسىدا ھەقىقەتەن مۇنداق بىر قورالنىڭ ئىجاد قىلىنىشى مۇمكىنلىكىگە بولغان ئىشەنچ شەكىللىنىپ بولغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن زور مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىتىلىپ، دۆلەت تەقدىرى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان 1941-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرغان بىر يىغىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيا دوكلات بېرىپ، ئەنگىلىيىنىڭ ئاتوم قورالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇران پىلانى تۈزگەنلىكى ، ئامېرىكىنىڭ بولسا ئاتوم بومبىسىنى ياساشقا جىددىي تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى رازۋېتكا ئارقىلىق ئىگىلەنگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان(5). بۇ ماتېرىيالنى ئەنگىلىيىنىڭ ئۇران تەتقىقات كومىتېتىدا ئىشلەۋاتقان فىزىكا ئالىمى . سوۋەت جاسۇسى فكۇس مەخپىي تۈردە تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىنىڭ بەلكى ئىككى يىل ئىچىدە ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى يەتكۈزگەن(6). ئارقىدىنلا مەزكۇر جاسۇس يەنە ئۇران-235 نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئايرىلىش ھەققىدىكى تېخنىكىلىق ئۇچۇرلارنى، ئۇزۇن ئۆتمەي، بېرىتانىيە ھەربىي كابىنېتى تەييارلىغان ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى مەخپىي دوكلاتىنىڭ تولۇق تەكىستىنى موسكۋاغا يەتكۈزدى. بېرىيا بۇ ئۇچۇرلارنى ستالىنغا مەلۇم قىلدى. لېكىن، مەزكۇر ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى پەقەت كەسپىي ئاتوم ئالىملىرىلا چۈشىنەلەيتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ ماتېرىياللار تاكى 1943-يىلىغىچە بىر يېرىم يىل مەخپىي ساقلىنىلدى.(7)

شۇنى ئەسكەرتمەي بولمايدىكى، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنى پرولېتارىياتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ داھىيسى، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى دەپ ھېسابلىغان يوسىف ستالىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن قىممەتلىك، كەم ئۇچرايدىغان، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رەڭلىك مېتاللار جۈملىدىن "مۇناسىۋەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرى" نى تەكشۈرۈپ تېپىشقا ئۆزى بىۋاسىتە ئارىلىشىشى ھەم رەھبەرلىك قىلىشى، مەزكۇر پىلاننىڭ پەقەت ئاددىي ھالدا گېئولوگىيە ۋە رەڭلىك مېتال ساھەسىنىڭ خىزمىتى ئەمەسلىكى، بەلكى دۆلەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي قۇدرىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك.


2. جاللاتلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن 50 يىللىق كېلىشىم


گرۇزىيىدىن چىققان يوسىف ستالىن بىلەن مانجۇرىيىدىن چىققان شېڭ شىسەينىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ پاجىئەلىك تارىخىدا جاللاتلىق بىلەن مۇھىم ئىز قالدۇرغانلىقى تارىخ سوتى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ھۆكۈم قىلىنىپ بولۇنغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇستا يەنە بىر شاگىرت بولۇپ، بىراق رەھىمسىزلىكتە ھەر ئىككىسىلا ئوخشاش. ئۇستىسى ستالىن ئۆز ئايالىنى ھەم ئەڭ يېقىن دوستلىرى، ئۆزىنى قوللىغان مەسلەكداشلىرىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، شاگىرتى شېڭ شىسەيمۇ ئوخشاشلا بىر قوساقتىن تۇغۇلغان ئۆز ئىنىسىنى ھەمدە ئەڭ يېقىن دوستلىرىنى ئۆلتۈرگەن . ئالدىنقىسىنىڭ قولىدا مىليونلىغان ئىنسانلار ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە خانىۋەيران بولغان بولسا، ئوخشاشلا كېيىنكىسىنىڭ قولىدىمۇ يۈزمىڭلىغان ئىنسانلار ئۆلدى ۋە خانىۋەيران بولدى. يەنە كېلىپ، بۇ ئىككى شەخسنىڭ قولىدا ئۆلگەن ھەم ۋەيران بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ چىقىش تېخىمۇ قىيىن. ستالىننىڭ نەزىرىدە شېڭ شىسەي رەھبەرلىكىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى جاي بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 17- ۋە ياكى 18-جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشىتىلغان، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا غەرب سىياسىيونلىرى تاشقى موڭغۇلىيىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 16-جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاتقان ئىدى. بىراق، موسكۋانىڭ 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقىرىسىدىكى ، ئۆزى بىلەن چېگرا مەزكۇر ئىككى رايوننىڭ موسكۋا ئۈچۈن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى، كۆزلەنگەن مەقسىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى تاشقى موڭغۇلىيە پەقەتلا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىنلا ئېتىراپ قىلىنغان مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ، ئەمما، شىنجاڭ ئۆلكىسى نامدا جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ ئېيتىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ يەر نەنجىڭگە ئەمەس، بەلكى موسكۋاغا بېقىناتتى(8). ستالىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يەردە مەيلى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ۋە ياكى باشقا مىللەتلەر ھەتتا مىلىتارستلار تەرىپىدىن مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق قارارىغا كەلگەن بولۇپ، ھەتتا شېڭ شىسەينىڭ ئۇدا بىر قانچە قېتىم شىنجاڭنى مۇستەقىل سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت قىلىش ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلاندۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلىپ،(9) شېڭ شىسەينىڭ " 6 بۈيۈك سىياسىتى" نىڭ تەركىبىگە "شىنجاڭنى ئەبەدىي جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىش" دېگەن ماددىنى كىرگۈزگىزدى (10). ئەينى ۋاقىتتىكى مەزكۇر ئۆلكە ستالىن ئۈچۈن ئۆز ئېغىر سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سانائەت خام ئەشياسى ھەم چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى شۇنىڭدەك يېنىك سانائەت ماللىرىنى ئوڭچىۋاشقا سېتىپ، زور سودا-ئىقتىساد كاپىتالى يارىتىدىغان مەخسۇس بازىرى ئىدى. غەرب دۇنياسىدا پەيدا بولغان ئاتوم قورالى ياساش پىلانىدىن ئارقىدا قېلىشنى خالىمىغان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ جايدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قىممەتلىك، كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرى، قىسقىسى رادىئاكتىپلىق مېتاللارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ھەم ئۇنى قېزىش پىلانىنى ئاللىبۇرۇن بېكىتىپ بولغان ئىدى. ئەنە شۇ پىلان بويىچە، 1940-يىلى 26-ئۆكتەبىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشى يىغىن ئېچىپ، " شىنجاڭدا قەلەي ئىزدەش ھەم ئېلىش" ھەققىدە بىر مۇتلەق مەخپىي قارار قارارى قوبۇل قىلغان.(11) "مۇتلەق مەخپىي" دەپ بېكىتىلگەن مەزكۇر قارار رۇسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىدىكى "ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى" دا ساقلانغان بولۇپ، بۇ ھۆججەت ھازىر تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن .(12)

ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق :

سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۆلكىسىدە قەلەي ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كەم ئۇچرايدىغان پايدىلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش ھەققىدە تۆۋەندىكى قارارنى چىقىرىدۇ؛

1. سوۋېت ئىتتىپاقى رەڭلىك مېتال خەلق كومىسسارىياتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كېلىشىم لايىھىسىنى تەستىقلاش
2. خەلق رەڭلىك مېتال كومىسسارىياتىغا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى بىلەن 50 يىللىق مۆھلەت بىلەن شىنجاڭ تېررىتورىيىسىدە قەلەي ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش ھەم مەنبەلەرنى تەكشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ھەققىدە كونسېسسىيە كېلىشىمى تۈزۈش ھوقۇقى بېرىش.

3. شىنجاڭدا قەلەي ئىزدەش، مەنبەلەرنى تەكشۈرۈش ھەم ئىشلىتىش ئىشلىرى بويىچە كونسېسسىيە باشقارمىسىغا تۆۋەندىكى تەركىبنى بەلگىلەش
1) باشقارما باشلىقى. يولداش كارپېنكو فېدور ئاگېيەۋىچ
2) مۇئاۋىن باشلىقى يولداش شىبايېۋ پېتس ئاندرېيېۋىچ
3) باش ئىنجېنېر يولداش شىمانوۋ كونستانتىن ئىۋانوۋىچ
4) باش گېئولوگ يولداش لوزھېچكىن مىخائىل پاۋلوۋىچ

4. ف.ئا كارپېنكوغا ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلى يولداش باكۇلىن ئىۋان نىكولايېۋىچنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن كونسېسسىيە ھەققىدە كېلىشىم ئۈچۈن سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشنى تاپشۇرۇش
5. خەلق رەڭلىك مېتال كومىسسارىياتى 1940-يىلى دېكابىردىن بۇرۇن 1941-يىللىق كونسېسسىيە خىزمەت پىلانىنى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشى ۋە كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.
6. سسسر خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشى يېنىدىكى ئىقتىسادى كېڭەش خەلق رەڭلىق مېتال كومىسسارىياتى تەلەپ قىلغان بارلىق كېرەكلىك ماتېرىياللار، ماددىي بۇيۇملار ۋە پۇلنى 1940-يىلىنىڭ 4- كۋارتالىغىچە ئاجرىتىپ بولۇشى كېرەك .

س س س ر خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋىچېسلاۋ مولوتوۋ.
كومۇنستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى يوسىف ستالىن (13)

سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدا ئېلىنغان ئەنە شۇ مەخپىي قارار بويىچە شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۇنى باكۇلىن، كارپېنكو باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا 50 يىللىق مۆھلەتلىك" سوۋېت ئىتتىپاقى-شىنجاڭ كونسېسسىيە كېلىشىمى" ئىمزالىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى 50 يىلغا قەدەر بۇ زېمىننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش، سودا-ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قانۇنلاشتۇردى. شېڭ شىسەي بىلەن ستالىن ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، بۇنى ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلمەيتتى(14). سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر كونسېسسىيە كېلىشىمى ئارقىلىق گېئولوگىيە خادىملىرىنى خالىغانچە، ئەركىن ھالدا شىنجاڭدا پائالىيەت قىلدۇرۇش، يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىمتىيازلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ستالىننىڭ مۇنداق زور ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشى، ئەمەلىيەتتە، ستالىننىڭ 1934-يىلى خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شېڭدۇبەن باشچىلىقىدىكى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئۆلكىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشى، خوجا نىياز ھاجىمنى مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى قىلىپ، قىلتاققا چۈشۈرۈپ بېرىشى، "ئالتايسكى" نامىدىكى قىزىل ئارمىيە كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، 1934-يىلى ما جوڭيىڭنى ئۈرۈمچى ئەتراپىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشى شۇنىڭدەك ئاخىرىدا يەنە 1937-يىلى تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا قايتىدىن قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئابدۇنىياز بەگ ۋە ما خۇسەن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر-تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ، لەپپەڭشىپ قالغان شېڭشىسەي ھۆكۈمىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىغا بېرىلگەن تۆلەم ۋە ياكى بەدەلدىن ئىبارەت بولۇپ، پۈتۈنلەي دېگۈدەك موسكۋانىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان شېڭ شىسەينىڭ مۇنداق قىلمايمۇ ئامالى يوق ئىدى.

3. قەيەردە ئۇران بار؟

ستالىن، ئەينى ۋاقىتتىكى چۈشەنچە بويىچە ئالغاندا، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتىكى "ئەنگۈشتەر" ھېسابلىنىدىغان ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقىش ئىدىيىسىگە كەلسىمۇ، لېكىن بۇ قورال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق كەم ئۇچرايدىغان رادىئاكتىپلىق ماددا ئۇران زاپىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە تېخى تېپىلمىغانلىقىنى، موسكۋانىڭ قولىدا ئازراقمۇ ئۇراننىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنى ئىزدەش ھەمدە قېزىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، ئاتوم يادرو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە كېرەك بولغان يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ۋەزىپىسى سوۋېت ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى ۋالەنتىنە بېرىياغا تاپشۇرۇلغان ئىدى.
ئۇنداقتا نەدە ئۇران بار؟ بىر دانە ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن زادى قانچىلىك ئۇران كېرەك؟ بۇ ئۇراننى قانداق ئۇسۇل بىلەن تاۋلاپ، ئاخىرىدا ئۇنى قورالغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن؟ دېگەندەك يۈز مىڭلىغان سوئاللار سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن تېخى ھەل قىلىنمىغان ھەم ھەل قىلىنىشى ناھايىتى مۇشكۈل بىر سىر ئىدى. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ستالىن باشلامچىلىقىدا شېڭ شىسەي بىلەن كونسېسسىيە كېلىشىمى تۈزۈپ، شىنجاڭدا قەلەي كانلىرىنى ئىزدەش ۋە قېزىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشىنى قانداقتۇر، ئاددىلا قەلەي ئىزدەش دەپ ھۆكۈم قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ بىر كۆرۈنۈشتىكى شەكىل بولۇپ، ھەقىقىي مۇددىئا ئەسلىدىن چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى تەرىپىدىن يەر ئاستى بايلىقلىرى ئىنتايىن مول دەپ ئالدىن ھۆكۈم قىلىنىپ بولۇنغان بۇ زېمىندا ئۇران كانلىرىنىڭ بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى نەزەرگە ئېلىنىپ، ئۇران قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان ، قىممەتلىك يەر ئاستى مىنېراللارنى ئىزدەشتىن ئىبارەتتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە ئالىملىرى ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1941-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغان . ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق گېئولوگىيە ئالىمى بولغان ئاكادېمىك بورىس سوكولوۋ ئۆزىنىڭ 1941-يىلى ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇنىڭ تاكى 1943-يىلىغىچە شىنجاڭدا رەڭلىك مېتاللار ۋە نېفىت مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم گېئولوگىيىلىك سۈرەتكە ئېلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى" ئەسلەپ ئۆتكەن. ( 13) سوۋېت گېئولوگىيە ئالىملىرى بىر قانچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمال تەرەپلىرى، ئالتاي، پامىر ۋە قارار قورۇم تاغلىق رايونلىرىدا تاكى 1943-يىلىنىڭ بېشىغىچە قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇر تۇپراقلىرى ھەققىدە ئەڭ ئەتراپلىق ماتېرىياللارغا ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا مەيلى جۇڭگو، مەيلى ئەنگلىيە ۋە ياكى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى مەزكۇر ئۆلكە توغرىسىدا بۇنچىلىك چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئەمەس ئىدى.
ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىمۇ 1941-1942-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. ھەتتا، رۇس تىلىنى ياخشى بىلگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ 1941-يىلىدىن تاكى 1942-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە ئالىملىرىغا تەرجىمان بولۇپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا بىر يىل ئەتراپىدا تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلىقى ھەققىدە تولۇقسىز مەلۇماتلار مەۋجۇت. شۇ تەكشۈرۈشتە قەشقەردىن قېتىلىپ، يول باشلىغۇچى بولغان قىرغىز ئاق يولبەگنىڭ ئەسلىشىچە، ل. مۇتەللىپ ۋە ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوۋېت گېئولوگىيە تەكشۈرۈش خادىملىرى 1941-يىلى 6-ئايلاردا قەشقەر تەۋەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە تاشقورغان، قىزىل تاغ، قوشراپ، يەركەنت قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، خوتەننىڭ يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېمىغا جايلاشقان قاراڭغۇ تاغ دېگەن يەرگىچە بارىدۇ. ( 14) بىراق، مەزكۇر سوۋېت گېئولوگىيە ئەترىتى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قايتىپ، 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كېتىدۇ. لۇتفۇللا مۇتەللىپ دوستى ئاق يولبەگكە تۇيۇقسىز قايتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ. ( 15). ئەمما، پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ل. مۇتەللىپ، 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ چاغدا شېڭ شىسەي بارا-بارا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ، گومىنداڭ بىلەن ئالاقە ئورنىتىۋاتقان بىر پەيت ئىدى. ل. مۇتەللىپ تەرجىمانلىق قىلغان سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئەمەلىيەتتە ئەشۇ ستالىن بىۋاسىتە بۇيرۇق بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇران قاتارلىق رادىئاكتىپلىق ماددىلارنى ئىزدەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەلۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ شېڭ شىسەينىڭ رازىلىقىنى ئالغان بۇ تەكشۈرۈشنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ موسكۋانىڭ مۇتلەق مەخپىي ئاتوم بومبىسى ياساش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇپ، پەقەت يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە نېفىت مەنبەلىرىنى ئىزدەش ھەم تەكشۈرۈش دەپلا ئاتىغانلىقى ئۈچۈن 19 ياشلىق ئاددىي تەرجىمان ل. مۇتەللىپلا ئەمەس ھەتتا 1938-يىلىدىن تارتىپ سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، ستالىننىڭ ئىشەنچىلىك مۇرىتى بولغان، ئۆلكىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى شېڭ شىسەينىڭمۇ مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ تۈپ مەقسىتىنى بىلمەسلىكى تەبىئىي ئەھۋال بولسا كېرەك. شۇ قېتىم جەنۇپ تەرەپتە پامىر ئېگىزلىكىنى ئاساسىي تەكشۈرۈش نۇقتىسى قىلغاندا سوۋېت ئالىملىرىنىڭ ئۇران زاپىسى بەلۋېغىنى بايقىغانلىقىنى نەزەردىن قالدۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئۇلار ئۇران زاپىسىنى بايقىغاندىن كېيىنلا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى 1947-يىلى ئەشۇ سوۋېت گېئولوگىيە ئالىملىرى تاشقورغان بىلەن تۇتاشقان پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تاجىكىستان تەۋەسىدىن زور مىقداردا ئۇران كانى تېپىپ، ئۇنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى باشلىغان ھەمدە پامىر ۋە تەڭرى تاغ سىستېمىسى تۇتۇشۇپ كەتكەن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاننىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىغا يېقىن بەلۋاغلىرىدىن ئۇران زاپاسلىرىنى تاپقان ئىدى.(16)

سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ستالىن گەرچە دەسلەپكى بىر قانچە ئايلار ئىچىدە گاڭگىراپ قالغان، پۈتۈن دىققىتى قانداق قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قېلىش ۋە موسكۋا، لېنىنگراد ھەم ستالىنگراد قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەرنى مۇداپىئە قىلىشقا قارىتىلغان بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭدا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنى بىراقلا بوشاشتۇرۇپ قويمىغان. سەۋەب شۇكى، ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئاساسلىق ئېغىر سانائەت بازىلىرىنى ئۇرال تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى سىبىرىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە يۆتكىگەن بولۇپ، بۇ زاۋۇتلار ھەربىي قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا جىددىي كىرىشىپ كەتكەن. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن يەر ئاستى بايلىقلىرى تېخىمۇ كېرەك بولۇپ، خام ئەشياغا بولغان ھاجەت ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى ۋاقتىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا ستالىننىڭ بۇ ئۆلكىنى ئۆزىنىڭ خام ئەشيا ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتىكى ئارقا سەپ خەرىتىسىگە كىرگۈزگەنلىكى تەبىئىي.

1942-يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە سوۋېت ئارمىيىسى موسكۋا بوسۇغىسىدا گىتلېر ئارمىيىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، موسكۋانى قوغداپ قالغاندىن كېيىن، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىلىق ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم پىلانىنى جىددىيلەشتۈردى. شۇ يىلى، 30-ئىيۇن كۈنى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئۇران قېزىشنى تەشكىللەش ھەققىدىكى قارارى تەستىقلانغان بولسا، 28-سېنتەبىر كۈنى يوسىف ستالىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ 2352- نومۇرلۇق " ئۇران خىزمىتى تەشكىللەش ھەققىدە" ناملىق بۇيرۇقىنى تەستىقلىدى (17). مەزكۇر بۇيرۇقتا سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە ئالاھىدە ئاتوم يادروسى لاباراتورىيىسى قۇرۇش قارار قىلىنغان. ۋ. مولوتوۋ دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ نىڭ 2542- نومۇرلۇق " ئۇران قېزىش" قارارىنى تەستىقلىغان (18).
1942-يىلى ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى رازۋېتكىسى ئۇران مەسىلىسى بويىچە ئەنگلىيىنىڭ كۆپلىگەن مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ تۇردى. ئامېرىكىنىڭ ئاتوم پىلانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ داۋاملىق تۈردە ئىتالىيىلىك سوۋېت جاسۇسى بۇرنو ئونتېكورۋو تەرىپىدىن يەتكۈزۈلۈپ تۇردى (19). كلائۇس فۇكىس ۋە بۇرنو ئونتېكورۋو قاتارلىق مەزكۇر سوۋېت جاسۇسلىرى ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ئاتوم تېخنىكىسىدا قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەر ھەتتا پىلانلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكا ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيىنىڭ ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئاساسەن كەلمىگەن.( 20) . ستالىن 1943-يىلى 11-فېۋرالدا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ "ئاتوم بومبىسى ياساش ھەققىدىكى پروگراممىسى ۋە قارارى"نى تەستىقلىدى ھەمدە ئاكادېمىك كۇرچاتوۋنى "2-نومۇرلۇق لابوراتورىيە" يەنى "مەخپىي ئاتوم ياساش ئىنستىتۇتى"نىڭ دىرېكتورى قىلىپ قىلىپ تەيىنلىدى . سوۋېت ئاتوم ئالىملىرى چەتئەللەردىن ئېرىشكەن ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ ساھەگە جىددىي كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ساھەدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىلىشى ناھايىتى ئاستا بولدى(21). سەۋەب شۇكى، بۇ ۋاقىتقىچە سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدا ئۇران كانلىرى تېخى تېپىلىپ، ئۇران قېزىش باشلانمىغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسكىلاتىدا ئۇران يوق بولۇپ، "2-نومۇرلۇق لاباراتورىيى"دە پەقەت بىر قانچە كىلوگراملا ئۇران بولغان(22). دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور مىقداردا ئۇرانغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئاتوم بومبىسىنى ياسىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۇرانلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدا ئىلگىرىلەشلەر داۋاملاشماقتا ئىدى.

Anonymous يازغان ئىنكاس

4. ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭽﻰ - ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ ؟

ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻛﮓ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ، 40-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ( ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻙ ﮒ ﺏ )ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ، ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻟﯧﻴﺘﯧﻨﺎﻧﺖ ﭘﺎﯞﻝ ﺳﯘﺩﭘﻼﺗﻮﯞﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺸﯩﭽﻪ، 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻫﺎﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻨﻰ، ﻳﻮﺳﯩﻒ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭ ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ (23). ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭﻯ ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻣﯧﻜﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ، ﻟﯧﻨﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﻮﻧﺎ ﺭﻩﻗﯩﺒﻰ ﻟﯩﯟ ﺗﺮﻭﺗﺴﻜﯩﻴﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﻪﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻙ ﮒ ﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ(24).
ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺳﯘﺩﭘﻼﺗﻮﯞ " ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﺍﺵ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻳﻮﺳﯩﻒ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ." ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ (24).ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ. ﮔﻪﺭﭼﻪ، ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻧﻨﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﺭﻩﺯﻟﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. ﺭﯗﺱ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﯞﺍﺩﯨﻢ ﺋﻮﺑﯘﺧﻮﯞ ﺑﯘ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﻛﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ (25). ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗﻛﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﻪ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺟﺎﯓ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﻝ-ﻛﯧﺴﯩﻞ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﺘﺎﻥ، ﯞﻭﻟﻔﺮﺍﻡ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻣﯧﺘﺎﻝ ﺯﺍﭘﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻮﻝ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﯞﻩ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﯞﺍﺩﯨﻢ ﺋﻮﺑﯘﺧﻮﯞ ، ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﭽﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﯧﺘﺎﻝ ﺯﺍﭘﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. (26)
ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﺗﻮﻗﺎﻱ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ-ﺳﺎﯞﯗﺭ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺳﯧﺰﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﻙ ﺗﻮﻗﺎﻱ ﻛﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻣﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ .

ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، 1943-ﻳﯩﻠﻰ، ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻧﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯩﻨﺨﻪﻱ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ 32 ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ، ﺟﯘﯕﺨﯘﺋﺎ ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﻮﺷﻤﺎ ﺷﺘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ (27). ﺟﺎﯓ ﻛﻪﻳﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﮕﺮﺍﺩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﯧﭙﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ 12 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ " ﺑﯘﻓﯧﺮ ﺯﻭﻧﻰ"( ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻥ) ﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯘ ﻗﻮﺭﺍﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ، ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ؟ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻮﯕﭽﯩﯟﺍﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯘﻟﯘﻕ؟ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻛﺮﯦﻤﯩﻞ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻏﺎﯕﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﺍﭖ، ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ -ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﺩﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻳﻮﻝ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.

5. ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍ: ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ !

ﺩﯦﻤﻪﻙ ، 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻟﻮﻧﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ "ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﻧﭽﯩﻘﯩﺪﯨﻦ " ﺩﻩﻛﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ،1931-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ 1933-ﻳﯩﻠﻰ، 12-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، 1933-ﻳﯩﻠﻰ، 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12-ﻛﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﺘﻪ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺑﻪﻧﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﺎ ﺟﻮﯕﻴﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﯨﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺖ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ "ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺴﻜﯩﻲ" ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻣﺎﺟﻮﯕﻴﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﺘﺎﺭﯨﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ(28). 3-ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﺎﺗﺴﯩﻴﻮﻧﺎﻝ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺖ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.(29)

1934-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ 1942-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺟﯘﯕﺨﯘﺋﺎ ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻳﯚﻟﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻗﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻫﻪﺗﺘﺎ 1940-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ 50 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻛﻮﻧﺴﯧﺴﺴﯩﻴﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﯞﻭﻟﻔﺮﺍﻡ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺳﻮﯞﯦﺖ-ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﭖ، ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ. 1943-ﻳﯩﻠﻰ، 3-ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻧﯩﻘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ 8-ﭘﻮﻟﻚ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯘﺩﻭﯕﺨﺎﺑﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﻣﺎﻳﺘﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﯧﻔﯩﺘﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ (30). ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻣﻮﻟﻮﺗﻮﯞﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻨﻰ ﺩﯦﻜﺎﻧﺎﺯﻭﻓﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯗﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯘ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ -ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ، ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻼﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﯞﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ 1943-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﯧﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺘﭽﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻗﯧﺰﯨﭗ، ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﯧﻨﯩﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ.


ﮔﻪﺭﭼﻪ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﯞﻩ ﺟﺎﯓ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﭼﺎﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺳﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻼ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﺎﺟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻓﺮﻭﻧﺖ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺰﺭﻩﻙ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﻫﻮﻗﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ ( 31).

ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ( 32) ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭ 1943-ﻳﯩﻠﻰ 16-ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺮﯦﻤﯩﻞ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯘﻳﻮﺭﯨﺴﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﻯ ﻻﯞﺭﯦﻨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﯨﻴﺎ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﯧﻲ ﻛﻮﺳﯩﮕﯩﻦ ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻣﯩﺨﺎﺋﯩﻞ ﺳﯘﺳﻠﻮﯞ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﻠﯩﻚ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ؛

"ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻳﯜﺯﺳﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ، ﺑﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﭼﺎﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﺮﺍﺟﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ "ﻣﯩﻠﻠﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ" ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ . ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﺎﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﻡ ﺑﯘ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ " (33).

ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﻴﯘﺭﻭﺳﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺴﺴﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﺍﻳﺎﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﻴﺎﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ، ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻫﻪﻡ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﭼﯚﭼﻪﻙ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭼﺎﺭﻩ-ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ( 34). ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺴﺴﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭘﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻯ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭ ﯞﻻﺩﯨﻤﯩﺮ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﯞ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﯩﭙﺪﯦﺸﻰ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﻤﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ (ﻥ ﻙ ﯞ ﺩ) 4-ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻟﯧﻴﺘﯧﻨﺎﻧﺖ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﻻﯕﻔﺎﯓ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ "ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﻛﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ" ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﭘﯩﻼﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ (35) ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﯞﻩ ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯘﺭﺳﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ، ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﭼﯚﭼﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﻗﻮﺯﻏﯩﺴﺎ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺩﻭﻛﻼﺗﻼﺭ ﻳﻮﻟﻼﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﯩﺪﻩ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﻣﯩﺨﺎﻳﻠﻮﯞﻧﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ " ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﯞﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﺎ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ" ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ "ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻛﻮﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ" (36) ﺩﻩﭖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺷﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻜﻮﯞ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ " ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻡ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ" ﻧﻰ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﯩﮕﻪﻥ (37). ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺷﻘﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪﻥ. ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ 1944-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1949-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ 1943-ﻳﯩﻠﻰ 16-ﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯘﻳﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻤﺎﻱ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﺭﯗﺱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻼﺭ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻰ، ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ،ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ 1934-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩ 1937-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﻫ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻳﻮﻕ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺧﺎﻫﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺷﯘﻛﻰ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩ ﭼﯚﭼﻪﻙ ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻥ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﭘﺎﺭﻣﺎﺷﻮﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ 1943-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﭖ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮﻑ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺯﺍﻛﯩﺮﻭﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ(38). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ " ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ" ﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. 1942-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ، 1943-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﭼﯚﭼﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﻫﺎﺟﯩﻴﻮﭖ، ﻣﻪﺗﻨﯩﻴﺎﺯ ﻗﺎﺭﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ(39). ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، 1940-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﯞﻻﺩﯨﻤﯩﺮ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﻻﯕﻔﺎﯓ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ " ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ" ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ، ﭼﯚﭼﻪﻙ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻳﺎﺭﯗﻟﻼﺑﯧﻜﻮﭖ، ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺩﺍﺑﺎﺷﯩﻦ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻛﻮﻧﺴﻮﻝ ﺑﻮﺭﯨﺴﻮﯞ ( ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﮕﻨﺎﺕ ﺳﺘﯧﭙﺎﻧﻜﻮ)، 20-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﮔﯟﺍﺭﺩﯨﻴﻪﭼﻰ ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺷﯩﺘﺎﺏ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﻣﺎﺯﻫﺎﺭﻭﯞ، ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻱ ﺗﺎﺵ ﻳﻮﻝ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﻜﻰ ﻓﺎﺗﯩﻲ ﻟﯧﺴﻜﯩﻦ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﭘﺎﯞﻝ ﻣﺎﺳﻜﺎﻟﯩﻴﯧﯟ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﮔﺮﯨﺒﯧﻨﻜﯩﻦ، ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﻟﻮﻣﯩﻴﯧﯟ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺭﯗﺳﻼﺭ، ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﯞﻩ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ "ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ" ﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ (40).
ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯘﻳﻮﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ. ﻫﻪﺗﺘﺎ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﭼﻮﻳﺒﺎﻟﺴﺎﻥ 1943-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ.( 41)
1944-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 12 ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ " ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ" ﻣﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﺍﺑﺎﺷﯩﻦ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ ﺑﻮﺭﯨﺴﻮﯞ ﯞﻩ ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻳﺎﺭﯗﻟﻼﺑﯧﻜﻮﯞﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﺒﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﯞﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺷﯧﯔ ﺩﯗﺑﻪﻧﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، 1933-1937-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻨﯩﺪﻩ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ " ﺑﯩﺰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﯞﻩ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﯘﺳﯩﻠﻪﺭ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺳﯩﻠﻪﺭ" (42) ﺩﻩﭖ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺳﻪﻳﻔﯘﻟﻼﻳﯧﯟ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻓﺎﺗﯩﺦ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ(43).ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﯞﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻓﺎﺗﯩﺦ ﺑﺎﺗﯘﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ، ﺳﯜﻳﺪﯛﯓ، ﻛﯜﺭﻩﻧﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. 1944-ﻳﯩﻠﻰ ،12-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺖ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻮﺭﻏﺎﺳﺘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﯞ ﯞﻩ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻻﯕﻔﺎﯓ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻰ "2-ﺩﻭﻡ " ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ(44). ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﯞﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻤﻰ " ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻼ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺴﺎﻗﻼ ﻣﻪﻳﻠﻰ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻕ، ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻳﻠﯘﻕ؟" ﺩﻩﭖ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.( 45)

ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ 1949-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺋﯜﭺ ﻓﺮﻭﻧﺖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ 500 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ 2000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ(46) ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﻘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ-ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﺎ

Anonymous يازغان ئىنكاس

مەلۇم ساندىكى مۇھىم خام-ئەشيالارنى ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھەربى مىلتىق، ئاپتومات، زەمىبەرك ۋە ئوق -دورىلار ئۈچۈن يۇقىرى باھادا ھەق تۆلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى، قوي، كالا، يۇڭ، گۆش، ئاشلىق قاتارلىق چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئالماشتۇرۇلۇش ۋاسىتىسى قىلىنغان ئىدى(47). لېكىن، بۇ يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم پايدا بولماستىن، ھەقىقى پايدا، ئالتاي ۋە ئارشاڭدىن قېزىلغان قىممەتلىك رادىئاكتىپلىق ماددىلار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى بېرىيانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئازاد ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە كۈچلۈك بىخەتەرلىكنى قوغداش ئوپېراتسىيىلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، سوۋېت رازۋېتچىكلىرى بىر تەرەپتىن ئۈچ ۋىلايەتكە گومىنداڭ ھەم باشقا دۆلەت كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يەردىكى ھەرىكەتلىرنى رازۋېتكا قىلىشقا قارشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپ رەھھەرلىرى، ئىلغار يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ھەمدە ھەربىي قوماندانلارنى كۆزىتىپ، ئۇلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتلارغا دىققەت قىلاتتى(48). ئىلگىرى كېيىن، ن ك ۋ د ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى)نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىدىن 30-40-يىللاردا شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا پائالىيەت قىلغان پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى بورىسوۋ ( ئىگنات ستېپانكو)، پودپولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى كەسپىي رازۋېتچىكلار ، ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ ( ئىسكەندەر ئەپەندى)، پېتىر ساۋېن ( زاكىر تۆرە)، گابىت مۇزىپوۋ ( ئەلى ئەپەندى ۋە ياكى ئەلى مەمەدوف)، پروكوپىيۇ ۋە باشقىلارمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بىجا كەلتۈردى. 20-يىللاردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ يەرلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ن ك ۋ د ئورگىنىغا ئىشلەشكە باشلىغان ئەسلى ئاق گۋاردىيىچىلەرنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن گېئورگىي پالىنوۋ، مازھاروۋ، موگۇتنوۋ، گرېبىنكىن ۋە باشقىلارمۇ يۇقىرى خىزمەتلەرنى قولغا ئېلىپ، گېنېرال ئېگناروۋ باشچىلىقىدىكى " ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى" ۋە كېيىن 2- دومغا بىۋاسىتە بويسۇندى(49). سوۋېت بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئىسكەندەر ئەپەندى يەنى ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ بىلەن زاكىر ئەپەندى يەنى پېتر ساۋىن ۋە ئەلى ئەپەندى يەنى گابىت مۇزىپوۋ ئىسىملىك بۇ مۇھىم جاسۇس ئەلىخان تورىنى ئېلىپ كېتىش ئوپېراتىسىيىسىنى ئورۇندىدى. يېقىندا پاش بولغان ئارخىپلار ۋە سابىق ك گ ب پەۋقۇلئاددە ئوپېراتسىيە بۆلۈم باشلىقى سۇدپلاتوۋ ئۆز ئەسلىمىسىدە " تروتسكىينى ئۆلتۈرگەن ستالىننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى نائۇم ئەيتىنگون 1946-يىل يەنە بىر قېتىم ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە مەخپىي ئەۋەتىلىپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى يوقىتىش ئوپېراتسىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى تولۇق مەغلۇپ قىلىپ، ۋەتىنىگە قايتقان" (50) دەپ يازغان بولۇپ، رۇس تارىخچىلىرى تروتسكىينى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى بىجا كەلتۈرگەن بۇ شەخسنىڭ بەلكى ئەخمەتجان قاسىمى ، ئىسھاقبەگ مۇنونوپ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇشىنى پەرەز قىلماقتا. ئەمما بۇ ھەقتە تېخى يېتەرلىك ئارخىپ ئاساسىدىكى پاكىت يوق.

ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدا قىلىنىدىغان ھەرىكەتنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوۋقا تاپشۇرۇلغان بولۇپ (51)، ئوسمان يۈسۈپوۋ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھەمدە 1944-1949-يىللىرى ئۈچ ۋىلايەتكە مۇناسىۋەتلىك يەرلىك مىللەت خادىملىرىنى ئەۋەتىشكە مەسئۇل بولغان ، ئۇ 1947-يىلى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن كېلىپ چىققان، كېيىنكى ئۆزبېكىستان رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان خېلەم خۇدابەردى قاتارلىق 13 كىشىنى ئۆزى قوبۇل قىلىپ، ئىلىغا ئەۋەتكەن ئىدى ( 52). ئوسمان يۈسۈپوۋ يەنە 1946-يىلى 6-ئايدا ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىش ئىشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەلىخان تۆرە سوۋېت رازۋېتچىكلىرى تەرىپىدىن تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئوسمان يۈسۈپوۋ ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرغان(53) . ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بويىچە "قازاق ئېلى"، " شەرق ھەقىقىتى" قاتارلىق جۇرناللار نەشىر قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈلۈپ تۇرغان ئىدى.

قىسقىسى ، 1943-يىلى، 16-ماي كۈنى كرېمىل سارىيىدا ئېچىلغان يىغىن قارارى ئەمەلىيلىشىپ، ئاخىرى 1944-يىلى، 8-10-ئايلاردا نىلقا قوزغىلىڭى پارتلاپ غەلىبىسېرى كېڭەيگەن ھەمدە شۇ يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، 1944-يىلى، 9-ئاينىڭ بېشىدا شېڭ شىسەي ئۆلكە ھاكىمىيىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، چوڭچىڭغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن موسكۋا بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. بۇ يەردىكى ھەقىقەت شۇكى، ئۇنىڭ شېڭنى يوقىتىش پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ستالىننىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ئالتايدىكى ئۇران كانلىرىنى ئەركىن قېزىش پىلانى تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان، ئاتوم بومبىسى ياساش غايىسى تېخى رېئاللىققا ئايلانمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ئازاد قىلىنىپ، ماناس دەرياسى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مەمۇرىي ۋە ھەربىي-سىياسىي چېگرا قىلىنىپ، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بۇ ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازىلىنىپ، خاتىرجەم ھالدا ئارشاڭ ۋە كۆكتوقايدىكى كانلاردىن ئاتوم پىلانىغا كېرەك بولغان ئۇران ، ۋولفرام ھەم باشقا قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىشى كېرەك ئىدى. ستالىن ئاخىرى مۇددىئاغىلا ئەمەس، بەلكى سىياسى مۇددىئا ھەمدە ئىقتىسادىي مۇددىئاغىمۇ يەتتى. بىچارە ئۇيغۇر خەلقى شاھمات تاختىسىدىكى پېچكىلار كەبى ستالىننىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى.

Anonymous يازغان ئىنكاس

ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰﺋﺎﻟﺘﯘﻥ-ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ مەلۇم ساندىكى مۇھىم خام-ئەشيالارنى ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھەربى مىلتىق، ئاپتومات، زەمىبەرك ۋە ئوق -دورىلار ئۈچۈن يۇقىرى باھادا ھەق تۆلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى، قوي، كالا، يۇڭ، گۆش، ئاشلىق قاتارلىق چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئالماشتۇرۇلۇش ۋاسىتىسى قىلىنغان ئىدى(47). لېكىن، بۇ يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم پايدا بولماستىن، ھەقىقى پايدا، ئالتاي ۋە ئارشاڭدىن قېزىلغان قىممەتلىك رادىئاكتىپلىق ماددىلار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى بېرىيانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئازاد ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە كۈچلۈك بىخەتەرلىكنى قوغداش ئوپېراتسىيىلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، سوۋېت رازۋېتچىكلىرى بىر تەرەپتىن ئۈچ ۋىلايەتكە گومىنداڭ ھەم باشقا دۆلەت كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يەردىكى ھەرىكەتلىرنى رازۋېتكا قىلىشقا قارشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپ رەھھەرلىرى، ئىلغار يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ھەمدە ھەربىي قوماندانلارنى كۆزىتىپ، ئۇلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتلارغا دىققەت قىلاتتى(48). ئىلگىرى كېيىن، ن ك ۋ د ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى)نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىدىن 30-40-يىللاردا شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا پائالىيەت قىلغان پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى بورىسوۋ ( ئىگنات ستېپانكو)، پودپولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى كەسپىي رازۋېتچىكلار ، ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ ( ئىسكەندەر ئەپەندى)، پېتىر ساۋېن ( زاكىر تۆرە)، گابىت مۇزىپوۋ ( ئەلى ئەپەندى ۋە ياكى ئەلى مەمەدوف)، پروكوپىيۇ ۋە باشقىلارمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بىجا كەلتۈردى. 20-يىللاردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ يەرلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ن ك ۋ د ئورگىنىغا ئىشلەشكە باشلىغان ئەسلى ئاق گۋاردىيىچىلەرنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن گېئورگىي پالىنوۋ، مازھاروۋ، موگۇتنوۋ، گرېبىنكىن ۋە باشقىلارمۇ يۇقىرى خىزمەتلەرنى قولغا ئېلىپ، گېنېرال ئېگناروۋ باشچىلىقىدىكى " ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى" ۋە كېيىن 2- دومغا بىۋاسىتە بويسۇندى(49). سوۋېت بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئىسكەندەر ئەپەندى يەنى ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ بىلەن زاكىر ئەپەندى يەنى پېتر ساۋىن ۋە ئەلى ئەپەندى يەنى گابىت مۇزىپوۋ ئىسىملىك بۇ مۇھىم جاسۇس ئەلىخان تورىنى ئېلىپ كېتىش ئوپېراتىسىيىسىنى ئورۇندىدى. يېقىندا پاش بولغان ئارخىپلار ۋە سابىق ك گ ب پەۋقۇلئاددە ئوپېراتسىيە بۆلۈم باشلىقى سۇدپلاتوۋ ئۆز ئەسلىمىسىدە " تروتسكىينى ئۆلتۈرگەن ستالىننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى نائۇم ئەيتىنگون 1946-يىل يەنە بىر قېتىم ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە مەخپىي ئەۋەتىلىپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى يوقىتىش ئوپېراتسىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى تولۇق مەغلۇپ قىلىپ، ۋەتىنىگە قايتقان" (50) دەپ يازغان بولۇپ، رۇس تارىخچىلىرى تروتسكىينى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى بىجا كەلتۈرگەن بۇ شەخسنىڭ بەلكى ئەخمەتجان قاسىمى ، ئىسھاقبەگ مۇنونوپ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇشىنى پەرەز قىلماقتا. ئەمما بۇ ھەقتە تېخى يېتەرلىك ئارخىپ ئاساسىدىكى پاكىت يوق.

ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدا قىلىنىدىغان ھەرىكەتنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوۋقا تاپشۇرۇلغان بولۇپ (51)، ئوسمان يۈسۈپوۋ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھەمدە 1944-1949-يىللىرى ئۈچ ۋىلايەتكە مۇناسىۋەتلىك يەرلىك مىللەت خادىملىرىنى ئەۋەتىشكە مەسئۇل بولغان ، ئۇ 1947-يىلى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن كېلىپ چىققان، كېيىنكى ئۆزبېكىستان رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان خېلەم خۇدابەردى قاتارلىق 13 كىشىنى ئۆزى قوبۇل قىلىپ، ئىلىغا ئەۋەتكەن ئىدى ( 52). ئوسمان يۈسۈپوۋ يەنە 1946-يىلى 6-ئايدا ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىش ئىشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەلىخان تۆرە سوۋېت رازۋېتچىكلىرى تەرىپىدىن تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئوسمان يۈسۈپوۋ ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرغان(53) . ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بويىچە "قازاق ئېلى"، " شەرق ھەقىقىتى" قاتارلىق جۇرناللار نەشىر قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈلۈپ تۇرغان ئىدى.

قىسقىسى ، 1943-يىلى، 16-ماي كۈنى كرېمىل سارىيىدا ئېچىلغان يىغىن قارارى ئەمەلىيلىشىپ، ئاخىرى 1944-يىلى، 8-10-ئايلاردا نىلقا قوزغىلىڭى پارتلاپ غەلىبىسېرى كېڭەيگەن ھەمدە شۇ يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، 1944-يىلى، 9-ئاينىڭ بېشىدا شېڭ شىسەي ئۆلكە ھاكىمىيىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، چوڭچىڭغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن موسكۋا بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. بۇ يەردىكى ھەقىقەت شۇكى، ئۇنىڭ شېڭنى يوقىتىش پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ستالىننىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ئالتايدىكى ئۇران كانلىرىنى ئەركىن قېزىش پىلانى تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان، ئاتوم بومبىسى ياساش غايىسى تېخى رېئاللىققا ئايلانمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ئازاد قىلىنىپ، ماناس دەرياسى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مەمۇرىي ۋە ھەربىي-سىياسىي چېگرا قىلىنىپ، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بۇ ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازىلىنىپ، خاتىرجەم ھالدا ئارشاڭ ۋە كۆكتوقايدىكى كانلاردىن ئاتوم پىلانىغا كېرەك بولغان ئۇران ، ۋولفرام ھەم باشقا قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىشى كېرەك ئىدى. ستالىن ئاخىرى مۇددىئاغىلا ئەمەس، بەلكى سىياسى مۇددىئا ھەمدە ئىقتىسادىي مۇددىئاغىمۇ يەتتى. بىچارە ئۇيغۇر خەلقى شاھمات تاختىسىدىكى پېچكىلار كەبى ستالىننىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى
.

6. ناگاساكى ۋە غۇلجا

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنى قوزغاش ۋە مەزكۇر ئىنقىلاب نەتىجىسىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ تاكى 1949-يىلىنىنىڭ ئاخىرىغىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن مۇستەسنا ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوللىشىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار قاتارىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ موسكۋانىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش ئىستراتېگىيىسى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر قانچە مەسىلىلەر قاتارىدا، يالتا كېلىشىمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى گېرمانىيە ھەم ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش جەريانىدىكى ئەھۋاللارنىمۇ كۆرسىتىش مۇمكىن. ئەگەردە، ستالىننىڭ مەقسىتى پەقەتلا شېڭ شىسەينى ئورنىدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆلكىدىكى جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئىمتىيازلىرىنى قايتىدىن تىكلەش دەپ قارىغاندا، ئۇنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا ياردەم بېرىشى 1945-يىلى 6-11-فېۋرالدىكى ستالىن، رۇزۇۋېلت ھەم چېرچىللار ئارىسىدىكى يالتا سۆھبىتى ھەم يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بىلەن توختاپ قېلىشى كېرەك ئىدى. ھېچ بولمىغاندىمۇ، 1945-يىلى 14-ئاۋغۇستتا يالتا روھى بويىچە "سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى" نىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن خۇلاسىلىنىشى لازىم ئىدى. چۈنكى، ستالىن ئەنە شۇ يالتا كېلىشىمىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىن زېمىن تەلىپى يوقلۇقى ۋە بۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن(54). ئەمما، ئۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ستالىن "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى"گە داۋاملىق ياردەم بەردى. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب ھەققىدە شۇنداق پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىنكى، چۈنكى، بىرىنچىدىن ستالىن يالتا كېلىشىمىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى تەڭشەشتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تېخى ئەمەلىيەتكە ئاشۇرمىغان ھەمدە تولۇق كاپالەت ئاستىغا ئالمىغا ئىدى. ئىككىنچىدىن كەسكىن قىلىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇ تېخى ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى مەنبەلىرى جايلاشقان تارباغاتاي، ئالتاي رايونىدىن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى تولۇق تازىلاپ بولالمىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنە شۇ مەقسەتلىرىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان، مىللىي ئارمىيە شىددەت بىلەن ئوتتۇرا ، شىمالىي يۆنىلىشلەردە جەڭ قىلىۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلگەن ، 1945-يىلى، 24-ئىيۇلدىكى پودستام يىغىنى مەزگىلىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلدى. پوتسدام يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترۇمېن ستالىنغا بۇ خەۋەرنى ئېيتقاندا، ستالىن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ قويسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭمۇ مۇنداق بومبىنى ياساشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى چاندۇرمىدى.( 55) .

چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيىدىن قولغا چۈشۈرگەن ئۇران زاپاسلىرى ئۇنىڭ ئاتوم پىلانىدىن تولىمۇ يىراقتا بولۇپ، ئۇ يەنىلا زور مىقداردا ئۇرانغا مۇھتاج ئىدى، بۇ ئۇران كانلىرى پەقەت شىنجاڭ ئۆلكىسىدىلا بار ئىدى. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان كۈننىڭ ئەتىسى ستالىن سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيىگە قارشى مانجۇرىيىدىكى پۈتۈن سەپلەر بويىچە 9-ئاۋغۇست كۈنى ھۇجۇم باشلاش بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا ناگاسىكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. 14-ئاۋغۇست كۈنى بولسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى رادىئو ئارقىلىق تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان كۈنى موسكۋادا "سوۋېت –جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى" ئىمزالاندى ھەمدە قىسقىغىنا بىر ھەپتە ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى پۈتۈن مانجۇرىيىنى ھەمدە كورىيە يېرىم ئارىلىنى ئاساسەن ئىشغال قىلىش بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي گۇمران قىلىنىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇلغان ھەمدە موسكۋا يالتا كېلىشىمىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىمتىيازلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاتوم بومبىسىنىڭ ھەقىقەتەن قىرىش كۈچى بارلىقىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق تونۇپ يەتتى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى بىردىن-بىر ئاتوم دۆلىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشنى ئۆزىگە نىسبەتەن يېڭى تەھدىت ھېسابلاپ، ئاتوم بومبىسى ياساش سۈرىتىنى ئەڭ يۇقىرى سۈرەتتە تېزلىتىشنى قارار قىلدى(56).

بۇ ئېھتىياج بىلەن 1945-يىلى 20-ئاۋغۇست كۈنى ستالىن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 9887-نومۇرلۇق قارارىنى تەستىقلاپ، يېڭى ئاتوم پىلانى قۇرۇلمىسى قۇرۇپ چىقتى. ئومۇمىي خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن "ئالاھىدە كومىتېت قۇرغان بولۇپ، " ئاتوم سىياسىي بيۇروسى" دەپ ئاتالغان مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە بېرىيا تەيىنلىنىپ، تەركىبىگە ستالىن قاتارلىق مۇھىم رەھبەرلەر ۋە بىر قىسىم ئاتوم ئالىملىرى كىرگۈزۈلدى. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيىنى يوقىتىش بىلەن كۆپلىگەن گېرمان ئاتوم ئالىملىرى ھەم گېرمانىيىنىڭ بىر قىسىم ئۇران زاپاسلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆز پىلانى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇران زاپىسى شۇنىڭدەك تېخنىكا كۈچى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇران قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇلدى. مەزكۇر 9887-نومۇرلۇق قاراردا " كەڭ كۆلەمدە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇران خام ئەشيا بازىسىنى قۇرۇش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېشىدىكى ئۇران مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش، ئۇران سانائىتىنى تەشكىللەش ھەمدە ئاتوم ئېنېرگېتىكا ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ۋە ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقىش" دەپ بېكىتىلگەن . ( 57) بۇ قارار بويىچە خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى قارمىغىدا ئىجرا قىلىش ئورگىنى قۇرۇپ، ئاتوم ساھەسىگە ئائىت مەخپىي كان ۋە سانائەت ئورگانلىرى قۇرۇپ چىقىپ، بۇلاردا تۈرمىگە تاشلانغان ئادەملەرنى ئىشلەتتى. بۇ ئادەتتە "ئاتوم گۇلاگى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر ساھەدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 700 جىنايەتچى ئىشلىگەن ئىكەن(58).
ئەنە شۇ قارار بويىچە ستالىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىمزا قويغان يالتا كېلىشىمىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان قارار بويىچە 14- ئاۋغۇست كۈنى جۇڭگو بىلەن "دوستلۇق كېلىشىمى" نى تەستىقلىغان ھەمدە جاڭكەيشى ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچىلارنى قوللىماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىگە قارىماي، يەنىلا مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق تۈردە ھۇجۇم قوزغاپ، 1945-يىلى، 9- سېنتەبىر كۈنى ئالتاينى، 16-سېنتەبىر كۈنى جىڭ ۋە شىخونى ئازاد قىلىپ، ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كېلىشىگىچە يول قويدى. 2000 دىن ئارتۇق قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ۋە 500 نەپەر قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرى مىللىي ئارمىيىنىڭ بۇ ئۇرۇشلىرىغا بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇلدى(59). بۇ ۋاقىتتا ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت تولۇق ئازاد بولۇش بىلەن ئارشاڭ ھەم كۆك توقايدىكى رادىئاكتىپلىق مېتاللار مەنبەلىرىنى ئېچىش شارائىتى يارىتىلغان بولۇپ، ستالىن ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي تېخنىكا، خام ئەشيا ھەم كادىر ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللىشى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى توختىتىپ قويدى ھەمدە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى گومىنداڭ بىلەن بېتىم تۈزۈشكە قىستاش بىلەن ئۆزىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ۋەدىسىنى كۆرسەتتى. بىراق، سۆھبەت 10 ئايغا سوزۇلدى شۇنىڭدەك ئارقىدىن 1946-يىلى 7-ئايدىن 1947-يىلى 8-ئايغىچە بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولدى. بۇ ھۆكۈمىتىمۇ بۇزۇلۇپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى رەھبەرلىرى غۇلجىغا قايتىپ كېتىپ، ماناس چېگرىسى تاكى 1949-يىلى 11-ئايغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. قىسقىسى ئەنە شۇ 5 يىل جەريانىدا گومىنداڭ ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى سوۋېت تەسىرى ئاستىدىكى مەزكۇر ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە كىرەلمىگەن بولۇپ، مەزكۇر رايون مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇران قېزىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

قىسقىسى، پاكىتلار ئارقىلىق مەنتىقىلىق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىنكى، خىروشىما ۋە ناگاساكىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلىشى، ئىنسانىيەكە ھەقىقەتەن قۇدرەتلىك قىرىش خاراكتېرلىق قورالنى ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەگەردە بۇ قورال كىمنىڭ قولىدا بولسا، ئۇنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى بەلگىلەشتىكى تەڭداشسىز كۈچگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئىسپاتلاپ بەردى. ناگاساكى ۋە خىروشىمادىكى ئىنسانىيەتنى چۆچىتىدىغان دەھشەتلىك مەنزىرە ستالىننىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەر قانداق بەدەلگە قارىماي، ئەڭ تەز سۈرئەتتە ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانىنى كۈچەيتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن گەرچە ستالىن يالتا يىغىنىدا جۇڭگو مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلىپ، يالتا روھى بويىچە 1945-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، جۇڭگودىن ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا شۇ ئاساسلىق مۇددىئا ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئۇران بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئازاد ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يول قويماي، غۇلجا يەنىلا مەزكۇر ھېچ قايسى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان مۇستەقىل ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي قىرغىقى خۇددى ئىككى دۆلەت كەبى ئوخشىمىغان دۆلەت بايرىقى، ئوخشىمىغان ئارمىيە ۋە دۆلەت ھەم ساقچى ئاپپاراتلىرى ۋە ئوخشىمىغان مائارىپ ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تەڭداش مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ناگاساكادىكى پارتلاش ئاۋازى گەرچە غۇلجىغا ئاڭلانمىغان شۇنىڭدەك بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 5-6 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئازادلىققا، ھۆرلۈككە تەشنا خەلقلەرنىڭ مىڭلىغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىسسىق قان بەدىلىگە قۇرۇلغان غۇلجا ھۆكۈمىتى ستالىننىڭ ئاتوم پىلانى ئۈچۈن بىلىپ-بىلمەي خىزمەت قىلدى. ستالىنغا ئىشەنگەن، ئۇنىڭدىن ئازادلىق ئۈمىدلىرىنى كۈتكەن غۇلجا رەھبەرلىرى سوۋەت ئىتتىپاقى كان خادىملىرىنىڭ كۆك توقاي ۋە ئارشاڭ قاتارلىق جايلارغا قايتىپ كېلىپ، جىددىي رەۋىشتە ئۇران قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان رادىئاكتىپلىق ماددىلار ۋە باشقا رودىلارنى قېزىشىغا، خەلق ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى ۋە "ئاتوم سىياسىي بىيورىسى"نىڭ رەئىسى بېرىيانىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدىكى سوۋېت ن ك ب د قوشۇنلىرى ئۆزى خالىغانچە ئارشاڭ ۋە كۆك توقايدىكى كان رايونىغا كىرىپ، تولۇق قوراللانغان ھالدا قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇگۇللاندى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئەشۇ سوۋېت دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 9887-نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئىجراسىنىڭ بىر مۇھىم قىسىمى ئىدى خالاس.


7. ئارشاڭ ۋە كۆك توقايدىكى قېزىش

دېمەك، ناگاساكى ۋە خىروشىمادىكى ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاش ئاۋازىدىن بىر ئاي كېيىن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە، 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق تېررىتورىيىدە جۇڭخۇئا مىنگو ھاكىمىيىتى يوق قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نامىدا بىرلىككە كەلگەن بىر يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى يولغا قويدى. سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە خادىملىرى جۈملىدىن ئۇران قازغۇچىلىرى موسكۋانىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى مەزكۇر ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئىلگىرى ئۆزلىرى تاپقان ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى مەنبەلىرىگە قايتىپ كېلىپ قېزىش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. ئەسلىدە، سوۋېت كان خادىملىرى 1935-يىلىدىن كېيىنلا شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىش نامىدا شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ، 1940-يىلى شېڭ شىسەي بىلەن ستالىن ئارىسىدىكى "كونسېسسىيە كېلىشىمى" دىن كېيىن ئىلىدا ئۆلكىلىك "گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى" قۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر ئىلگىرىكىدىن ئاكتىپ ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ئورگان ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىشلىرىغا ياردەمچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىغان ئىدى(60).

سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئارشاڭ تەۋەسىدە تېپىلغان "ۋولفرام" كانى دەپ ئاتالغان كان ئەسلىدە 1938-يىللىرى تېپىلىپ بېكىتىلگەن ھەمدە 1943-يىلىغا كەلگىچە ئىنجېنېرلار 60 قا، ئىشچىلار 3000 مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن 1943-يىلى مايتاغ نېفىتلىكى بىلەن تەڭ توختاپ قالغان(61) . شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئازاد قىلىنىش بىلەن تەڭلا سوۋېت گېئولوگىيە ۋە كان خادىملىرى ئارشاڭدىكى كاڭغا قايتىپ كېلىپ، جىددىي قېزىش ئىشلىرىغا كىرىشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارشاڭدىكى ۋولفرام كېنىنى قېزىش ئىشلىرى 1945-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدىن تارتىپ تاكى 1950-يىلىغىچە ھېچ توسالغۇسىز داۋاملىشىپ، ئىشچىلار ھەم تېخنىكا قوشۇنى ئىزچىل كۆپەيتىلىش بىلەن ئېرىشكەن مەھسۇلات سانىمۇ يىلدىن يىلغا ئاشۇرۇلغان.
ھازىرچە، سوۋېت تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى ئارخىپ ھۆججەتلىرى تېخى ئاشكارا بولمىغاچقا سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپىي شەكىلدە ئېلىپ بارغان مەزكۇر كان قېزىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىمۇ تولۇق ئەمەس. بىراق، گومىنداڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىگىلىگەن تولۇقسىز مەلۇماتلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى قوزغىلىڭىدىن كېيىنكى ئالاھىدە ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، ئارشاڭ تەۋەسىدىكى كان رايونىدا " پۈتۈنلەي يېڭىچە قېزىش ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىپ، يەرلىك موڭغۇل، قازاق، ئۇيغۇرلاردىن 3000 دىن ئارتۇق ئىشچى يالاپ، ھەر كۈنى 825 جىڭ ، يىلدا 150 توننا كان مەھسۇلاتى قېزىپ چىقارغان. 1946-يىلى، كان ئىشچىلىرىنىڭ سانى بىر تۇمەنگە يەتكۈزۈلۈپ، 1945-يىلىدىكىدىن تەخمىنەن ئۇچ ھەسسە، قازغان كان مەھسۇلاتى تەخمىنەن 450 توننىغا يەتكۈزۈلگەن. 1947-يىلى كان ئىشچىلىرى 20 مىڭغا يەتكۈزۈلۈپ، 1945-يىلىدىكىدىن يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇلغان. قازغان مەھسۇلاتىمۇ مىڭ توننا دەپ پەرەز قىلىنغان . ئۈچ يىل ئىچىدە جەمئىي 1600 توننا كان مەھسۇلاتى قازغان( 62). مەزكۇر ھۆججەتتىكى ئۇچۇردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازغان كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرىنچى يىلى ئازراق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن ئارشاڭ قاتارلىق جايلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان ئىلى ۋىلايىتىنىڭ 1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە تولۇق ئازاد بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سوۋېتنىڭ بۇ جايدىكى گېئولوگىيىلىك ھەرىكىتىنىڭ تەخمىنەن شۇ يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئىككىنچىدىن دەسلەپكى يىلى ئىشچىلار سانىمۇ ئازراق بولغان.

گومىنداڭ غەربىي شىمال بارگاھىنىڭ 1948-يىلى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يوللىغان مەزكۇر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئارشاڭدىكى كان مەنبەسى ئۈچ جايغا جايلاشقان بولۇپ، بىرى ئارشاڭ ناھىيىسىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىغىستاي( چىكەسىتاي) رايونى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش پونكىتىدىن 30 كىلومېتىر يىراقتا بولۇپ، كان رايونىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىر، كەڭلىكى بىر كىلومېتىر. ئىككىنچىسى ئارشاڭ ناھىيىسىدىن 25 كىلومېتىر يىراقتىكى ۋە چىغىستاي رايونىنىڭ شەرقىدىن 22 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خۇسىتاي رايونى بولۇپ، كانلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن 2400 دىن 2800غىچە بولغان تاغ ئارىسىغا جايلاشقان. ئۈچىنچى جۇلىكەن دەريا ساھىلىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 1800 دىن 2000غىچە ئېگىز بولغان تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى بىراق تەكشى بولۇپ، كان قازىدىغان جاي بىلەن كان كان مەيدانى ئارىسى يېقىنراق بولغان ( 63). ئارشاڭدا كان مەھسۇلاتلىرىنى ساقلايدىغان پونكىت شۇنىڭدەك كان رايونىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق كان ئىشلىرىغا كېرەكلىك بولغان ئەسلىھەلەرنى قۇرغان.

گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتى قىسقا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا مەزكۇر كان رايونىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىدىن باشقا يەنە قانچىلىك زاپاس بارلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىرنچى كان رايونىدا 1050 توننا، ئىككىنچى كانلىقتا 2350 توننا، ئۈچىنچى كانلىقتا 5600 توننا بولۇپ، جەمئىي 9 مىڭ توننا كان مەھسۇلات زاپىسى بارلىقى قەيت قىلىنغان(64). گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتنى نەدىن ئالغانلىقى ۋە قانداق ئىگىلىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، ئەلۋەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈپ يۇقىرىقى سانلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشى تېخىمۇ رېئاللىقتىن يىراق بولۇپ، بەلكى ئۇلار بۇ يەردە 1943-يىلىدىن ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيگە ئاشكارا قىلغان سانلىق مەلۇماتىنى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ۋە قانچىلىك زاپىسى بارلىقى ھەققىدە شېڭ شىسەيگە راستچىل مەيداندا تۇرۇپ مەلۇمات بەرگەنمۇ يوق، بۇنىسى نامەلۇم. چۈنكى، زاتەن شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا تۈزۈلگەن 1940-يىلى، 26-نويابىردىكى "كونسېسسىيە كېلىشىمى" مۇ مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، موسكۋا بۇ ھەرىكىتىنى باشتىن ئاخىرى مۇتلەق مەخپىي تۇتقان.

گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ توپلىغان بۇ مەلۇماتلىرىمۇ پەرەز ۋە تەخمىن قىلىش تۈسىنى ئالغانلىق ئېھتىماللىقى زور. گەرچە، 1946-يىلى 7-ئايدىن تاكى 1947-يىلى 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە ھەربىي-سىياسى، مەمۇرىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن كىرىپ، ئۇنى ئۈرۈمچى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى ئەمەلگە ئاشمىغان، ئۈچ ۋىلايەت يەنىلا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرگەن. ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى ئىلى تەرەپ گومىنداڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەتنى ئىگىلىشىگە يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن گومىنداڭ ئىلىنى "ئالاھىدە بولۇۋالدى" دەپ دائىم ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نەنجىڭنىڭ مەزكۇر مۇستەقىل "ئالاھىدە رايون" 'غا ئادەم ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى جۈملىدىن كان قېزىش ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، تولۇق سانلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 1947-يىلى ،8-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجىغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، قايتىدىن ئىلى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسى جىددىيلىشىپ، ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى بىر-بىرىگە قارشى جىددىي ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بۇ ھال تاكى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدىن تېخىمۇ زور مىقداردا كان مەھسۇلاتى ئالغانلىقى تەبىئىي. چۈنكى، ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋەسىدىكى ئارشاڭ 1947-1948-يىللىرىدىكى ئوسمان ۋە قالىبەك قاتارلىقلارنىڭ ئىسيانى ھەم بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن خالى بولۇپ، ۋەزىيەت مۇقىم بولغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ناھايىتى خاتىرجەم ھەم ئوڭۇشلۇق ھالدا كان قېزىشقا مۇۋەپپەق بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جايلار قازاقىستان چېگرىسىغا بەك يېقىن، ئىلىنىڭ باشقا ئادەم زىچ جايلىرىدىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئېرىشىلگەن مەھسۇلاتلارنى ھەتتا قورغاس ئارقىلىق ئېلىپ كېتىشمۇ ئاسانغا چۈشكەن ئىدى.

زىيارەت كۆرسەتكۈچى
free hit counter

كىرگەنلەر سانى
free hit counter